ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

ئورگانىزملارنىڭ «سۈپەت كاپالەت مۇددىتى»

2017.09.23 18:18 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  كىشىلەر كۈتۈنۈشنى باشلاشتىن ئىلگىرى بەدىنىدىكى ھەرقايسى«دېتال» لارنى ياخشى چۈشەنگەندە كۈتۈنۈشنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە بەدىنىمىزدىكى ئورگانىزملارنىڭ خۇددىي يېمەكلىكلەرگە ئوخشاش سۈپەت كاپالىتى مۇددىتى بولىدۇ، ئۇنداقتا ئورگانىزملارنىڭ سۈپەت كاپالەت مۇددىتى قانداق؟

    چوڭ مېڭىنىڭ سۈپەت كاپالەت مۇددىتى 20 يىل

  ئادەم تۇغۇلغاندا تەخمىنەن 100 مىليارد نېرۋا ھۈجەيرىسى بولىدۇ، 20 ياشتىن كېيىن ئازىيىشقا باشلاپ، 40 ياشتىن كېيىن كۈنىگە 10 مىڭى ئازىيىپ، ئادەمنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ. چوڭ مېڭىنىڭ قېرىشىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى چاينى كۆپ ئىچىشتىن ئىبارەت، چۈنكى چايدا ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىپلارنىڭ مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، چاينى كۆپ ئىچكەندە چوڭ مېڭە ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىپلارغا تويۇنۇپ، چوڭ مېڭىنىڭ قېرىشى ئاستىلايدۇ.

    كۆزنىڭ سۈپەت كاپالەت مۇددىتى 40 يىل

  ئادەمنىڭ 40 ياشتىن كېيىن كۆزنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارى ئاستا- ئاستا تۆۋەنلەپ ھەر خىل كۆز كېسەللىكلىرى پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. 40 ياشتىن كېيىن كۆز قېرىشقا باشلاپ يېقىندىكى نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلمەي، ياشانغانلار كۆزەينىكى تاقاشقا مەجبۇر بولىدۇ. شۇڭا كۆزنىڭ كۆرۈش مۇددىتىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن كۆزنى ئاسراشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. كۈندىلىك يېمەك- ئىچمەكتە ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلۇقىغا دىققەت قىلىپ، يېڭى كۆكتات ۋە يېڭى مېۋە- چىۋىلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش، چاينى كۆپرەك ئىچىپ، قەھۋە ۋە ھاراق قاتارلىق غىدىقلىغۇچى ئىچىملىكلەردىن يىراق تۇرۇش كېرەك.

    چىشنىڭ سۈپەت كاپالەت مۇددىتى 40 يىل

  ئادەمنىڭ 40 ياشتىن كېيىن چىشنىڭ ئەتراپىدىكى چىش مىلىكى توقۇلمىلىرى ئاستا- ئاستا چېكىنىپ چىش مىلىكى يىگىلەشكە باشلايدۇ، چۈنكى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ شۆلگەينىڭ ئاجرىلىپ چىقىش مىقدارى ئازىيىپ كېتىدۇ، شۆلگەينىڭ ئازىيىشىغا ئەگىشىپ مىكروبلار كۆپىيىپ، چىش ۋە چىش مىلىكى ئاسان چىرىيدۇ. شۇڭا چىشنى قەرەللىك يۇغۇزۇپ تۇرۇش، ئەڭ ياخشىسى يېرىم يىلدا بىر قېتىم چىشنى يۇغۇزۇش كېرەك.

    ئۆپكىنىڭ سۈپەت كاپالەت مۇددىتى 20 يىل

  ئۆپكىنىڭ سۈپەت كاپالەت مۇددىتى ئاران 20 يىل بولىدۇ، ئادەم 40 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن خىرقىراش، ھاسىراش ئەھۋاللىرى پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ، بۇ ئۆپكە ئىقتىدارى ئاجىزلاشقانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر. كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئاق تۇرۇپ، گۈلسامساق، ئاق مور، نېلۇپەر ئۇرۇقى ۋە نەشپۈت قاتارلىق ئۆپكىگە پايدىلىق ئاق رەڭلىك يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بېرىش كېرەك.

    تېرىنىڭ سۈپەت كاپالەت مۇددىتى 25 يىل

  كوللاگېن ئاقسىلىنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشىغا ئەگىشىپ 25 ياشتىن كېيىن ئادەمنىڭ تېرىسى تەبىئىي قېرىشقا باشلايدۇ، ياشنىڭ چوڭىيىشى ۋە تېرىنىڭ توسۇش ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشىگە ئەگىشىپ، تېرە قۇرغاقلىشىش، سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىش، تەمرەتكە، تېرە ياللۇغى، قېرىش ۋە داغ چۈشۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. تېرىنىڭ ساغلاملىقى ۋە ياشلىقىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى تېرىنىڭ توسۇش ئىقتىدارىنى قوغداشتىن ئىبارەت، ئادەتتىكى ئەھۋالدا تېرىگە توسۇش، قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش رولىغا ئىگە بولغان سۈت قاتارلىق سۇيۇقلۇقلارنى سۈرۈپ تۇرۇش ئارقىلىق تېرىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ۋە چىدامچانلىقىنى ئۈنۈملۈك يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

    يۈرەكنىڭ سۈپەت كاپالەت مۇددىتى 40 يىل

  بەدەننىڭ قېرىشىغا ئەگىشىپ يۈرەكنىڭ پۈتۈن بەدەنگە قان يەتكۈزۈش ئىقتىدارىمۇ ئاجىزلاشقا باشلايدۇ، چۈنكى قان تومۇرلارنىڭ ئېلاستىكلىقى بارغانسېرى ئاجىزلىشىدىغان، ئارتېرىيە تومۇرلارمۇ بارغانسېرى چۈرۈكلىشىدىغان ياكى توسۇلۇشقا باشلايدىغان بولغاچقا، يۈرەككە قايتىدىغان قان ئازىيىپ يۈرەك سانجىقى (يۈرەك مۇجۇپ ئاغرىش) پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. ئادەتتە 45 ياشتىن ئاشقان ئەرلەر ۋە 55 ياشتىن ئاشقان ئاياللاردا يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ. تاماكا چېكىش، ناچار يېمەك- ئىچمەك ۋە چېنىقىشنىڭ كەمچىل بولۇشى قاتارلىق تۇرمۇش ئادەتلىرىنىڭ زىيىنى ئىرسىيەت ئامىللىرىدىنمۇ ئېغىر بولىدۇ.

    سۆڭەكنىڭ سۈپەت كاپالەت مۇددىتى 35 يىل

  ئادەم 35 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن سۆڭەك شالاڭلىشىشقا باشلاپ تەبىئىي قېرىش باسقۇچىغا كىرىدۇ. ئاياللاردا ھەيز كېسىلگەندىن كېيىن سۆڭەك شالاڭلىشىش تېخىمۇ تېزلىشىپ كېتىدۇ. سۆڭەكنىڭ چوڭ- كىچىكلىكى ۋە زىچلىقىنىڭ تېخىمۇ تارىيىشى بوينىڭ پاكارلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئومۇرتقا سۆڭىكى ئوتتۇرىسىدىكى سۆڭەك يىگىلەپ كېتىدۇ ياكى پارچىلىنىپ كېتىدۇ. 80 ياشقا بارغىچە ئادەمنىڭ بويى تەخمىنەن بەش سانتىمېتىر پاكارلاپ كېتىدۇ. بەدەن چېنىقتۇرۇش بولۇپمۇ سەكرەش شەكلىدىكى مەشىقلەر سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە سۆڭەك زىچلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ، يەنە سۆڭەكنىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ سۆڭەكنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىدۇ، سۆڭەكنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە چىدامچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ، سۆڭەك ھۈجەيرىلىرىنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرىدۇ.

    كۆپىيىش ئىقتىدارىنىڭ سۈپەت كاپالەت مۇددىتى 35 يىل

  ئاياللارنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى 35 ياشتىن كېيىن چېكىنىشكە باشلايدۇ، بۇ چاغدا تۇخۇمنىڭ سانى ۋە سۈپىتى تۆۋەنلەيدۇ، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى نېپىزلاپ ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ بالىياتقۇغا ئورۇنلىشىشى تەسلىشىدۇ. ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىمۇ مۇشۇ مەزگىلدىن باشلاپ تۆۋەنلەيدۇ، 40 ياشتىن كېيىن ئۇرۇقنىڭ سۈپىتى تۆۋەنلەپ كېتىدىغان بولغاچقا ھەمراھىنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ.

  ئېرفانجان ياسىن تەرجىمىسى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر