ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

ياڭاقنى كۆپ يېيىش ئۈچەي يولىغا پايدىلىق

2017.09.23 18:19 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  كۆپىنچە كىشىلەر ياڭاقنى كۆپ يېيىشنىڭ چوڭ مېڭىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. يېقىندا ئامېرىكا راك كېسەللىكلىرى تەتقىقات مەركىزى مەبلەغ سالغان بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىم ياڭاق يەپ بېرىش ئۈچەي يولىنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق ئىكەن.

  ئامېرىكا لويىزاننا ئىشتاتى ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىئولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى چاشقان ئۈستىدە تەجرىبە ئېلىپ بارغان، يەنى چاشقانلارنى ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىپ، بىرىنچى گۇرۇپپىدىكى چاشقانلارغا تەركىبىدە ياڭاق تالقىنى بولغان يېمەكلىكنى بەرگەن، يەنە بىر گۇرۇپپىدىكى چاشقانلارغا ياڭاق تالقىنى قوشۇلمىغان يېمەكلىكنى بەرگەن. ئون ھەپتىدىن كېيىن، ياڭاق تالقىنى يېگەن چاشقانلارنىڭ ئۈچەي يولىدىكى پايدىلىق باكتېرىيەلەرنىڭ ياڭاق تالقىنى يېمىگەن چاشقانلارغا قارىغاندا كۆپ ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

  بەزى تەتقىقاتلاردا مەلۇم بولۇشىچە، ئۈچەي يولى باكتېرىيەلىرىنىڭ كۆپ خىللىقى ناچار بولۇش سېمىزلىك كېسىلى ۋە ياللۇغلىنىش خاراكتېرلىك ئۈچەي كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش خەۋپىنى چوڭايتىۋېتىدىكەن. ئۈچەي يولى ساغلاملىقىنىڭ پۈتۈن بەدەن ساغلاملىقىغا نىسبەتەن تەسىرى ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ياڭاق تەركىبىدە نۇرغۇنلىغان ئاكتىپ تەركىبلەر بولىدىكەن، مەسىلەن: ياڭاق بىردىنبىر تەركىبىدە زىغىر كىسلاتاسى بولغان قاتتىق گۆشلۈك مېۋە ئىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇنىڭدا ئومېگا- 3 ياغ كىسلاتاسى، ئاقسىل ۋە ئوزۇقلۇق تالالىرىمۇ مول ئىكەن. شۇڭلاشقا ياڭاقنى كۆپ يەپ بەرگەندە ئۈچەي يولىدىكى پايدىلىق مىكروبلارنى كۆپەيتىپ، ئۈچەي يولى باكتېرىيەلىرىنىڭ كۆپ خىللىقىنى شەكىللەندۈرۈپ، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنى ياخشىلىغىلى بولىدىكەن.

  گۈزەلنۇر لېتىپ تەرجىمىسى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر