ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

تور تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ھەمتۈرتكىلىككە موھتاج

يې بەي

2017.09.29 11:12 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئالاقە تورىنىڭ ھازىرچە بىزگە مەلۇم بولغان ھاياتىي كۈچى، بەلكىم ئۇنىڭ ھەقىقىي ھاياتىي كۈچىنىڭ كىچىككىنە بىر قىسمى بولۇشى مۇمكىن. لېكىن بۇ ساھەدە ئوتتۇرىغا چىققان، تۈزەش زۆرۈر بولغان مەسىلىلەر پايدىلانغۇدەك ئۈلگە بولمىغاچقا، كىشىنى خېلى قىيناپ قويۇۋاتىدۇ. ئالاقە تورىنىڭ ھازىرقى تەرەققىياتى مەلۇم دەرىجىدە ئۆزىنىڭ ۋاسىتىلىك خۇسۇسىيىتىدىن ھالقىپ، كىشىلەرنىڭ ئۆگىنىش، خىزمەت، تۇرمۇشىدىكى يېڭى بوشلۇققا، جامائەت مۇلازىمىتىگە ئېرىشىشىدىكى يېڭى سۇپىغا، ھەتتا كىشىلەر تۇرمۇشىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلاندى. شۇڭا، ياخشى تور ئېكولوگىيەسىنى ساقلاش قىيىنلىقتا تور بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىن قېلىشمايدىغان يېڭى خىرىسقا ئايلاندى.

  دۆلىتىمىز ئالاقە تورى ئىشلىتىشتە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا كېتىۋاتىدۇ، ئالاقە تورىنى تۈزەش سەۋىيەسىمۇ شۇنىڭغا مۇناسىپ بولۇشى كېرەك. ئالاقە تورىنىڭ كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا بارغانسېرى چوڭقۇر سىڭىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ، بىر قىسىم ئاساسىي تۈزەش رامكىسىنى تۈزۈشمۇ زۆرۈرىيەتكە ئايلاندى. بۇ يىل 6- ئاينىڭ 1- كۈنى رەسمىي يولغا قويۇلغان تور بىخەتەرلىكى قانۇنى تور بوشلۇقىنى تۈزەش، توردا ئۇچۇر تارقىتىش تەرتىپى ئۈچۈن ئاساسىي قائىدىنى بېكىتىپ بەردى؛ دۆلەتلىك ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى يېقىندا «ئالاقە تورىنىڭ ئىنكاس- باھا سۆزى مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»نى تۈزۈپ، تور ئەھلى تور بوشلۇقىدىكى مۇھاكىمىلەرگە قاتنىشىدىغان ئادەتتىكى سۇپىسىنىمۇ تور ئېكولوگىيەسىنى تۈزەش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئالاقە تورىنى تۈزەشتىكى بوشلۇقنى يەنىمۇ تولۇقلىدى.

  «ئارقا سۇپىدا ھەقىقىي ئىسىم بىلەن تىزىملىتىش، تور يۈزىدە خالىغان نامنى ئىشلىتىش» ئاللىقاچان دۆلىتىمىزنىڭ ئالاقە تورى كەسپىدىكى نورمال ھالەتكە ئايلاندى. APPغا تىزىملاتقاندا شەخسنىڭ تېلېفون نومۇرىنى باغلاش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئابۇنىچىلار تېلېفون نومۇرى ئىلتىماس قىلغاندىلا شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى تىزىملىتىدۇ، بۇ، سۇپىدا ئابۇنىچىنىڭ سالاھىيەت ئۇچۇرىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىك بىلەن باراۋەر. باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىدە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئۆزگىرىش شۇكى، بەلگىلىمىدە مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچىنىڭ ئابۇنىچىلارنىڭ ئۇچۇرىنى قوغداش، ئارقا سۇپىدا ھەقىقىي ئىسمى بىلەن تىزىملاش، تەكشۈرۈپ باشقۇرۇش، كەسىپكارلارنىڭ ساپاسى ۋە بولمىغۇر ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق سۇبيېكتىپ مەسئۇلىيىتى كۈچەيتىلدى. بۇ، تور مۇلازىمىتى سودىگىرىنىڭ سۇبيېكتىپ مەسئۇلىيىتىنىڭ مەسئۇل تارماقلارنىڭ نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتى، ئادەتتىكى تور ئەھلىنىڭ تەلەپچانلىق ئېڭى بىلەن بىرلىكتە، بىر يۈرۈش قانۇن ئىدارە قىلىش ئۆلچىمىنى شەكىللەندۈرگەنلىكىدىن دېرەك بەردى. ئەمەلىيەتتە، چەت ئەللەردىكى نۇرغۇن داڭلىق تور بېكىتى باھا سۆزى يېزىش توغرىسىدا تەپسىلىي قائىدە تۈزۈپ چىققان ھەم باھا سۆزى يازغاندا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار ۋە تور بېكىتىنىڭ بولمىغۇر سۆزلەرگە قارىتا قوللىنىدىغان باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى كۆزگە ئوڭاي چېلىقىدىغان ئۇسۇل بىلەن ئابۇنىچىلارغا ئۇقتۇرغان.

  ئالاقە تورىنى تۈزەشنى قانۇن ئىزىغا سېلىش ئارقىلىق ياخشى تور جامائەت پىكرى كەيپىياتىنى يارىتىشنىڭ يادروسى گەپ توشۇشقا، ئاق- قارىنى ئاستىن- ئۈستۈن قىلىشقا، پىتنە- ئىغۋا تارقىتىپ جېدەل چىقىرىشقا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ چەك- چېگراسىدىن ھالقىپ كېتىشكە رۇخسەت قىلماسلىقتىن ئىبارەت. شۇڭا ساختا جامائەت پىكرى پەيدا قىلىپ، كۆز بوياپ، نامۇۋاپىق مەنپەئەتنى كۆزلەيدىغان ھەم زوراۋانلىق، تېررورلۇق مەزمۇنىدىكى ئۇچۇرلار، پىتنە- ئىغۋا، شەھۋانىي ئۇچۇرلارنى تارقاتقان ئادەم ياكى سۇپىلارنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

  ياخشى تور ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تور بوشلۇقى قائىدىسىنى تۈزۈپ، ھۆكۈمەت، جەمئىيەت، كارخانا ۋە جامائەت ئارىسىدىكى ھوقۇق- مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى ياخشى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، شۇنداقلا قېلىپلاشتۇرۇپ تۈزەش بىلەن قوغداشتا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ئىگىلەش كېرەك، چۈنكى ئالاقە تورىنىڭ ھاياتىي كۈچى كۆپ خىللىق، سىغدۇرۇشچانلىق ۋە يېڭىلىق يارىتىشتىن كېلىدۇ. بىزگە قالايمىقان، تەرتىپسىز ئالاقە تورى كېرەك ئەمەس، جانسىز ئالاقە تورىنىڭ تېخىمۇ كېرىكى يوق. چوڭ سانلىق مەلۇمات ۋە ئەشيا تورى دەۋرىدە، ھەمبەھر ئىقتىساد، ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلىسى قاتارلىق قىسمەن يېڭى سودا ئەندىزىلىرى ماھىيەتتە توردا ھەقىقىي ئىسىم قوللىنىش تۈزۈمىنى ھەممىنىڭ ئالدىغا چىقىرىپ قويدى، ۋاھالەنكى، بۇ، ئىجتىمائىي ئىناۋەت گۇۋاھلىقى سىستېمىسى ۋە شەخسلەرنىڭ سىرىنى ساقلاشقا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى. ئابۇنىچىلارنىڭ ئىناۋىتىنى باھالاش ئاساسىدا ئىنكاس ۋە باھا سۆزىنى دەرىجە بويىچە باشقۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش- ئاشۇرالماسلىق بىزنىڭ بۇ ئىككى جەھەتتە تېخىمۇ چوڭ قەدەم تاشلاش- تاشلىيالماسلىقىمىزغا باغلىق، شۇنداقلا ئۇ ھەم سىياسەتنى ئىجرا قىلىشنى ئەمەلىيەت بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشتىكى ئەقىل- پاراسىتىمىزنى سىنايدۇ.

  ئېكولوگىيەسى ياخشى تور بوشلۇقىنى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ سۈپەتلىك، تېخىمۇ جانلىق ھەمتۈرتكە ئالاقىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش ھەم ئالاقە تورىنىڭ تەرەققىيات ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدۇ، ھەم جامائەت مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. ئابۇنىچىلارنى گەپ- سۆزىگە، سۇپىنى ھەمتۈرتكىلىكنىڭ سۈپىتىگە، نازارەتچىلىك تارماقلىرىنى تور ئېكولوگىيەسىگە مەسئۇل قىلغاندىلا، دۆلىتىمىزنىڭ ئالاقە تورىنىڭ تەرەققىياتى ھەم تەرتىپكە چۈشۈپ، ھەم ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، خەلققە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلېلىم ئېزىز