ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خوجىلىق باشقۇرۇش نىزامى(3)

(2017-يىل 5-ئاينىڭ 27-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29-يىغىنىدا ماقۇللاندى)

2017.12.19 17:13

  47- ماددا ئۆي ئىگىسى ئۆي ۋە گاراژ، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنى ئىجارە بېرىشتە، ئىجارە ئالغۇچىنىڭ خوجىلىق باشقۇرۇش پائالىيىتىدىكى ھوقۇق- مەجبۇرىيىتىنى ئىجارە توختامىغا ئېنىق يېزىشى ھەمدە ئىجارە ئالغۇچى، ئىجارە مۇددىتى، خوجىلىق مۇلازىمىتى ۋە سۇ، توك، گاز، پار قاتارلىقلارنىڭ ھەققىنى تاپشۇرۇش پۈتۈمى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئىجرا ئاپپاراتىغا ۋە خوجىلىق باشقۇرغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

  2- پاراگراف ئۆي بېزەش ۋە ئىشلىتىلىشىنى ئۆزگەرتىش

  48- ماددا ئۆي ئىگىسى ئۆينى بېزىگەندە، بېزەش مەزمۇنى، پىلاندىكى قۇرۇلۇش مۇددىتى، بېزەش قۇرۇلۇشى مەسئۇلىنىڭ ئىسىم- فامىلىسى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى قوشنا ئۆي ئىگىسىگە، خوجىلىق باشقۇرغۇچىغا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

  خوجىلىق باشقۇرغۇچى تۆۋەندىكى ئىشلار ئۈستىدە ئۆي ئىگىسى بىلەن يازما كېلىشىم تۈزۈشى كېرەك:

  (1) بېزەش قۇرۇلۇشى قىلىش ۋاقتى؛

  (2) ئۆي بېزەشتىن چىققان ئەخلەتنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە توشۇش؛

  (3) لىفىتنى ئىشلىتىش، تەڭ پايدىلىنىدىغان قىسمىنى ۋاقىتلىق ئىگىلەپ ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار؛

  (4) ئۆگزە، دېرىزە سىرتى، بالكونغا ئەسلىھە، ئۈسكۈنە، رېشاتكا قاتارلىقلارنى ئورنىتىش ھەققىدىكى تەلەپ؛

  (5) قانۇن- نىزام ۋە باشقۇرۇش قائىدىسىدە مەنئى قىلىنغان ھەرىكەتلەر؛

  (6) خىلاپلىق جاۋابكارلىقى.

  49- ماددا خوجىلىق باشقۇرۇش رايونى ئىچىدە يىرىك پىلان بويىچە قۇرۇلغان جامائەت مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرى، شەھەر مەمۇرىيىتى جامائەت قۇرۇلۇشى ۋە خوجىلىق مۇلازىمىتى ئۆيىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتىۋېتىشكە بولمايدۇ.

  تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولۇپ، ئىشلىتىلىشىنى ھەقىقەتەن ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلگەندە، خوجىلىق باشقۇرۇش رايونىدىكى خاس قىسمى ئىمارەت ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ھەم ئومۇمىي ئادەم سانىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، ئالاقىدار تارماقلارغا ئىلتىماس قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش كېرەك:

  (1) خوجىلىق باشقۇرۇش رايونىنى تەڭشەش سەۋەبىدىن جامائەت مۇلازىمىتى ئەسلىھەسى، شەھەر مەمۇرىيىتى جامائەت قۇرۇلۇشى ۋە خوجىلىق مۇلازىمىتى ئۆيىنى سەپلەپ قۇرۇش تەلىپى ۋە ئىشلىتىش ئېھتىياجىدىن ئاشۇرۇشقا توغرا كەلسە؛

  (2) سۇ، توك، گاز، پار بېرىش ئۇسۇلى، تېخنىكىسى قاتارلىقلاردا ئۆزگىرىش بولغانلىقتىن، ئەسلىدىكى جامائەت مۇلازىمىتى ئەسلىھەسى بىكار تۇرۇپ قالسا؛

  (3) ئىمارەتنىڭ تەڭ پايدىلىنىدىغان ئۈسكۈنە قەۋىتى قاتارلىقلار بىكار تۇرۇپ قالسا.

  50- ماددا ئۆي ئىگىسى تۇرالغۇنى تىجارەتلىك ئۆيگە ئۆزگەرتمەكچى بولسا، قانۇن- نىزام ۋە باشقۇرۇش قائىدىسىگە ئۇيغۇن كېلىشى، تەشەبىۇسكارلىق بىلەن پايدا- زىيان مۇناسىۋىتى بار ئۆي ئىگىسى بىلەن ئالاقىلىشىشى كېرەك، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئىجرا ئاپپاراتىدىن ياردەملىشىشنى تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ ھەمدە پايدا- زىيان مۇناسىۋىتى بار ئۆي ئىگىلىرىنىڭ يازما ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك.

  51- ماددا تۇرالغۇ ئۆي- ئىمارەتنىڭ ئورتاق قىسمىدىن پايدىلىنىپ لىفىت ئورنىتىش قاتارلىق ئىككىلەمچى ئېچىش، ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، يىرىك پىلان، يەر، قۇرۇلۇش، مۇھىت ئاسراش، ئوت مۇداپىئە، ئالاھىدە ئۈسكۈنە بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن- نىزاملاردىكى بەلگىلىمە ۋە تېخنىكا ئۆلچىمىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن بولۇش شەرتى ئاستىدا، شۇ بىنا ياكى شۇ بىنا ئىشىكىگە تەۋە ئۆينىڭ خاس قىسمى ئومۇمىي ئىمارەت كۆلىمىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئىگىلىگەن ھەمدە ئومۇمىي ئادەم سانىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن ئۆي ئىگىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش ھەمدە قانۇن بويىچە مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش لازىم.

  3- پاراگراف گاراژ ۋە ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىدىن پايدىلىنىش

  52- ماددا خوجىلىق باشقۇرۇش رايونى ئىچىدىكى گاراژ ۋە ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى ئالدى بىلەن ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشى كېرەك. گاراژ ۋە ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنىڭ ئومۇمىي سانى ئۆي ئىگىلىرى ئومۇمىي سانىدىن ياكى ئېھتىياجلىق ساندىن ئاز بولسا، ۋاقىتلىق باشقۇرۇش قائىدىسى، باشقۇرۇش قائىدىسىدە گاراژ ۋە ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىغا ئېرىشىش ئۇسۇلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك.

  گاراژ ۋە ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرغاندىن كېيىن، خوجىلىق باشقۇرۇش رايونى سىرتىدىكى باشقا كىشىلەرگە ئىجارە بېرىشكە بولىدۇ، لېكىن سېتىشقا بولمايدۇ. باشقۇرۇش قائىدىسى ۋە ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئايرىم بەلگىلىمىسى بولغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئىجارە مۇددىتىنى بىر قېتىمدا 12 ئايدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ؛ ئىجارە توختامىنىڭ مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، ئۆي ئىگىلىرىنىڭ يېڭىدىن كۆپەيتىش ئېھتىياجى بولسا، ئالدىن قاندۇرۇش كېرەك.

  53- ماددا خوجىلىق باشقۇرۇش رايونى ئىچىدىكى پىلانلانغان گاراژ ۋە ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى ئېشىپ قالغان تۇرۇقلۇق، خوجىلىق باشقۇرغۇچىلار ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقىدىكى يول، مەيدانلارنى ئىگىلەپ گاراژ ۋە ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى تەسىس قىلسا بولمايدۇ.

  ھەقىقەتەن خوجىلىق باشقۇرۇش رايونى ئىچىدىكى ئۆي ئىگىلىرى ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىدىغان يول، مەيدانلارنى ئىگىلەپ ئاپتوموبىل ئورنى تەسىس قىلىشقا توغرا كەلسە، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى يولى، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلىنىڭ يۇقىرىغا چىقىپ مەشغۇلات قىلىش مەيدانىنى ئىگىلەشكە، ئوت ئۆچۈرۈش جۈمىكى، تارقاقلاشتۇرۇش يولى ۋە بىخەتەر ئىشىكنى توسۇپ قويۇشقا بولمايدۇ.

  5- باب خوجىلىق باشقۇرۇش مۇلازىمىتى ۋە ھەق ئېلىش

  1- پاراگراف خوجىلىق باشقۇرۇش مۇلازىمىتى

  54- ماددا خوجىلىق باشقۇرۇش مۇلازىمىتى تۆۋەندىكى ئاساسلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك:

  (1) ئورتاق قىسىم، تەڭ پايدىلىنىدىغان ئەسلىھە شۇنىڭدەك ئۆي ئىگىلىرى ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىدىغان گاراژ ۋە ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى باشقۇرۇش، ئاسراش، رېمونت قىلىش؛

  (2) جامائەت يېشىللىقىنى باشقۇرۇش، ئاسراش؛

  (3) ئورتاق قىسىم ۋە جامائەت رايونىنىڭ تازىلىقىنى قىلىش، قار- مۇز تازىلاش قاتارلىق مۇھىت تازىلىقىنى قىلىش- ئاسراش؛

  (4) جامائەت رايونىنىڭ تەرتىپىنى ساقلاش، بىخەتەرلىك مۇداپىئەسى، قۇتقۇزۇش قاتارلىق ئىشلارغا ياردەملىشىش خىزمىتى؛

  (5) ئۆي- ئىمارەتتىن پايدىلىنىش جەريانىدىكى مەنئى قىلىنغان قىلمىشلارنى ئۇقتۇرۇش، نەسىھەت قىلىپ توسۇش، دوكلات قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەر؛

  (6) ۋاكالىتەن يىغقان ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقىدىكى ئۆي، ئەسلىھە، گاراژ (ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى) قاتارلىقلارنى ئىشلىتىش ھەققىنىڭ ھېساباتىنى باشقۇرۇش؛

  (7) خوجىلىقنىڭ مەخسۇس ئاسراش، رېمونت قىلىش مەبلىغىنى ئىشلىتىش لايىھەسىنى تۈزۈش؛

  (8) خوجىلىق مۇلازىمىتى ئارخىپى ۋە ئۆي- ئىمارەت ئارخىپىنى باشقۇرۇش؛

  (9) خوجىلىق باشقۇرۇش مۇلازىمىتىدىكى باشقا ئىشلار.

  خوجىلىق باشقۇرغۇچىنىڭ مۇلازىمەت دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئۆي ئىگىلىرىنىڭ كۆپ مەنبەلىك تۇرمۇش مۇلازىمىتى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

  55- ماددا ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى خوجىلىق باشقۇرۇشنى خوجىلىق باشقۇرغۇچىغا ھاۋالە قىلىشنى قارار قىلىشتا، ھاۋالە قىلىنغۇچى تەرەپ بىلەن خوجىلىق مۇلازىمىتى توختامى تۈزۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك.

  خوجىلىق مۇلازىمىتى توختامىدا خوجىلىق مۇلازىمىتىنىڭ مەزمۇنى، مۇلازىمەت ئۆلچىمى، ھەق ھېسابلاش ئۇسۇلى، خوجىلىق باشقۇرۇش ئۆيى، توختام مۇددىتى، توختامنى بىكار قىلىش، خىلاپلىق جاۋابكارلىقى قاتارلىق ئىشلارنى پۈتۈشۈش كېرەك.

  خوجىلىق مۇلازىمىتى توختامىدا ئۈلگە نۇسخا ئىشلىتىشكە ئىلھام بېرىلىدۇ.

  56- ماددا خوجىلىق باشقۇرغۇچى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى ياكى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنى ئىجرا ئاپپاراتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ، ئورتاق قىسمى، تەڭ پايدىلىنىدىغان ئەسلىھەنى رېمونت قىلىش، ئاسراش، يېشىللىقنى باشقۇرۇش- ئاسراش، تازىلىق قىلىش، قار- مۇز تازىلاش، تەرتىپ ساقلاش، بىخەتەرلىك جەھەتتە مۇداپىئەلىنىش شۇنىڭدەك ئۆي ئىگىلىرى ئورتاق پايدا ئالغان ھېساباتنى باشقۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنى كەسپىي ئورۇنغا ھاۋالە قىلسا ھەمدە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ۋە مۇلازىمەت ئۆلچىمىنى ئايدىڭلاشتۇرسا بولىدۇ. ھاۋالە قىلىنغۇچى كەسپىي ئورۇن ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزسە، خوجىلىق باشقۇرغۇچى چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

  57- ماددا ئۆي ئىگىلىرىنىڭ خوجىلىق باشقۇرۇش مۇلازىمىتى توختامى سىرتىدىكى ئېلىپ- سېتىلغان، بېزەلگەن ئۆيلەرنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، توختىتىپ قويۇلغان ئاپتوموبىللارنى ساقلاپ بېرىش، جىسمانىي ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئۆي، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتى قىلىش، ئۆينىڭ خاس قىسمىنى تازىلاش، پاكىزلاش، رېمونت قىلىش، ئەشيا يەتكۈزۈش، ياشانغانلارنى كۈتۈش قاتارلىق ئىشلار توغرىسىدىكى مۇلازىمەت تەلىپى بولسا، خوجىلىق باشقۇرغۇچى بىلەن كېڭىشىپ، مۇلازىمەت تۈرلىرى، مۇلازىمەت ئۆلچىمى، ھەق ئېلىش، خىلاپلىق جاۋابكارلىقى قاتارلىق ئىشلار توغرىسىدا پۈتۈشسە بولىدۇ.

  58- ماددا خوجىلىق مۇلازىمىتى توختامىنى بىكار قىلىش ياكى ئاخىرلاشتۇرۇشتا، توختامغا ئاساسەن زۆرۈر بولغان ئۇقتۇرۇش قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش كېرەك؛ توختامدا ئۇقتۇرۇش قىلىش مۇددىتى پۈتۈشۈلمىگەن بولسا، 90 كۈن بۇرۇن ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك.

  59- ماددا خوجىلىق مۇلازىمىتى توختامى بىكار قىلىنغان ياكى ئاخىرلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، خوجىلىق باشقۇرغۇچى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئىجرا ئاپپاراتى بىلەن توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە چېكىنىپ چىقىش رەسمىيىتى بېجىرىشى ھەمدە تۆۋەندىكى ئۆتكۈزۈپ بېرىش- ئۆتكۈزۈۋېلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك:

  (1) ساقلاۋاتقان ئۆي- ئىمارەت ئارخىپى، خوجىلىق مۇلازىمىتى ئارخىپىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش؛

  (2) خوجىلىق مۇلازىمىتى قىلغان مەزگىلدە شەكىللەنگەن ئۆي- ئىمارەت ۋە ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلەرنى ئۆزگەرتىش، رېمونت قىلىش، يۈرۈشتۈرۈش، ئاسراشقا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار؛

  (3) خوجىلىق مۇلازىمىتى ئۆيىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش؛

  (4) ئالدىن ئالغان، ۋاكالىتەن ئالغان مۇناسىۋەتلىك ھەقلەرنى ئېنىقلاش؛

  (5) قانۇن- نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئىشلار.

  خوجىلىق باشقۇرغۇچىنىڭ ئۇقتۇرۇش قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي ياكى خوجىلىقنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش رەسمىيىتىنى بېجىرمەي تۇرۇپ، خوجىلىق باشقۇرۇش رايونىدىن ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئايرىلىشىغا ياكى خوجىلىق مۇلازىمىتىنى توختىتىشىغا بولمايدۇ.

  60- ماددا ئۆي ئىگىسى خوجىلىق مۇلازىمىتى سۈپىتى توختامدا پۈتۈشكەن ئۆلچەمگە يەتمىدى دەپ قارىسا ياكى خوجىلىق باشقۇرۇش مۇلازىمىتىگە باشقىچە پىكرى بولسا، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئىجرا ئاپپاراتىغا ياكى ناھىيەلىك (شەھەرلىك) ئۆي- زېمىن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئەرز قىلسا بولىدۇ.

  ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئىجرا ئاپپاراتى ياكى ناھىيەلىك (شەھەرلىك) ئۆي- زېمىن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئەرز قىلىنغان پاكىتنى ۋاقتىدا ئېنىقلىشى؛ ئۆينىڭ ئورتاق قىسمى، تەڭ پايدىلىنىدىغان ئەسلىھە، ئۈسكۈنىگە چېتىشلىق بولسا، شۇ دائىرىدىكى باشقا ئۆي ئىگىلىرىدىن پىكىر ئېلىشى كېرەك. ئېنىقلانغان پاكىت راست بولسا، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئىجرا ئاپپاراتى ياكى ناھىيەلىك (شەھەرلىك) ئۆي- زېمىن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى خوجىلىق باشقۇرغۇچىغا تۈزىتىش ئۇقتۇرۇشى ئەۋەتىپ، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك؛ ئۆي ئىگىسى ئەرز قىلغان ئىش پۇت تىرەپ تۇرالمىسا، جاۋاب بېرىشى ھەمدە چۈشەندۈرۈپ قويۇشى كېرەك.

  61- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي- زېمىن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى خوجىلىق مۇلازىمىتى پائالىيىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، خوجىلىق مۇلازىمىتى كارخانىسىنىڭ ئىناۋەت سىستېمىسى ۋە كارخانىنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خوجىلىق مۇلازىمىتى سۈپىتىنى ئىناۋەتنى باھالاش كۆرسەتكۈچىگە كىرگۈزۈپ، ئۆي ئىگىلىرى، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئىجرا ئاپپاراتى، شەھەر ئاھالە كومىتېتىنىڭ باھالاش پىكرىنىڭ ۋەزنىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

  62- ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس خوجىلىق باشقۇرغۇچىنى مۇناسىۋەتلىك ھەقلەرنى ۋاكالىتەن يىغىشقا ۋە ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىشقا زورلىسا بولمايدۇ.

  ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل ئورگانلار خوجىلىق باشقۇرغۇچىنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان ياكى ئۇلارنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئېغىرلىتىدىغان قارار چىقارسا بولمايدۇ.

  63- ماددا خوجىلىق باشقۇرغۇچىلار دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدۇ.

  خوجىلىق باشقۇرۇش رايونى ئىچىدىكى تەڭ پايدىلىنىدىغان ئەسلىھەنى ئاسراش، پاكىزلاش، كۆكەرتىش قاتارلىقلارغا سۇ ھەققى ئېلىشتا، كۆكەرتىشكە ئىشلىتىلىدىغان سۇ باھاسى ئىجرا قىلىنىدۇ؛ توك، گاز ئىشلىتىدىغانلىرىدا ئاھالىلەر ئىشلىتىدىغان توك، گاز باھاسى ئىجرا قىلىنىدۇ.

  2- پاراگراف خوجىلىق مۇلازىمەت ھەققى

  64- ماددا خوجىلىق مۇلازىمەت ھەققى ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى ۋە بازار تەڭشەلمە باھاسى بويىچە ئېلىنىدۇ. ئادەتتىكى تۇرالغۇلارنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك خوجىلىق مۇلازىمەت ھەققى ۋە كاپالەتلىك تۇرالغۇنىڭ خوجىلىق مۇلازىمەت ھەققى ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى بويىچە ئېلىنىدۇ، باشقا خوجىلىق مۇلازىمەت ھەققى بازار تەڭشەلمە باھاسى بويىچە ئېلىنىدۇ.

  ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى يولغا قويۇلغانلىرىدا، باھا مەسئۇل تارمىقى ئۆي- زېمىن مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە، ئۆي- ئىمارەت تۈرى، مۇلازىمەت مەزمۇنى، مۇلازىمەت دەرىجىسى قاتارلىقلارغا ئاساسەن، مۇناسىپ ئاساسىي باھا ۋە لەيلىمە دەرىجىسىنى بېكىتىشى ھەمدە باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، باھانى مۇۋاپىق ۋاقىتتا تەڭشەپ، جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك.

  بازار تەڭشەلمە باھاسى يولغا قويۇلغانلىرىدا، خوجىلىق باشقۇرغۇچى ئورۇنلىماقچى بولغان مۇلازىمەت تۈرىنىڭ تەننەرخىنى ھېسابلىشى ھەمدە خوجىلىق مۇلازىمىتى توختامىدا مۇلازىمەت ئۆلچىمى، مۇلازىمەت سۈپىتى، ھەق ھېسابلاش ئۇسۇلى قاتارلىقلار توغرىسىدا پۈتۈشۈشى كېرەك.

  ھۆكۈمەتنىڭ تاۋار ئۆي ئولتۇراق رايونىغا يانداش سالغان كاپالەتلىك تۇرالغۇلىرىدا، كاپالەتلىك ئائىلىلەر خوجىلىق مۇلازىمىتىنىڭ دەرىجە ئۆلچىمىنى ئايرىم تاللاشقا ئامالسىز قالسا، شەھەرلىك، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى كاپالەتلەندۈرۈش ئوبيېكتىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قاراپ كاپالەتلىك ئائىلىلەرنىڭ خوجىلىق مۇلازىمىتى ھەققى تاپشۇرۇشىغا تولۇقلىما بېرىشى كېرەك.

  65- ماددا سېتىلمىغان ياكى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلمىغان ئۆي- ئىمارەتنىڭ خوجىلىق مۇلازىمەت ھەققىنى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئۈستىگە ئالىدۇ. ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلغان ئۆي- ئىمارەتنىڭ خوجىلىق مۇلازىمەت ھەققىنى ئۆي ئىگىلىرى ئۈستىگە ئالىدۇ، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇنلار بىلەن ئۆي ئىگىلىرى ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

  66- ماددا خوجىلىق باشقۇرغۇچى باھا باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى ۋە خوجىلىق مۇلازىمىتى توختامىدا پۈتۈشكىنىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ھەق ئېلىش دائىرىسىنى كېڭەيتسە، ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرسە، تەكرار ھەق ئالسا، مەجبۇرىي مۇلازىمەت قىلسا ياكى باشقىچە يول بىلەن مەجبۇرىي مۇلازىمەت قىلسا ھەمدە بۇنىڭدىن ھەق ئالسا ۋە ياكى بەلگىلىمىنى قايرىپ قويۇپ، باھا ئۆلچىمىنى ئاشكارىلىمىسا، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئىجرا ئاپپاراتى ئارتۇق ئالىدىغان قىسمىنى توسۇشقا ياكى تۈزىتىشكە ھوقۇقلۇق، ئۆي ئىگىلىرى تاپشۇرۇشنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

  خوجىلىق باشقۇرغۇچى توختامدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغان بولسا، ئۆي ئىگىلىرى خوجىلىق مۇلازىمەت ھەققىنى توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە تاپشۇرۇشى كېرەك، تاپشۇرماي تۇرۇۋېلىشقا ياكى قەستەن كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ.

  67- ماددا ئۆي ئىگىلىرىدىن ئۆي- ئىمارەتنى باشقىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا بېرىپ، خوجىلىق ھەققىنى ئۆي- ئىمارەتتىن پايدىلانغۇچى تاپشۇرىدۇ، دەپ پۈتۈشكەنلىرى ئۆي- ئىمارەتتىن پايدىلانغۇچىنىڭ پۈتۈشكىنىنى ئادا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك؛ ئۆي- ئىمارەتتىن پايدىلانغۇچى خوجىلىق مۇلازىمەت ھەققىنى نېسى قالدۇرسا، ئۆي ئىگىسى چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

  ئۆي ئىگىلىرى ئۆي- ئىمارەتنىڭ مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەندە، خوجىلىق مۇلازىمەت ھەققىنى تولۇق تاپشۇرۇشى كېرەك.

  68- ماددا سۇ، توك، گاز، پار بەرگۈچى ئورۇنلار ئاخىرقى خېرىدارلاردىن بىۋاسىتە ھەق ئېلىشى كېرەك، خوجىلىق باشقۇرغۇچىلارنى يىغىپ بېرىشكە زورلىسا بولمايدۇ. خوجىلىق باشقۇرغۇچى سۇ، توك، گاز، پار ھەققىنى ۋاكالىتەن يىغقان بولسا، ئۆي ئىگىلىرىدىن رەسمىيەت ھەققى قوشۇپ ئېلىشقا بولمايدۇ.

  خوجىلىق باشقۇرغۇچى ئۆي ئىگىلىرى خوجىلىق ھەققىنى نېسى قىلدى دەپ، ئۆي ئىگىسىنىڭ سۇ، توك، گاز، پار سېتىۋېلىش كارتىلىرىغا قىممەت تولۇقلىشىغا چەك قويۇپ، ئۆي ئىگىلىرىنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزۈشىگە بولمايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل
ئالدىنقى بەت   【1】 【2】 【3】 【4】  كېيىنكى بەت