ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئۆي ئىچىدىكى نۇردىن بۇلغىنىش

2018.01.08 17:03 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئۆي بېزىگەندە كىشىلەر دائىم ئۆي ئىچىدىكى ھاۋانىڭ سۈپىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يورۇتۇش ئەسۋابلىرى ۋە فارفۇر خىش تاللىغاندا، ئۆي ئىچىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان يورۇتۇش ئۈنۈمىگە سەل قارايدۇ، نەتىجىدە نۇردىن بۇلغىنىش پەيدا بولىدۇ.

  ئالاقىدار تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، %70تىن ئارتۇق ئىستېمالچى ئۆي ئىچىنى يورۇتۇش چىراغلىرى بىلەن بېزىگەندە نۇردىن بۇلغىنىش بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەن ھەم ئۆي ئىچىنى يورۇتۇش چىراغلىرى ئارقىلىق بېزەشنىڭ سالامەتلىككە كۆرسىتىدىغان سەلبىي تەسىرىنى تازا دېگەندەك چۈشىنىپ كەتمەيدىكەن.

  ئادەتتە ئۆي ئىچىدە كۆپ ئۇچرايدىغان نۇردىن بۇلغىنىش ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئۈچ جەھەتتىن كۆرۈلىدىكەن، بىرىنچىدىن، كۆزنى زىيادە چاقنىتىدىغان بېزەش ماتېرىياللىرى. ئۆي ئىچىنى تېخىمۇ يورۇق قىلىش ئۈچۈن، بەزىلەر ئۆي ئاستىغا يورۇقلۇق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان فار- فۇر خىشنى ياتقۇزىدۇ، بېزەش ماتېرىياللىرىغا كۆزنى چاقنىتىدىغان سۇۋالغۇلارنى بېرىدۇ، يەنە ئۆي ئىچىدە بىر قانچە ئورۇنغا ئەينەك جازىلارنى ئورنىتىۋالىدۇ، مۇنداق مۇۋاپىق بولمىغان ئورۇنلاشتۇرۇش كۈچلۈك يورۇقلۇق قايتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۆي ئىچىدە نۇردىن بۇلغىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئۆي ئىچىدىكى مۇۋاپىق بولمىغان يورۇتۇش ئەسلىھەلىرى، مەسىلەن، رەڭگارەڭ چىراغلار. ئۈچىنچىدىن، ئۆي سىرتىدىكى كېچە- كۈندۈز يېنىپ تۇرىدىغان يورۇتۇش چىراغلىرى. يورۇتۇش مەنبەلىرى، يەنە كېلىپ شەھەرلەردىكى سودا ساراي، ئېگىز ئىمارەتلەرنىڭ ئېلان چىرىغى، نېئونلۇق لامپا قاتارلىقلارنىڭ نۇرى ئۆي ئىچىگە چۈشۈپ، ئۆي ئىچىدە نۇردىن بۇلغىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  ئادەتتىكى ئەھۋالدا، پول ۋە تام يۈزىدىن قايتقان نۇر كوئېففىتسېنتى %60تىن تۆۋەن بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە يەر يۈزىنىڭ نۇر قايتۇرۇش كوئېففىتسېنتى %15~35%گىچە بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ. ئۆي ئىچىگە زىيادە يورۇق بولغان بېزەش ماتېرىياللىرىنى ئىشلەتكەندە ياكى ئورناتقاندا، قايتقان نۇر كوئېففىتسېنتى %90كە يېتىپ، ئادەم بەدىنىنىڭ بەرداشلىق بېرىش چېكىدىن ھالقىپ كېتىدۇ. مۇنداق مۇھىت ئاسانلا كىشىلەرنىڭ ھېرىپ- چارچىشىنى ياكى كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كۆزگە ئاق چۈشۈش خېيىم- خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە نورمال بولغان فىزىيولوگىيەلىك رىتىمغا كاشىلا قىلىپ، نېرۋىلارنىڭ ئاجىزلىشىپ كېتىشىنى ۋە ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  ئۆي ئىچىدىكى چىراغ نۇرىنىڭ زىيادە رەڭگارەڭ بولۇشى كۆرۈش قۇۋۋىتىگە زىيان سالغاندىن باشقا، يەنە چوڭ مېڭە مەركىزىي نېرۋىلىرىنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، باش قېيىش، كۆزنى قاماشتۇرۇش، ئۇيقۇسىزلىق ۋە روھىي كەيپىياتى تۆۋەنلەپ كېتىش ھەتتا قان بېسىم يۇقىرىلاپ كېتىش، يۈرەك سېلىش، قىزىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. بۇنداق مۇھىتنىڭ بوۋاقلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى تېخىمۇ چوڭ بولۇپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

  ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا ئۆي ئىچىدە نۇردىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

  1. يورۇتۇش جەھەتتە، ئۆي ئىچىنىڭ يورۇقلۇق ئېھتىياجى ۋە رەڭ تۈسىنى ماسلاشتۇرۇشنى ئويلىشىش كېرەك. ئاساسلىق يورۇقلۇق مەنبەسى سالقىن رەڭ تۈسىنى ئاساس قىلىش، قوشۇمچە ئىللىق رەڭلىك نۇر مەنبەسىنى ماسلاشتۇرۇش كېرەك. ئۆي ئىچىنىڭ ئەمەلىي ئىشلىتىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، كىتابخانا، مېھمانخانا، ئاشخانا قاتارلىقلارغا سالقىن نۇر چىقىرىدىغان چىراغلارنى، ھۇجرا، تازىلىق ئۆيى، بالكونلارغا يېقىملىق رەڭ چىقىرىدىغان چىراغلارنى ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىتىش كېرەك.

  2. يورۇقلۇق مەنبەسىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يورۇقلۇقنىڭ كۆزگە بىۋاسىتە چۈشۈشىدىن ساقلىنىش كېرەك. مۇقىم يورۇقلۇق مەنبەسى يورۇق ۋە قاراڭغۇنىڭ ئالمىشىشى ۋە كۆز چاقناشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى قوغداپ، خىزمەت ئۈنۈمى ۋە ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئادەمنىڭ كۆرۈش سېزىمى ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان نۇر ۋە نۇر مەنبەسىنىڭ بۇلۇڭ گىرادۇسى بىلەن باغلىنىشلىق بولىدۇ، ئادەمنىڭ كۆرۈش سىزىقى بىلەن يورۇقلۇق مەنبەسى ئارىسىدىكى بۇلۇڭ قانچە كىچىك بولسا، ھېس قىلغان نۇر شۈنچە كۈچلۈك بولىدۇ. كۆرۈش سىزىقى يۆنىلىشى بىلەن يورۇقلۇق مەنبەسى ئارىسىدىكى بۇلۇڭ 60 گىرادۇستىن ئېشىپ كەتسە، چېچىلغان نۇر ئاجىز بولىدۇ.

  3. بېزەش ماتېرىياللىرىنى توغرا تاللاش كېرەك. ئۆي ئىچىنى بېزىگەندە، نۇر قايتۇرۇش كوئېففىتسېنتى تۆۋەن بولغان بېزەش ماتېرىياللىرىنى تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك، مەسىلەن يىرىك سۇۋالغان تام يۈزى بېزەش ماتېرىياللىرى، تەركىبىدە بۇلغىغۇچى ماددىلار ئاز بولغان سۇۋالغۇ قاتارلىقلار؛ قايتقان نۇر بىلەن يورۇقلۇقنىڭ فوكۇسلىشىشىدىن پەيدا بولغان چېچىلغان نۇردىن ساقلىنىش كېرەك. كىتابخانا ۋە بالىلار ھۇجرىسىغا ئەڭ ياخشىسى پولنىڭ ئورنىغا خىش ياتقۇزۇش كېرەك. ئەگەر كۆزنى چاقنىتىدىغان پارقىراق خىشنى ياتقۇزسا، ئادەتتىكى ۋاقىتتا كىچىك چىراغنى يېقىپ قويۇش كېرەك، مۇنداق قىلغاندا، قايتقان نۇرنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرگىلى بولىدۇ.

  4. تەبىئىي يورۇتۇش ئۈنۈمىدىن تولۇق پايدىلىنىش كېرەك. ئۆي ئىچىگە تەبىئىي يورۇقلۇقنىڭ يېتەرلىك چۈشۈپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن، سىرتتىكى يورۇقلۇق يېتەرلىك ۋاقىتتا ئىشىك- دېرىزىلەرنى پات- پات ئېچىپ ئۆي ئىچىگە تەبىئىي يورۇقلۇقنىڭ چۈشۈپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
  ھۆسىناجى ئابدۇرېھىم تەرجىمىسى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر