ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

يېڭى دەۋردە يېزا مائارىپىنىڭ سۈپىتى ئىنتايىن مۇھىم

ۋۇ جىخۇي

2017.12.28 17:33 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئۇنداقتا يېڭى دەۋردە، شەھەر ـ يېزىلارنىڭ مۇناسىۋىتىدە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ؟ پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىن بىز شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، دۆلىتىمىزنىڭ پۈتكۈل شەھەر ـ يېزا مۇناسىۋىتىدە زور ئىستراتېگىيەلىك تىپ ئۆزگەرتىش بولىدۇ، يەنى يېڭىچە شەھەر ـ بازارلاشتۇرۇش، خاس كىچىك بازار، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ بىر گەۋدىلەشكەن شەھەر ـ يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات سىستېمىسىغا ئۆزگەرتىلىدۇ.

  بۇ خىل ئارقا كۆرۈنۈشتە، يېڭى دەۋردىكى يېزا مائارىپى قانداق ئىستراتېگىيەلىك قىممەتكە ئىگە؟ يېزا مائارىپى زادى كىمگە پايدىلىق؟ مېنىڭچە، دۆلەتكە، شەھەر ـ يېزا جەمئىيىتىگە، يېزىلاردىكى بالىلارغا پايدىلىق.

  بىرىنچى، يېزا مائارىپىنىڭ دۆلەتكە بولغان پايدىسى. يېزا ـ كەنتلەر، بولۇپمۇ چەت، يىراق تاغلىق يېزا ـ كەنتلەردە مائارىپ ياكى كىتاب ئارقىلىق دۆلەت ئىرادىسى، دۆلەت قارىشى يەتكۈزۈلىدۇ، بۇ ئىنتايىن مۇھىم.

  ئىككىنچى، يېزا مائارىپىنىڭ شەھەر ـ يېزا جەمئىيىتىگە بولغان پايدىسى. يېزا مائارىپى يېزىلارغا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، شەھەرلەرگىمۇ پايدىلىق، چۈنكى شەھەر ـ يېزىلار تەقدىرداش ئورتاق گەۋدە. يېزا ئۈچۈن ئېيتقاندا، مائارىپ ئالدى بىلەن كۈندىلىك تۇرمۇشتا يارقىن ئالاھىدىلىككە ئىگە. مەسىلەن: بالىلارنىڭ كىتاب ئوقۇش ئاۋازى، ناخشا ئاۋازى يېزا تۇرمۇشىدىكى ئەھمىيەتلىك مەزمۇن.

  ئۇنىڭدىن باشقا، مەكتەپمۇ بىر رايوننىڭ ياشاشقا باب كېلىدىغان ـ باب كەلمەيدىغانلىقىدىكى قىممەت ئۆلچىمى. بىر جايدا ياخشى مەكتەپ بولمىسا، ئۇ جاي مەدەنىيەت قۇملۇقى بولۇپ قالىدۇ، ياشاشقا باب كەلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزىلارنىڭ ساپاسى ۋە يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ جەزمەن زامانىۋى يېزا مائارىپى تىرەك بولۇشى كېرەك.

  ئۈچىنچى، يېزا مائارىپىنىڭ يېزىدىكى بالىلارغا بولغان پايدىسى. يېزا مائارىپى ئالدى بىلەن يېزىدىكى بالىلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتىپ، تەبىئىي ھاياتلىقنى ئىجتىمائىي ھاياتلىققا كۆتۈرۈپ، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭدىن باشقا، مېنىڭچە يەنە يېزا مائارىپى يېزىدىكىلەرنىڭ بىلىمگە بولغان ئىنتىلىشى ۋە ئۆگىنىشكە بولغان قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

  سۈپەتلىك يېزا مائارىپى يېزا مائارىپىنىڭ فۇنكسىيەسى ۋە قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئالدىنقى شەرت. ئۇنداقتا، يېزا مائارىپىنىڭ سۈپىتى نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ بىرىنچىدىن، ئۆگىنىش سۈپىتى بولۇپ، بۇ، يېزا مەكتەپلىرىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ زېھنىنى دەرسخانىغا قارىتىپ، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئۆگىنىشىگە پايدىلىق. ئىككىنچىدىن، ئۆگىنىش نەتىجىسى، يەنى بىلىمدىن باشقا، مەكتەپلەر يېزا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قەلبىگە نېمىلەرنى ئورناتتى؟ يېزا مەكتەپلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۆگىنىش نەتىجىسى يېزا ئوقۇغۇچىلىرىغا سىجىل ئۆگىنىشنى ئۆگەتتى.

  يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش يېزىدىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ دەسلەپكى تەربىيە جۇغلانمىسىنى توپلىشىغا پايدىلىق. دەسلەپكى تەربىيە يەسلى مائارىپى، باشلانغۇچ مائارىپ ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك مائارىپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنداقتا، كېيىنكى قەدەمدە يېزا مائارىپىنىڭ يۆنىلىشى قانداق بولىدۇ؟ مېنىڭچە، زامانىۋى مائارىپقا يۈزلىنىدۇ. زامانىۋى مائارىپ ئالدى بىلەن ھەممىگە باب كېلىدىغان بولۇپ، ھەممەيلەننىڭ مۇكەممەل مائارىپنى قوبۇل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. «شارائىتى ناچار بالىلارنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش» ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، بىرىنىمۇ سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىق، مائارىپنىڭ سىغدۇرۇشچان، ھەممىگە باب كېلىدىغان ۋە مۇكەممەل بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش يېزا مائارىپىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا جەزمەن چىڭ تۇرۇشقا تېگىشلىك قىممەت ئىدىيەسى.

  ئاندىن كېيىن، زامانىۋى مائارىپ جەزمەن ئادىل مائارىپ بولۇپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئادىل مۇئامىلىگە ئۇچرىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۇنىڭدىكى ئاچقۇچ بالىلارنىڭ تەرەققىياتىغا ماس كېلىدىغان يولنى تاپالىدۇقمۇ ـ يوق، بۇ ھازىرقى مائارىپىمىزدىكى ئەڭ چوڭ، ئەڭ كەسكىن تېما.

  ئاخىرىدا، زامانىۋى مائارىپ جەزمەن ماس كېلىدىغان مائارىپ بولۇشى كېرەك. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، يېزىدىكى بالىلارغا ماس كېلىدىغان مائارىپنى تېپىش ئىنتايىن مۇھىم. خۇلاسىلىگەندە، يېزا مائارىپى ھەممىگە باب كېلىدىغان، ئەلا سۈپەتلىك، ئادىل ۋە ماس بولۇشى كېرەك. مېنىڭچە تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، تۇرمۇشقا باغلاش، تەجرىبىنى مەنبە قىلىش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدىنىشتىن ئىبارەت. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىلىمىمىزنى مەسىلىگە ئايلاندۇرۇشىمىز، مەسىلىنى ئۇسۇلغا ئايلاندۇرۇشىمىز، ئۇسۇلنى ئىدىيەگە ئايلاندۇرۇشىمىز، ئىدىيەنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. بىز يېڭى تۇرمۇش مائارىپىنى تەشەببۇس قىلىپ، يېڭى «ئىشلەش جەريانىدا ئۆگىنىش»، يېڭى جەمئىيەت مائارىپى ئارقىلىق، يېزا مائارىپىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېزىلارنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

  (ئاپتور: شەرقىي شىمال پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو يېزا مائارىپى تەرەققىيات تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى، «چاڭجياڭ ئالىملىرى» پىلانىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك پىروفېسسورى)
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر