ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خوجىلىق باشقۇرۇش نىزامى(4)

(2017-يىل 5-ئاينىڭ 27-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29-يىغىنىدا ماقۇللاندى)

2017.12.19 17:13 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

   6- باب ئۆي- ئىمارەتنى رېمونت قىلىش ۋە ئاسراش

  1- پاراگراف ئۆي- ئىمارەتنى رېمونت قىلىش، ئاسراش جاۋابكارلىقى

  69- ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون بەلگىلىگەن رېمونت كاپالەت دائىرىسى ۋە رېمونت كاپالەت مۇددىتى بويىچە، ئۆي- ئىمارەتنىڭ رېمونت كاپالەت جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن رېمونت كاپالەت جاۋابكارلىقىنى خوجىلىق باشقۇرغۇچىغا ھاۋالە قىلغان بولسا، خوجىلىق باشقۇرۇش رايونى ئىچىدە ئېلان قىلىشى كېرەك، ئۆي ئىگىلىرىگە زىيان يەتكۈزگەنلىرى قانۇن بويىچە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

  قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن خوجىلىققا ئالاقىدار ئەرزلەرنى بىر تەرەپ قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى كېرەك. ئۆي- ئىمارەتلەردە ساقلانغان نۇقسان رېمونت كاپالەت دائىرىسى ۋە رېمونت كاپالەت مۇددىتى ئىچىدە بولسا، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ۋاقتىدا تىزىملاپ تەكشۈرۈپ، ئۆي ئىگىلىرى، خوجىلىق باشقۇرغۇچى بىلەن رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇسۇلى، مۇددىتى قاتارلىقلار ئۈستىدە كېڭىشىشى كېرەك. ئۆي- ئىمارەتنىڭ سۈپىتىدە نۇقسان ياكى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى بار بولغانلىقتىن، ئىشلىتىشكە تەسىر يەتكەن بولسا، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ياكى ئۇ ھاۋالە قىلىنغان خوجىلىق باشقۇرغۇچى قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىشى ھەمدە كېلىپ چىققان زىياندا قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

  70- ماددا ئۆي- ئىمارەتنىڭ رېمونت كاپالەت مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، ئۆينىڭ خاس قىسمىنى ئاسراش، رېمونت قىلىشقا ئۆي ئىگىسى مەسئۇل بولىدۇ.

  ئۆينىڭ خاس قىسمىدا بىخەتەرلىككە، جامائەت مەنپەئىتىگە ۋە باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئۆي ئىگىسى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى، قوشنا ئۆي ئىگىلىرى قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

  71- ماددا ئۆي- ئىمارەتنىڭ رېمونت كاپالەت مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، ئىمارەتنىڭ ئورتاق قىسمى ۋە تەڭ پايدىلىنىدىغان ئەسلىھەسىنى رېمونت قىلىش، ئاسراشقا خوجىلىق باشقۇرغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. لىفىت، پار قازىنى قاتارلىق ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئاسراش، رېمونت قىلىشقا ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقارغان زاۋۇت ياكى مۇناسىپ سالاھىيەتكە ئېرىشكەن كەسپىي رېمونت ئورنى مەسئۇل بولىدۇ.

  72- ماددا خوجىلىق باشقۇرۇش رايونى ئىچىدە سۇ، توك، گاز، پار بېرىش، خەۋەرلىشىش، سىملىق تېلېۋىزىيە قاتارلىق كەسپىي تىجارەت ئورۇنلىرى ئائىلە بويىچە مىقدار ھېسابلاش قۇرۇلمىسى ياكى ئائىلىلەرگىچە ئۇلاش ئۇچىدىن باشقا ئەسلىھەنى ئاسراش، رېمونت قىلىش ۋە يېڭىلاش مەسئۇلىيىتىنى ۋە مۇناسىپ ھەقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

  كەسپىي تىجارەت ئورۇنلىرى كەسپىي تىجارەت ئەسلىھەسىنى رېمونت قىلغان، ئاسرىغان ۋە يېڭىلىغاندا، ئۆي ئىگىلىرى ماسلىشىپ بېرىشى كېرەك.

  2- پاراگراف تۇرالغۇ مەخسۇس رېمونت مەبلىغى

  73- ماددا مەخسۇس رېمونت مەبلىغى ئورتاق قىسىم، تەڭ پايدىلىنىدىغان ئەسلىھەنىڭ رېمونت كاپالەت مۇددىتى توشقاندىن كېيىنكى ئاسراش، رېمونت قىلىش ۋە يېڭىلاش، ئۆزگەرتىش ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدۇ. مەخسۇس رېمونت مەبلىغىنى تاپشۇرۇش، داۋاملىق تاپشۇرۇش، ئىشلىتىش ۋە باشقۇرۇش دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.

  74- ماددا مەخسۇس رېمونت مەبلىغىنى ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، رېمونت قىلىنىدىغان، يېڭىلىنىدىغان، ئۆزگەرتىلىدىغان ئورتاق قىسمى، تەڭ پايدىلىنىدىغان ئەسلىھەدىن پايدىلىنىدىغان ئەڭ كىچىك بىرلىكنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى ھەم خاس قىسمى ئىمارەت ئوم−ۇمىي كۆلىمىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىس−مىدىن كۆپرەك

  بولغان ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك. ئۆينى بىخەتەر ئىشلىتىشكە خەۋپ يەتكۈزىدىغان تۆۋەندىكىدەك جىددىي ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى ئىجرا ئاپپاراتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، خوجىلىق باشقۇرغۇچى ئۇنى رېمونت قىلىش، يېڭىلاش، ئۆزگەرتىشنى ئۈستىگە ئالغان ئورۇنغا جىددىي بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسى تۈزۈپ، دەل ۋاقتىدا جىددىي رېمونت قىلىشقا تەشكىللەشنى ھاۋالە قىلسا بولىدۇ. بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسى، رېمونت قىلىش نەتىجىسى، خىراجەت چىقىمى قاتارلىقلارنى خوجىلىق باشقۇرۇش رايونى ئىچىدە ئېلان قىلىش، ئۆي ئىگىلىرىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىش كېرەك:

  (1) ئۆگزىنىڭ سۇ ئۆتمەس قاتلىمى بۇزۇلۇپ، سۇ ئۆتۈپ كەتسە؛

  (2) لىفىتتىن كاشىلا چىقىپ، ئىشلىتىشتىن توختاپ بولسا؛

  (3) ئۆي- زېمىن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى خەتەرلىك ئۆي دەپ باھالاپ، پۇختىلاش، رېمونت قىلىشقا توغرا كەلگەن بولسا؛

  (4) ئۆينىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئۆرۈلۈش، سويۇلۇپ چۈشۈش خەتىرى بولسا؛

  (5) تەڭ پايدىلىنىدىغان ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەسى، ئۈسكۈنىسى بۇزۇلۇپ، ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش، ئوت ئۆچۈرۈش ئىقتىدارىنى يوقاتقان بولسا؛

  (6) ئۆينىڭ بىخەتەر ئىشلىتىلىشىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان باشقا ئەھۋاللار كۆرۈلسە.

  دۆلەتنىڭ كونا ئولتۇراق رايونىنى ئۆزگەرتىش ۋە كونا لىفىتلارنى يېڭىلاشقا رېمونت مەبلىغى ئىشلىتىش توغرىسىدا ئايرىم بەلگىلىمىسى بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

  7- باب كونا ئولتۇراق رايونىنىڭ خوجىلىقىنى باشقۇرۇش

  75- ماددا يانداش ئەسلىھەسى تولۇق بولمىغان، مۇھىت سۈپىتى بىرقەدەر ناچار بولغان كونا ئولتۇراق رايونلىرىنى ناھىيەلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ ئۆزگەرتىشى، ئۆزگەرتىش يىرىك پىلانى ۋە يىللىق پىلاننى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك.

  76- ماددا ئۆي ئىگىلىرى بىرقەدەر ئاز بولغان كونا ئولتۇراق رايونلىرىغا نىسبەتەن، شەھەرلىك ياكى ناھىيەلىك (شەھەرلىك) ئۆي- زېمىن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى خوجىلىق باشقۇرۇش رايونلىرىنى مۇۋاپىق بىرىكتۈرۈشى لازىم ياكى بىرقانچە كونا ئولتۇراق رايونىنى باشقۇرۇشنى بىر خوجىلىق مۇلازىمىتى كارخانىسى ياكى باشقا باشقۇرغۇچىغا ئورتاق ھاۋالە قىلىشنى تەشكىللەپ ماسلاشتۇرسىمۇ بولىدۇ.

  77- ماددا كونا ئولتۇراق رايونلىرى ئىچىدىكى يول، يورۇتۇش ئەسلىھەسى، يېشىللىق، ئوت مۇداپىئە، مەدەنىيەت- تەنتەربىيە ئەسلىھەسى، خوجىلىق مۇلازىمىتى ئۆيىنى قۇرۇش، ئۆزگەرتىش مەبلىغىنى ھۆكۈمەت ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ئەسلىھە يۈرۈشلەشمەسلىكتەك قالدۇق مەسىلىلەر بولسا، ئەسلىدىكى مۈلۈكدار ئورۇن ياكى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئۈستىگە ئالىدۇ؛ كونا ئولتۇراق رايونلىرىنىڭ سۇ، توك، گاز، پار بېرىش، خەۋەرلىشىش، سىملىق تېلېۋىزىيە قاتارلىق شەھەر مەمۇرىيىتى جامائەت ئەسلىھەسى، ئۈسكۈنىسىنى قۇرۇش، ئۆزگەرتىش مەبلىغىنى كەسپىي تىجارەت ئورۇنلىرى ئۈستىگە ئالىدۇ.

  78- ماددا شارائىت ھازىرلىغان كونا ئولتۇراق رايونلىرىدا، ئۆزگەرتىش، تۈزەشكە بىرلەشتۈرۈپ، تىجارەتلىك ئۆي، گاراژ، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى قۇرۇشقا ئىلھام بېرىلىدۇ، پىلانلاش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى پىلانلاش ئىجازەتنامىسى بېجىرگەندە، سىغىم نىسبىتى ۋە ئىمارەتنىڭ زىچلىق نىسبىتىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرسە بولىدۇ. يېڭى سېلىنغان تىجارەتلىك ئۆي، گاراژ، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى بارلىق ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ، تىجارەت پايدىسىنى ئۆزگەرتىش، تۈزەش مەبلىغىنىڭ كېمىنى تولۇقلاشقا ئىشلەتسە ياكى تۇرالغۇ مەخسۇس رېمونت مەبلىغىگە كىرگۈزۈپ باشقۇرسا بولىدۇ.

  79- ماددا ناھىيەلىك (شەھەرلىك) ئۆي- زېمىن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە كوچا باشقارمىسى ياكى يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى كونا ئولتۇراق رايونلىرىدا ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى قۇرۇپ، ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئۆز- ئۆزىنى باشقۇرۇشنى يولغا قويۇشىغا ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

  8- باب قانۇن جاۋابكارلىقى

  80- ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇنلاردىن بۇ نىزامنىڭ 10- ماددىسىنىڭ 3- تارمىقى، 20- ماددىسىنىڭ 1- تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆي سېتىۋالغۇچىلارغا خوجىلىق باشقۇرۇش رايونى، ئالدىنقى مەزگىللىك خوجىلىق مۇلازىمىتى توختامى، ۋاقىتلىق باشقۇرۇش قائىدىسىنى كۆرسەتمىگەنلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆي- زېمىن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىگە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

  81- ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇنلاردىن مۇشۇ نىزامنىڭ 15- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقىدىكى گاراژ، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن نېرى- بېرى قىلغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي- زېمىن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، ئۆي ئىگىلىرىگە زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

  82- ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇنلاردىن مۇشۇ نىزامنىڭ 21- ، 22- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تەلەپكە يەتمىگەن ئالدىنقى مەزگىللىك ئۆي- ئىمارەتنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىرىنىڭ خوجىلىق مۇلازىمەت ھەققى يىغىشىغا بولمايدۇ ھەمدە ئۇلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي- زېمىن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىگە قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن قۇرۇلۇش توختامىدىكى باھانىڭ %2 ىدىن يۇقىرى، %4 ىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

  خوجىلىق باشقۇرغۇچىلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تەلەپكە يەتمىگەن ئالدىنقى مەزگىللىك ئۆي- ئىمارەتنى ئۆتكۈزۈۋالغانلىرىنىڭ خوجىلىق مۇلازىمەت ھەققى يىغىشىغا بولمايدۇ ھەمدە ئۇلارغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي- زېمىن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

  83- ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇنلار، خوجىلىق باشقۇرغۇچىلار، كەسپىي رېمونت ئورۇنلىرى، كەسپىي تىجارەت ئورۇنلىرىدىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، رېمونتقا كاپالەتلىك قىلىش، رېمونت قىلىش، ئاسراش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان ياكى ئادا قىلىشنى كېچىكتۈرگەنلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي- زېمىن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىگە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، ئۆي ئىگىلىرىگە زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

  84- ماددا ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى ئەزالىرىدىن مۇشۇ نىزامنىڭ 40- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق پۇل- مېلىنى ئىشلىتىۋالغان، ئىگىلىۋالغانلار، ھەق سورىغان، قوبۇل قىلغانلار ۋە نامۇۋاپىق مەنپەئەتكە ئېرىشىۋالغانلار ئۇنى قايتۇرىدۇ؛ زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

  85- ماددا ئۆي ئىگىلىرى، خوجىلىق باشقۇرغۇچىلار ۋە ئۆي- ئىمارەتتىن پايدىلانغۇچىلاردىن مۇشۇ نىزامنىڭ 45- ماددىسىنىڭ 1- تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەنلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ مەمۇرىي باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلاش، قۇرۇلۇش، ئۆي- زېمىن، شەھەر باشقۇرۇش، جامائەت خەۋپسىزلىكى، مۇھىت ئاسراش تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى خىزمەت مەسئۇلىيىتىگە ئاساسەن، قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.

  86- ماددا خوجىلىق باشقۇرغۇچىلاردىن مۇشۇ نىزامنىڭ 59- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، خوجىلىق مۇلازىمىتى توختامىنى بىكار قىلغان، ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، چېكىنىپ چىقىش رەسمىيىتى بېجىرمىگەنلىرىگە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي- زېمىن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

  87- ماددا خوجىلىق باشقۇرغۇچىلاردىن مۇشۇ نىزامنىڭ 66- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ھەق ئېلىش دائىرىسىنى كېڭەيتكەن، ھەق ئۆلچىمىنى ئۆستۈرگەن، تەكرار ھەق ئالغان، مەجبۇرىي مۇلازىمەت قىلغان ياكى باشقىچە يول بىلەن مەجبۇرىي مۇلازىمەت قىلغان ھەم ھەق ئالغان ۋە ياكى بەلگىلىمىنى قايرىپ قويۇپ باھانى ئاشكارىلىمىغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە، قائىدىگە خىلاپ ئالغان ھەقنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرى مۇناسىۋەتلىك قانۇن- نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالىنىدۇ.

  88- ماددا خوجىلىق باشقۇرغۇچىلاردىن مۇشۇ نىزامنىڭ 68- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ۋاكالىتەن يىغىدىغان سۇ، توك، گاز، پار ھەققىگە ئۆي ئىگىلىرىدىن رەسمىيەت ھەققى قوشۇپ ئالغان ياكى ئۆي ئىگىلىرىنىڭ سۇ، توك، گاز، پار كارتىلىرىغا قىممەت تولۇقلاشنى چەكلەپ، ئۆي ئىگىلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزگەنلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي- زېمىن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە، قوشۇپ ئالغان ھەقنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ.

  89- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي- زېمىن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى، كوچا باشقارمىسى ياكى يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇنىڭدەك باشقا مەمۇرىي مەسئۇل تارماق ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ:

  (1) خوجىلىق باشقۇرۇش رايونىنى بەلگىلەنگەن مۇددەت، شەرت بويىچە ئايرىمىغانلار؛

  (2) بەلگىلىمە بويىچە ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى تەييارلىق گۇرۇپپىسى، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى قۇرۇشقا بەلگىلىمە بويىچە تەشكىلاتچىلىق، يېتەكچىلىك قىلمىغان ياكى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئىجرا ئاپپاراتىنىڭ سايلىمىغا ئارىلىشىۋالغان، توسقۇنلۇق قىلغانلار؛

  (3) تاپشۇرۇۋالغان ئەرز- شىكايەتنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلمىغانلار؛

  (4) قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىقتەك باشقا ئەھۋاللار.

  90- ماددا بۇ نىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، جازا كېلىدىغان باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلارغا ئالاقىدار قانۇن- نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

  9- باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

  91- ماددا بۇ نىزامدىكى تۆۋەندىكى سۆز- ئىبارىلەرنىڭ مەنىسى:

  (1) سىغىم نىسبىتى دېگىنىمىز، قۇرۇلۇش يېرىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىدىغان يىرىك پىلان كونترول كۆرسەتكۈچىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ قۇرۇلۇش يېرى يىرىك پىلان ئىجازىتى دائىرىسىدىكى ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى بىلەن ئىشلىتىلگەن يەر كۆلىمىنىڭ سېلىشتۇرما قىممىتى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.

  (2) باشقا باشقۇرغۇچى دېگىنىمىز، مەھەللە (شەھەر ئاھالە كومىتېتى)دە قانۇن بويىچە قۇرۇلغان خەلققە قولايلىق يەتكۈزۈش مۇلازىمەت تەشكىلاتى ياكى تازىلاش، پاكىزلاش، قار- مۇز تازىلاش، چارلاش، ئامانلىق ساقلاش، كۆكەرتىشنى باشقۇرۇش، ئۆي رېمونت قىلىش ۋە ئەسلىھەنى ئاسراش، جىددىي رېمونت قىلىش، تۇرۇبىلارنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى قىلىدىغان كەسپىي مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

  (3) ئورتاق قىسىم دېگىنىمىز، ئىمارەتنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ ئېغىرلىق كۆتۈرۈش قۇرۇلمىسىنىڭ ئۇلى، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش تېمى، تۈۋرۈكى، لىمى، پولى، ئۆگزىسى شۇنىڭدەك تاشقى تېمى، دەھلىز، پەلەمپەي ئۆيى، كارىدور، دالان، توسقۇچ، رېشاتكا، لىفىت قۇدۇقى، پاناھ قەۋىتى، ئۈسكۈنە ئۆيى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.

  (4) تەڭ پايدىلىنىدىغان ئەسلىھە دېگىنىمىز، ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقىدىكى ئىمارەتنىڭ قوشۇمچە ئەسلىھە، ئۈسكۈنىسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئاساسلىقى لىفىت، سۇ پومپىسى، سۇ ساندۇقى، ئانتېننا، كارىدور چىرىغى، چاقماق قايتۇرۇش قۇرۇلمىسى، ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەسى، سۇ بېرىش، سۇ چىقىرىۋېتىش تۇرۇبىسى، ئورتاق ئىسسىنىش ۋە ھاۋا تەڭشەش تۇرۇبا- ئۈسكۈنىسى، خوجىلىق باشقۇرۇش رايونى ئىچىدىكى يول، يېشىللىق، سۈنئىي مەنزىرىلەر، يول چىرىغى، ئېرىق، كۆلچەك، قۇدۇق، ئېكرانلىق كۆزەتكۈچ، ئىشىك توسىقى، قاشا، ئەخلەت ساندۇقى، پاراۋانلىق مەدەنىيەت- تەنتەربىيە ئەسلىھەسى ۋە شەھەر مەمۇرىيىتى جامائەت مەھسۇلاتى بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبىسى شۇنىڭدەك تەڭ پايدىلىنىدىغان ئەسلىھە ئۆيى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  92- ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مۇشۇ نىزامغا ئاساسەن، خوجىلىق باشقۇرۇشقا دائىر كونكرېت بەلگىلىمە ۋە چارە تۈزسە بولىدۇ.

  93- ماددا بۇ نىزام 2017- يىل 7- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  (تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن- نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل
ئالدىنقى بەت   【1】 【2】 【3】 【4】