ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

ئوچۇق شەكىللىك ھەم ساپ قىممەت تىپىدىكى روزغارچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئاساسىي ئورۇنغا ئۆتىدۇ

چىن نى

2017.09.29 11:10 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  پۇل مۇئامىلە نازارەتچىلىكىنىڭ تەدرىجىي كۈچەيتىلىشى ۋە بانكا روزغارچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بانكىلار ئوچۇق شەكىللىك ھەم ساپ قىممەت تىپىدىكى روزغارچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى كېڭەيتتى.

  سودىگەر چاقىرىش بانكىسى بىلەن سودا- سانائەت بانكىسى تىپ ئۆزگەرتىشتە ئالدىدىراق مېڭىۋاتقان بانكىلار بولۇپ، سودىگەر چاقىرىش بانكىسىنىڭ پارچە سېتىش نۇقتىلىرىدا سېتىلىۋاتقان مەھسۇلاتلار ئاساسىي جەھەتتىن ساپ قىممەت تىپىدىكى روزغارچىلىق مەھسۇلاتلىرىغا ئالماشقان، سودا- سانائەت بانكىسىنىڭ مەھسۇلات تۈرلىرى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما پارچە سېتىش نۇقتىلىرىدا سېتىلىۋاتقان روزغارچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئوچۇق شەكىللىك پايدىسى بېكىتىلگەن مەھسۇلاتلار ياكى ساپ قىممەت تىپىدىكى مەھسۇلاتلارغا ئالماشقان. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، رايون خاراكتېرلىك بانكىلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى قەدىمى ئاستا بولسىمۇ، ئەمما كۆپلىگەن بانكا ساپ قىممەت تىپىدىكى مەھسۇلاتلارغا قارىتا تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ ئېچىش مەبلىغىنى كۆپەيتكەن.

  «پۇيى» ئۆلچەملىك پۇل مۇئامىلە روزغارچىلىق بازار ئۇچۇرى تەتقىقات ئورنى مەسئۇل خادىملىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2017- يىلى بانكا روزغارچىلىق مەھسۇلاتلىرىدا تىپ ئۆزگەرتىلگەن مۇھىم بىر يىل بولۇپ، ھەر قايسى بانكىلاردا بېسىم ۋە پۇرسەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان، گەرچە ئوچۇق شەكىللىك ھەم ساپ قىممەت تىپىدىكى روزغارچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ لايىھەلىنىشى بىر قەدەر مۇرەككەپ، ئىستېمالچىلارغا قوبۇل قىلدۇرۇش قىيىنراق بولسىمۇ، ئەمما ساپ قىممەت تىپىدىكى روزغارچىلىق مەھسۇلاتلىرى يەنىلا ھەر قايسى بانكىلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى نىشانىغا ئايلانغان.

  يېقىندا ئېچىلغان مەملىكەتلىك پۇل مۇئامىلە خىزمىتى يىغىنىدا تۇنجى قېتىم نازارەت قىلىش ئەندىزىسىنىڭ ئاپپاراتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىن فۇنكسىيە ياكى ھەرىكەتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا ئۆزگىرىدىغانلىقى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ يۆنىلىشىدىن قارىغاندا، ھەرقايسى بانكىلار ئوچۇق شەكىللىك ھەم ساپ قىممەت تىپىدىكى روزغارچىلىق مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئېچىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، كەلگۈسىدىكى سىياسەت خەۋپ- خەتىرىنىڭ يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكىنى تۆۋەنلەتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ يۆتكىلىشچانلىقى يۇقىرى روزغارچىلىق مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

  كەسىپ ئەھلىلىرى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ كۈچەيتىلىشى كەلگۈسىدە، بانكا روزغارچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولسىمۇ، ئەمما قىسقا مۇددەت ئىچىدە زەربىگە ئۇچرىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئامىللىرى ۋە پۇل سىياسىتىنىڭ تەسىرىدە بازاردىكى يۆتكىلىشچانلىق ئاجىزلىشىدىغان بولۇپ، مەبلەغنىڭ تەننەرخى تەدرىجىي يۇقىرىلاپ بانكا روزغارچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ پايدىسىنىڭ يۇقىرى ھالەتنى ساقلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. مۈلۈك ساھەسىدىكى بازارلارنىڭ پايدىسى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولمىغان ئەھۋالدا بانكا روزغارچىلىق مەھسۇلاتلىرى پايدىسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى توختامغا خىلاپلىق قىلىش خەۋپ- خەتىرىنىڭ يوشۇرۇن مەۋجۇتلۇقىنى كەلتۈرۈشى مۇمكىن، شۇڭا بانكا روزغارچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنى مۇۋاپىق سەۋىيەگە يېتەكلەش يېقىن كەلگۈسىدىكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولىدۇ. (بېلىقىز ئەخەت تەرجىمىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلېلىم ئېزىز