ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئالاقە تورىنىڭ مائارىپتىكى رولى

«خەلق گېزىتى» مۇخبىرى دىڭ ياسۇڭ

2018.01.08 12:19 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا تور مائارىپىنى ياخشى باشقۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «مائارىپنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئون يىللىق تەرەققىيات يىرىك پىلانى (2011- يىلىدىن 2020- يىلىغىچە)»نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىدىن «ئالاقە تورى+» ھەرىكەت پىلانى يولغا قويۇلۇشقىچە، شۇنداقلا كەڭ كۆلەملىك ئوچۇق تور مائارىپىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغىچە بولغان جەرياندا، ئالاقە تورى ئوقۇش- ئوقۇتۇش جەريانىغا چوڭقۇر سىڭىپ كىرمەكتە ھەمدە كىشىلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپقا بولغان ئېھتىياجىغا ئۈزلۈكسىز ماسلاشماقتا، تېخىمۇ مۇھىمى، دۆلەتنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسى ئۈچۈن تۆھپە قوشماقتا.

  «ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىنى رەقەملىك مائارىپ بايلىقى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاش» قاتارلىق يۈرۈشلۈك قۇرۇلۇش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، يېزا مەكتەپلىرىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئۇل ئەسلىھەسى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى. ھازىرغا قەدەر، مەملىكىتىمىزدىكى %85.1 مەكتەپنىڭ كۆپ ۋاسىتىلىك دەرسخانىسى بار بولدى. دۆلەت مائارىپ مەسلىھەتچىلىكى كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى، مائارىپ مىنىستىرلىقى مائارىپ تەرەققىياتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ سابىق مۇدىرى جاڭ لى مۇنداق قارىدى: بەزى يېزا رايونلىرىغا نىسبەتەن، قاتتىق دېتال مالىيەدىن مەخسۇس سەپلەپ تولۇقلاپ بېرىلگەن بولسىمۇ، يۇمشاق دېتاللارنى ئاسراش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قوللىنىشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى يانداشما سېلىنما ئېغىر دەرىجىدە يېتىشمەيۋاتىدۇ. نامرات رايونلاردا ئاممىنىڭ سېتىۋېلىش ئىقتىدارى يۇقىرى ئەمەس، بايلىقنى بازار تەقسىملەش شارائىتى ھازىرلانمىغان، شۇنىڭ ئۈچۈن، ھۆكۈمەت مالىيە سېلىنمىسىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، رايونلار ئارا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ ياردەم بېرىپ يۆلىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، نامرات رايونلارنىڭ ھەقىقىي تور مائارىپى سۇپىسى قۇرۇپ چىقىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

    مائارىپ ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئەھۋالىغا قاراپ تەربىيەلەشكە ئىمكانىيەت يارىتىش

  ئالاقە تورىنىڭ تەرەققىياتى مائارىپنىڭ زامان- ماكان چېكىنى بۇزۇپ تاشلاپ، بايلىق تەقسىماتىنى ياخشىلىدى، بۇنىڭ بىلەن مائارىپنىڭ ئوقۇتۇش، ئۆگىتىش، باھالاش، ئۆلچەش قاتارلىق كۆپ ھالقىسىدا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولدى.

  جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ نىڭبو شەھىرىدىكى ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئىشلىتىۋاتقان «ئوقۇتۇش ياردەمچىسى» ئوقۇتقۇچىلارنى ھەممە يەردە ئوقۇتۇش ماتېرىيالى ئىزدەش ئاۋارىچىلىكىدىن قۇتۇلدۇردى، سۇپىدىكى تۈرگە ئايرىلغان بايلىقلار دەرس تەييارلاش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ناھايىتى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، يەنە دەرسلىكنى سىنغا ئېلىپ قويۇش ۋە تارقىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى؛ «ئاقىل ئىمتىھان قەغىزى تەكشۈرۈش» سۇپىسى ئوبيېكتىپ سوئاللارنى تېز سۈرئەتتە تەكشۈرۈپ تۈزىتىپلا قالماي، يەنە قىسمەن سۇبيېكتىپ سوئاللارنىمۇ تەكشۈرۈپ تۈزىتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتىلارنى تەھلىل قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ ھەم ئوقۇغۇچىلارغا خاس يېتەكچلىك قىلىدۇ.

  شاڭخەيدە «يىبەن» ھەمتۈرتكىلىك تور سۇپىسىنىڭ تەرەققىياتى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى، بۇ سۇپىنىڭ «ياشلار نەزەرىدىكى 19- قۇرۇلتاي» قاتارلىق پائالىيەتلىرى 300 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى، قالدۇرۇلغان باھا ۋە سۆز 70 مىڭغا يېقىنلاشتى. نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئىدىيەۋى سىياسىي دەرسنى تورغا يۆتكىدى، بۇ تور سۇپىسىدا ئوقۇغۇچىلار سىنلىق لېكسىيە ئاڭلاش، بىلوگ ئاڭلاش، ئېلېكتىرونلۇق كىتاب ئوقۇش قاتارلىق ئۆگىنىش مەزمۇنلىرىنى تاماملايدۇ، يەنە تور مەھەللىسىدە ئۆزى قىزىقىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە باشقا ساۋاقداشلار بىلەن مۇھاكىمە قىلالايدۇ ۋە پىكىر ئالماشتۇرالايدۇ.

  بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى مائارىپ بۆلۈمىنىڭ دوتسېنتى لى يۈشۈننىڭ 2011- يىلىدىن بۇيانقى تاختا كومپيۇتېردا ئوقۇتۇش ئەمەلىي تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغاندىن بۇيان توپلىغان مەملىكەت خاراكتېرلىك سۈپەتلىك پەنلەر دەرس مىسالىنى تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇچۇر تېخنىكىسى شارائىتىدا، بىر سائەتلىك دەرس ئوقۇتۇش ۋاقتىنى ئوتتۇرىچە تەقسىملىگەندە ئوقۇتقۇچى %43.16نى، ئوقۇغۇچى %56.84نى ئىگىلىگەن .

  بىراق، ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، تولۇق قاپلىغان تور مائارىپىنىڭ ئەمەلىي ئوقۇتۇشتىكى قوللىنىلىشى يەنىلا نىسبەتەن ئازراق بولۇۋاتىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى دۇ جەنيۈەن مۇنداق قارىدى: مائارىپنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشتا «دەرسخانىدا قوللىنىش، دائىم قوللىنىش، ئومۇميۈزلۈك قوللىنىش»نى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈش، يەنى ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ قوللىنىشىدىن ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار ئومۇميۈزلۈك قوللىنىش، دەرستىن سىرت قوللىنىشتىن دەرسخانا ئوقۇتۇش ئاساسىي مەيدانىدا قوللىنىش، كۆرگەزمە خاراكتېرلىك قوللىنىشتىن كۈندىلىك ئوقۇتۇشتا قوللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارقىلىق ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تەسىرىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

    ئۆگىنىشچان جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، ھەممە كىشىدە ئۆمۈرۋايەت ئۆگىنىش ئىدىيەسى تۇرغۇزۇش

  جۇجياڭ دېلتىسىدىكى توقۇمىچىلىق ئىشچىسى شيا سۈيچيۇڭ يېقىندا ئىشتىن چۈشۈپلا زاۋۇت رايونىدىكى ئۆگىنىش مەركىزىگە بېرىپ، دۆلەت ئوچۇق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تور دەرسىدىن سۈپەت باشقۇرۇشقا دائىر مەزمۇنلارنى ئۆگەندى. دۆلەت ئوچۇق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بۇ «بۇلۇت دەرسخانىسى» باش ئىشتاب، تارماق، يەرلىك ئىنستىتۇت، ئۆگىنىش مەركەزلىرىنى تۇتاشتۇرغان بولۇپ، توردا رېئال ۋاقىتلىق ئوقۇتۇش، دەرسنى رېئال ۋاقىتلىق سىنغا ئېلىش ۋە قويۇش، يىراق مۇساپىلىك يۈزتۇرا ئىمتىھان، مۇنازىرىلىشىش قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىدارغا ئىگە، ئۇ ئۆگىنىشنى خالايدىغان ھەرقانداق كىشىنى ئۆگىنىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: داۋاملىق تەربىيەنى ياخشى يولغا قويۇپ، ئۆگىنىشچان جەمئىيەتنى تېز بەرپا قىلىپ، پۇقرالارنىڭ ساپاسىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈش لازىم، دەپ كۆرسىتىلدى. ھەممە ئادەم ئۆگىنىدىغان بولۇش، ھەممە يەردە ئۆگەنگىلى بولۇش، ھەر ۋاقىت ئۆگەنگىلى بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسىغا تايىنىپ مول تور مائارىپى بايلىقى بىلەن تەمىنلەش كەم بولسا بولمايدۇ. جاڭ لى مۇنداق دېدى: تور مائارىپى ئەنئەنىۋى سىرتتىن ئوقۇتۇش مائارىپىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماي، يەنە ھازىرقى تور مائارىپى، كۆچمە ئۆگىنىش ۋە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق يېڭى ئۆگىنىش شەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ھەم مەۋھۇم تور بىلەن ئەمەلىي سۇپىنىڭ يۈرۈشۈشىنى ماسلاشتۇرىدۇ ھەم مەكتەپلەر ئىتتىپاق ۋە بايلىق ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇپ چىقىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، تور مائارىپى چوقۇم يېڭى دەۋردە ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۆگىنىشچان جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم تۈۋرۈكىگە ئايلىنىدۇ.

  جېجياڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى جۇ يۆلياڭ مۇنداق قارىدى: ئۆگىنىش تېگى- تەكتىدىن ئېيتقاندا يەنىلا ئەقلىي ئەندىزىنىڭ ئۆزگىرىشىدۇر، تېخنىكا − ئۆزگىرىش جەريانىنى تېزلىتەلەيدۇ، لېكىن، ئادەمنىڭ ئورنىنى ئېلىپ تاماملىيالمايدۇ. شۇڭا كەلگۈسىدىكى تور مائارىپىدا دىققەتنى كىشىلەرنى قانداق قىلىپ خاس ئۆگىنىش مۇھىتى بىلەن تەمىنلەشكە تېخىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، شەخسنىڭ تەرەققىياتىنىڭ كۆپ خىل ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشى كېرەك.
  («خەلق گېزىتى»دىن ئېلىندى)
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر