ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئوقۇتقۇچىدا «مۇستەقىل تەرەققىي قىلىش» ئېڭى بولۇشى كېرەك

پەن يۈمىن

2018.01.08 12:14 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئوقۇتقۇچىلار كۈنلەپ، يىللاپ دەرس تەييارلايدۇ، دەرس ئۆتىدۇ، تاپشۇرۇق تەكشۈرىدۇ، ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ بۇنداق تەكرارلىنىشى بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلاردا ئۆز كەسپىدىن زېرىكىدىغان كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ.

  ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي جەھەتتىكى تەرەققىياتى «ئوقۇتقۇچىنىڭ مۇستەقىللىقى» دىن ئايرىلالمايدۇ، ئەلۋەتتە. ئىلگىرى مەن بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ «مېنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىم قانداق ئوقۇتقۇچىغا موھتاج بولسا، مەن شۇنداق ئوقۇتقۇچىغا ئايلىنىمەن» دېگەن سۆزىنى ئاڭلىغان، بۇ سۆزدىن ناھايىتى تەسىرلەندىم. شۈبھىسىزكى، بۇ سۆزنى قىلغان ئوقۇتقۇچىدا بىر خىل مۇستەقىل تەرەققىي قىلىش ئېڭى بار. مەلۇم بىر نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئوقۇتقۇچىنىڭ مۇستەقىل تەرەققىي قىلىشى بىر خىل «مەدەنىيەت ئاڭلىقلىقى» ھېسابلىنىدۇ. ئوقۇتقۇچىنىڭ «مەدەنىيەت ئاڭلىقلىقى» ئوقۇتقۇچىنىڭ «كەسپىي تونۇشى» ۋە «مۇستەقىل تەرەققىيات» ئېڭىنى كۆرسىتىدۇ.

  ئۇنداقتا، قانداق قىلغاندا ئوقۇتقۇچىنىڭ «كەسپىي تونۇشى» ۋە «مۇستەقىل تەرەققىي قىلىش»ئېڭىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ؟ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىلگىرىلىشىدە، كەسپىي جەھەتتىكى يېتەكچىلىك ئىنتايىن مۇھىم، بىراق تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچتۇر. ئوقۇتقۇچىدا كۈچلۈك تەرەققىيات ئېڭى بولۇپلا قالماي، يەنە مۇستەقىل تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارىمۇ بولۇشى كېرەك. بىرى، ئۆزىدە كۈرەش نىشانى بولۇشى؛ يەنە بىرى، ئېنىق بولغان ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانى بولۇشى كېرەك. پىسخولوگىيە نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئادەملەردە تەبىئىيلا نۇرغۇن ئارزۇ- ئارمانلار، ئىستەكلەر بولىدۇ، ئۇلار ئارزۇ- ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە كېلىدۇ. بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ كەسپىي ھاياتىدا تەرەققىي قىلغۇسى ھەم ئۇتۇق قازانغۇسى بولسا، چوقۇم ئۆزىدە كۈرەش نىشانى ھەم ئۆز نىشانى بويىچە تەرەققىيات پىلانى بولۇشى كېرەك. ئۆزىنى تونۇش، ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى پىلانلاش ئوقۇتقۇچىنىڭ كەسپىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى. «ئەمەلىيەتتىكى مەن»، «ئارزۇيۇمدىكى مەن» ۋە «ئەسلىدىكى مەن»نى مۇۋاپىق بەلگىلەش- ئوقۇتقۇچىنىڭ «ئۈنۈمدارلىق تۇيغۇسى»نى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق. «دۇگۇيمېي ۋە ئاساسىي ئوقۇتۇش»تا مۇنداق دېيىلگەن: «جەمئىيەت بىر دەرسخانا، ئەمەلىيەت بولسا بىلەي تاش، باشقىلار ئۇستاز، ئۆزىمىز ئەڭ مۇھىم ھالقا». ئوقۇتقۇچىنىڭ كەسپىي جەھەتتە يېتىلىشى چوقۇم بىر ياخشى مۇھىتقا باغلىق، مۇھىمى ئۆزىنىڭ پىسخىكىلىق ھالىتى ۋە نەتىجىسىدۇر.

  ئوقۇتقۇچىلار يۇقىرى ئۆلچەم بويىچە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، تەرەققىيات نىشانى ۋە يۆنىلىشىنى كۆزلەپ، بوشاشماي ئالغا ئىلگىرىلىگەندىلا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغۋار غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى ۋە كىشىلىك قىممىتىنى نامايان قىلغىلى بولىدۇ.
  «جۇڭگو مائارىپ گېزىتى»دىن ئېلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر