ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

دەرىجىدىن تاشقىرى ئوپتىك تېلېسكوپ ياسىلىشقا باشلىدى

2017.09.23 18:27 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  يېقىندا چىلىنىڭ ئاتاكاما قۇملۇقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى 3000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تاغ تىزمىسىدا ياۋروپا بويىچە ئەڭ چوڭ تېلېسكوپ «E- ELT» قۇرۇلۇشقا باشلىغان بولۇپ، 2024- يىلى پۈتۈپ ئىشلىتىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە، ئۇنىڭ ئاساسىي لېنزىسىنىڭ دىيامېتىرى 39 مېتىر بولۇپ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قۇرۇقلۇق تېلېسكوپى ھېسابلىنىدۇ.

  بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق تېلېسكوپ دىيامېتىرى 85 مېتىرلىق غايەت زور ئايلانما يۇمۇلاق دىسكىنىڭ ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، ئوپتىك سىستېمىسى بەش دانە ئەينەكتىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئىلغار ئاپتوماتىك ماسلاشتۇرۇش سىستېمىسى ئاتموسفېرا ئېقىمىنىڭ تەسىرىنى ئازايتىدۇ، سۈرەتلەرنىڭ ئوپتىكىلىق سۈپىتىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. بۇ ئوپتىك تېلېسكوپ پۈتۈپ ئىشلىتىلىشكە باشلىغاندىن كېيىن ئىنسانىيەتنىڭ ئالەمگە بولغان چۈشەنچىسىدە زور ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، يەر شارىسىمان سەييارىلەرنى تەكشۈرۈش، ھاياتلىق ئىزنالىرىنى ئىزدەش، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ ماسسىلىق قارا ئۆڭكۈرلەرنى تەتقىق قىلىش، قاراڭغۇ ماددا ۋە قاراڭغۇ ئېنېرگىيەنىڭ سىرىنى ئېچىش..... قاتارلىق كۆپ خىل قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدۇ.

  ياسىن ئىبراھىم تەرجىمىسى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر