ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئوقۇتقۇچىدا سوئال سوراش ماھارىتى بولۇشى كېرەك

تۇرسۇنجان ھەسەن 

2017.12.28 17:28 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايدىغان سوئاللار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىغا ئىلھام بېرىپلا قالماستىن، بەلكى كەيپىياتىنى ياخشىلاپ، ئۆگىنىشتىكى تەشەببۇسكارلىقىنى ئاشۇرىدۇ. ئەكسىچە، چۈشىنىكسىز، مۇرەككەپ سوئاللار ئوقۇغۇچىلارنى ئۆگىنىشتىن بىزار قىلىپ قويىدۇ. شۇڭلاشقا، سوئاللار ئاددىي، چۈشىنىشلىك، كونكرېت بولۇشى، سوئاللارنىڭ مەزمۇنى، شەكلى، قۇرۇلمىسىنى ئوقۇغۇچىلار ئاڭقىرالايدىغان بولۇشى زۆرۈر.

  ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوقۇتقۇچىلار ئوتتۇرىسىدا مۇئەييەن پىسخىكىلىق بوشلۇق بولىدۇ. تەجرىبىلىك ئوقۇتقۇچىلار بۇ بوشلۇقنى مېھىر ـ مۇھەببەتكە تولغان سوئاللار ئارقىلىق تولدۇرۇشقا ماھىر كېلىدۇ. ئۇلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكىنى ياخشى ئىگىلەپ، قىزىقىش ـ ھەۋەسلىرىگە ھۆرمەت قىلىپ، تاللاش جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، دەرسنىڭ قىيىن نۇقتىلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، مۇھىم نۇقتىلىرىنى جەلپكار سوئاللار ئارقىلىق گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ.

  ئوقۇتۇش جەريانىدا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان سوئاللارنى تەييارلاش ئوقۇتقۇچىلاردىن يۇقىرى ماھارەت تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا، جايىدا سورالغان سوئالنىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتىدىكى ئۈنۈمى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. بۇنداق سورالغان سوئاللار ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقنى يېقىنلاشتۇرىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىغان سوئاللىرى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېسسىياتىنى بىر ـ بىرىگە ئۇلايدىغان، مۇقەددەس روھ ئارقىلىق سەبىي روھلارغا تەسىر كۆرسىتىدىغان، ئالىيجاناب قەلبى بىلەن يۇمران قەلبلەرنى تۇتاشتۇرىدىغان، ئادىمىيلىك قۇرۇلۇشىغا ئاساس سالىدىغان ئۇلۇغ ئىشقا ئاساس سالىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاۋابلىرىدىن ئوقۇتۇش جەريانىدىكى ئارتۇقچىلىقلار ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى تېپىپ چىقىپ، دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە پۇختا ئاساس سالىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى چۈشىنىمەن، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى تولۇق ئىگىلەيمەن، ئوقۇغۇچىلارغا مېھرىبانلىق يەتكۈزىمەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىنى مايىل قىلىپ، ئوقۇش ـ ئوقۇتۇش خىزمىتىدە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىمەن، دەيدىكەن سوئاللارنى ئەتراپلىق تەييارلىشى كېرەك.

  ئوقۇتۇش، تەلىم ـ تەربىيە جەريانى سوئال سوراشتىن ئايرىلالمايدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پېداگوگىكىلىق ماھارىتى، مېتودىلىك پاراسىتى، پىسخولوگىيەلىك ئالامىتى ئوقۇتۇش، تەلىم ـ تەربىيە خىزمىتىنىڭ ھەر بىر ھالقىلىرىدا ئۆزىنى نامايان قىلىدىغان شارائىت بىلەن تەمىنلەپ تۇرىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار سوئال سوراش ئارقىلىق ئوقۇتۇش ۋە تەلىم ـ تەربىيەگە دائىر ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيدۇ.

  ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەييارلىغان سوئاللىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەيپىياتىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. سورالغان سوئاللار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيەسىگە، خاراكتېرىگە، پىسخىكىسىغا، دۇنيا قارىشىغا تەسىر كۆرسىتەلىسە، دەرسخانىنىڭ كەيپىياتى جانلىنىدۇ. سورالغان سوئاللار ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىشىگە، مىجەزىگە، قىزىقىشىغا، ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە ماس كەلمىسە، دەرسخانا كەيپىياتى ناچارلاپ، ئوقۇتۇش ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. دېمەك، سورالغان سوئاللار دەرسخانا كەيپىياتىغىمۇ مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەيپىياتىنى ياخشىلايدىغان سوئاللار ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىننەتدارلىق تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ياخشى ئوي ـ پىكىرلىرىنى قوزغىتىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئىلھام ۋە كۈچ ـ قۇۋۋەت ئاتا قىلىدۇ. ياخشى بولغان دەرسخانا كەيپىياتىدىن ئوقۇتقۇچىلار خۇشال بولسا، خۇشال كەيپىيات ئىچىدە ئۆتۈلگەن دەرسلەردىن ئوقۇغۇچىلار مىننەتدار بولىدۇ.

  قىسقىسى، ئوقۇتۇش، تەلىم ـ تەربىيە خىزمىتىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ھەر قانداق ئوقۇتقۇچى سوئال سوراش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈشى، سوئاللارنى ئەتراپلىق، سىستېمىلىق، قاراتمىلىق تەييارلىشى، سوئال سوراشقا ماھىر بولۇشى، سوئال ئارقىلىق مەسىلىلەرنى بايقىشى، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشى، دەرسخانا كەيپىياتىنى ياخشىلاپ، دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى لازىم.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر