ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

كەم ئۇچرايدىغان ئېسىل يېمەكلىك − مامكاپ

2018.01.08 17:01 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مامكاپ مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېتىز- ئېرىق بويلىرىدا ئۆسىدۇ. قارىماققا ئۇ ئاددىي ياۋا ئوت- چۆپ بولسىمۇ ئەمەلىيەتتە تېپىلغۇسىز ساغلاملىق يېمەكلىكى ھېسابلىنىدۇ.

  ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە مامكاپنىڭ تەمى ئاچچىق، تەبىئىيتى سوغۇق، زەھەرسىز، قىزىتما ياندۇرۇش، زەھەر قايتۇرۇش رولى بار بولۇپ دورىلىق قىممىتىگە ئىگە ئىكەن. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مامكاپنىڭ باكتېرىيەگە قارشى تۇرۇش، سۈتنى راۋانلاشتۇرۇش، ئۆسمىگە قارشى تۇرۇش، ئۆت سۇيۇقلۇقىنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بار ئىكەن. بادام بەز ياللۇغى ۋە ئۆت ياللۇغى قاتارلىقلارغا قارىتا بەلگىلىك داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە ئىكەن. ياپونىيەلىكلەر مامكاپتىن پايدىلىنىپ سۈت بېزى كېسەللىكلىرىنى داۋالاش بىلەن بىللە، يەنە مامكاپ يېمەكلىكلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارماقتا؛ گېرمانىيەلىكلەر مامكاپنىڭ يىلتىزىنى پىششىقلاپ ئىشلىگەندىن كېيىن قەھۋە ئورنىدا ئىچىشنى تەتقىق قىلماقتا.

  مامكاپنىڭ پۈتۈن جىسمى گۆھەر بولۇپ، تەركىبىدە ۋىتامىن Cنىڭ مىقدارى ئەڭ كۆپ، ۋىتامىن B2، ۋىتامىن B1نىڭ مىقدارىمۇ ناھايىتى مول. بۇلارنىڭ ئىچىدە يوپۇرمىقىدا ۋىتامىن Cنىڭ مىقدارى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ھەر 100 گىرامدا 59.2 مىللىيگىرامغا يېتىدۇ؛ غۇنچىسىدا ۋىتامىن B2نىڭ مىقدارى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ھەر 100 گىرامدا 1.8 مىللىيگىرامغا يېتىدۇ. مامكاپتا 17 خىل ئامىنو كىسلاتاسى بار، γ ئامىنو بۇتىرىك كىسلاتا ئادەمنىڭ مېڭە مېتابولىزمىدا مۇھىم رول ئويناپ ئاتسېتىل خولىننىڭ بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، مامكاپتا يەنە كالىي، كالتسىي، تۆمۈر، سىنك ۋە مانگان قاتارلىق كۆپ خىل مىنېرال ماددىلار بار. مامكاپنىڭ يىلتىزىدا كالىي بىلەن ناترىينىڭ نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، ئورگانىزملارنىڭ كىسلاتا- ئىشقارلىق تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشقا ياردەم بېرىدۇ.

  مامكاپنى قانداق ئىستېمال قىلسا تېخىمۇ قۇۋۋەتلىك بولىدۇ؟ مامكاپنىڭ يوپۇرمىقىنى خام يېيىشكىمۇ، يىلتىزىنى بىۋاسىتە پىشۇرۇپ يېيىشكىمۇ، پىششىقلاپ ئىشلىگەندىن كېيىن قەھۋە ئورنىدا ئىچىشكىمۇ بولىدۇ؛ گۈلىدىن ھاراق ئىشلەشكە بولىدۇ. خام يېيىشتە مامكاپنىڭ يۇمران غولى ۋە يوپۇرمىقىنى پاكىز يۇيۇپ قىيام قىلىۋالىمىز، ئۇنىڭ تەمى سەل ئاچچىق بولۇپ يېيىشلىك بولىدۇ. سوغۇق يېيىشتە پاكىز يۇيۇلغان مامكاپنى قايناقسۇغا بىر ئىككى مىنۇت چىلىغاندىن كېيىن سوغۇق سۇدىن ئۆتكۈزۈۋالىمىز. ئاندىن مۇچ يېغى، تېتىتقۇ، تۇز، كۈنجۈت يېغى، سىركە، سامساق قىيمىسى قاتارلىقلارنى ئارىلاشتۇرساق بولىدۇ. مامكاپنىڭ پاكىز يۇيۇلغان يۇمران غول ۋە يوپۇرمىقىنى سۇدا چالا پىشۇرغاندىن كېيىن ئۇششاق توغراپ، دورا- دەرمەكلەر بىلەن تەڭشىگەندىن كېيىن قىيما قىلىپ تۈگرە تۈگسە بولىدۇ. مامكاپنى چوڭ يول ياكى خىمىيە سانائىتى زاۋۇتى رايونلىرىدىن يىراق جايلارغا تېرىش ھەم دېھقانچىلىق دورىسى يېڭىلا چېچىلغان ياكى چېچىلمىغانلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك.
  ياسىن ئىبراھىم تەرجىمىسى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر