ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

سۇ قانچىلىك ۋاقىت قاينىسا مۇۋاپىق بولىدۇ؟

2018.05.23 16:40 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئىچىملىك سۇنىڭ قاتتىقلىقى كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، ئىچىملىك سۇنىڭ قاتتىقلىقى قانچە يۇقىرى بولسا، يۇقىرى قان بېسىمى خاراكتېرلىك يۈرەك كېسىلى، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، مېڭە قان تومۇر كېسىلى ۋە بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇش قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدىكەن. ئادەتتە ئىچىملىك سۇنى قاينىتىش ئارقىلىق سۇنىڭ قاتتىقلىقىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن. سۇنىڭ قايناش ۋاقتى، قايناق سۇ قۇيۇلغان قاچا ئاغزىنىڭ ئوچۇق ياكى يېپىق بولۇشى ۋە قايناق سۇنىڭ چايداندىكى ساقلىنىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن- قىسقىلىقىمۇ سۇنىڭ قاتتىقلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

  ئىچىملىك سۇنىڭ قاتتىقلىقى قايناش ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ تۆۋەنلەيدىكەن، ئادەتتە ئون مىنۇت ئەتراپىدا قاينىسا قاتتىقلىقى٪50 تۆۋەنلەيدىكەن. قاچىغا قۇيۇلغان قايناق سۇ بىر سائەت تۇرغۇزۇلسا، قاچىنىڭ ئاغزىنى ياپقاندىكى قاتتىقلىقنىڭ تۆۋەنلىشى ئاغزىنى ياپمىغاندىكىگە قارىغاندا كۆپ بولىدىكەن، ئاغزىنى ياپقان دەسلەپكى بىر مىنۇت ئىچىدە كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدىكەن، بىر مىنۇتتىن بىر سائەتكىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆزگىرىش چوڭ بولمايدىكەن. قايناق سۇ چايدانغا قۇيۇلسا قاتتىقلىقى ئىزچىل تۆۋەنلەيدىكەن، سەككىز سائەتكىچە %50 تۆۋەنلەيدىكەن، سەككىز سائەتتىن 24 سائەتكىچە ئۆزگىرىش چوڭ بولمايدىكەن.

  مۇناسىۋەتلىك تەجرىبىلەردە كۆرسىتىلىشىچە، سۇ قايناپ بەش مىنۇت ئىچىدە سۇدىكى نىترىتلارنىڭ ئېشىشى ئاستىراق، بەش مىنۇتتىن ئون مىنۇت ئارىلىقىدا ئېشىشى كۆرۈنەرلىك بولىدىكەن، 15 مىنۇتتىن كېيىن ئېشىپ بەش مىنۇتتىكى مىقدارىنىڭ توققۇز ھەسسىسىگە تەڭلىشىدىكەن. كۆپ مىقداردىكى نىترىتلار بەدەنگە كىرسە، راك پەيدا قىلىش رولى نىسبەتەن كۈچلۈك بولغان نىتروزامىن تۈرىدىكى باكتېرىيەلەرنى پەيدا قىلىدىكەن. شۇڭا، سۇدىكى كېسەل باكتېرىيەلىرى ۋە ۋىرۇسلارنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە يوقىتىش، سۇنىڭ قاتتىقلىقى ۋە نىترىتلارنىڭ مىقدارىنى ئامالنىڭ بارىچە تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن سۇنىڭ قايناش ۋاقتى بەش مىنۇتتىن ئون مىنۇت ئارىلىقىدا بولسا نورمال بولىدىكەن.

  ئېرفانجان ياسىن تەرجىمىسى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر