ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خوجىلىق باشقۇرۇش نىزامى(2)

(2017-يىل 5-ئاينىڭ 27-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29-يىغىنىدا ماقۇللاندى)

2017.12.19 17:13 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  3- باب ئۆي ئىگىلىرى، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى ۋە ئىجرا ئاپپاراتى

  1- پاراگراف ئۆي ئىگىلىرى، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى

  23- ماددا ئۆينىڭ ئىگىدارى ئۆي ئىگىسى بولىدۇ.

  كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلمىغان، لېكىن قانۇندىكى بەلگىلىمە، سوت مەھكىمىسى ياكى كېسىم كومىتېتىنىڭ قانۇن ھۆججىتىگە، ئېلىش تولۇقلىمىسى قارارىغا، ۋارىسلىق قىلىش ياكى ھەدىيەنى قوبۇل قىلىش، قانۇنلۇق سېلىش ئاساسىدا شۇنداقلا توختام مۇناسىۋىتى ئاساسىدا ئىگىلەنگەن ئۆينى ئىشلەتكۈچىلەرگە بۇ نىزامدىكى ئۆي ئىگىسىگە ئالاقىدار بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

  ئۆي ئىگىسى ئۆي- ئىمارەتنىڭ خاس قىسمىغا ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، خاس قىسمىدىن باشقا ئورتاق قىسمىغا قانۇن بويىچە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىش ۋە ئورتاق باشقۇرۇش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ ھەمدە مۇناسىپ مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ئۆي ئىگىلىرى ھوقۇقتىن ۋاز كەچتىم دەپ مەجبۇرىيەتتىن قاچسا بولمايدۇ.

  24- ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇنلار ياكى ئۇ ھاۋالە قىلغان خوجىلىق باشقۇرغۇچىلار ئۆي ئىگىلىرىنىڭ كۆچۈپ كىرىش ئەھۋالىنى ناھىيەلىك (شەھەرلىك) ئۆي- زېمىن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى ھەمدە شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كوچا باشقارمىسى ياكى يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرىگە قوشۇمچە ئەۋەتىشى كېرەك.

  تۆۋەندىكى شەرتلەرنىڭ بىرىگە ئۇيغۇن كەلگەنلىرىدە، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى قۇرۇش يىغىنى ئېچىش كېرەك:

  (1) ئۆي ئىگىلىرى كۆچۈپ كىرگەن كۆلەم %50 تىن كۆپرەككە يەتكەن بولسا؛

  (2) كۆچۈپ كىرگەن ئۆي ئىگىلىرى سانى %50 تىن كۆپرەككە يەتكەن بولسا؛

  (3) تۇنجى كۆچۈپ كىرگەن ئۆي ئىگىسى كۆچۈپ كىرگىنىگە ئىككى يىل بولغان ھەمدە كۆچۈپ كىرگەنلەرنىڭ نىسبىتى %25 تىن كۆپرەككە يەتكەن بولسا.

  25- ماددا ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى يىغىنى ئېچىش شەرتى ھازىرلانسا، ناھىيەلىك (شەھەرلىك) ئۆي- زېمىن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن، ئۆي ئىگىلىرى ياكى ھاۋالە قىلغان خوجىلىق باشقۇرغۇچىنىڭ دوكلاتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، كوچا باشقارمىسى ياكى يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتىگە يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. كوچا باشقارمىسى ياكى يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى تەييارلىق گۇرۇپپىسى قۇرۇشى كېرەك.

  تەييارلىق گۇرۇپپىسى كوچا پارتىيە خىزمىتى كومىتېتى، كوچا باشقارمىسى ياكى يېزىلىق، بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۆي ئىگىلىرى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ۋەكىللىرىدىن 7 كىشىدىن يۇقىرى، 11 كىشىدىن تۆۋەن بولغان تاق ساندىن تەركىب تاپىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى تەييارلىق گۇرۇپپىسىدىكى ئومۇمىي ئادەم سانىنىڭ ئىككىدىن بىر قىسمىدىن ئاز بولماسلىقى كېرەك. تەييارلىق گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقلىقىنى كوچا باشقارمىسى ياكى يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ۋەكىلى ئۆتەيدۇ.

  تەييارلىق گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ 10 كۈن ئىچىدە، خوجىلىق باشقۇرۇش رايونىدا ئەزالارنىڭ ئىسىملىكى ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئېلان قىلىش كېرەك.

  26- ماددا ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى تەييارلىق گۇرۇپپىسى تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشى كېرەك:

  (1) ئۆي ئىگىلىرىنىڭ سالاھىيىتى، ئائىلىلىك سانى ۋە ئىگىلىگەن خاس قىسمىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش؛

  (2) ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى قۇرۇش يىغىنىنىڭ ۋاقتى، ئورنى، شەكلى ۋە مەزمۇنىنى بېكىتىش؛

  (3) باشقۇرۇش قائىدىسى، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئىش قائىدىسىنى تەييارلاش؛

  (4) ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى، بېلەت ھېسابلاش ئۇسۇلىنى بېكىتىش؛

  (5) ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئىجرا ئاپپاراتىنى سايلاش لايىھەسى، سايلىنىش شەرتىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، ئىجرا ئاپپاراتىدىكى خادىملار نامزاتىنىڭ ئىسىملىكىنى ياكى كۆرسىتىلگەن نامزات ئىسىملىكى، سايلام چارىسىنى ئېلان قىلىش؛

  (6) ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى قۇرۇش يىغىنىدا قارار قىلىشقا تېگىشلىك باشقا ئىشلار.

  تەييارلىق گۇرۇپپىسى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى قۇرۇش يىغىنى ئېچىلىشتىن 15 كۈن بۇرۇن، ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئىشلارنى بارلىق ئۆي ئىگىلىرىگە يازما ئۇقتۇرۇشى ھەمدە خوجىلىق باشقۇرۇش رايونى ئىچىدە ئېلان قىلىشى كېرەك؛ ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئېلان قىلىنغان ئىشلارغا باشقىچە پىكرى بولسا، تەييارلىق گۇرۇپپىسى ئېنىقلىشى ھەمدە ئېنىقلاش نەتىجىسىنى باشقىچە پىكرى بارلارغا ئېيتىپ قويۇشى كېرەك.

  تەييارلىق گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ 90 كۈن ئىچىدە، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى قۇرۇش يىغىنى ئېچىش كېرەك.

  تەييارلىق گۇرۇپپىسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى يىغىنى چاقىرىشىغا كېتىدىغان خىراجەتنى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئۈستىگە ئالىدۇ.

  27- ماددا ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى خوجىلىق باشقۇرۇش رايونى ئىچىدىكى بارلىق ئۆي ئىگىلىرىدىن تەركىب تاپىدۇ. ئۆي ئىگىلىرى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى يىغىنىغا مەلۇم سەۋەب بىلەن قاتنىشالمىسا، قاتنىشىشنى باشقىلارغا ھاۋالە قىلسا بولىدۇ ھەمدە ھاۋالىنامە چىقىرىپ، ھاۋالە قىلغان ئىشلار، ھوقۇق دائىرىسى، مۇددىتى قاتارلىقلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك.

  ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى خوجىلىق باشقۇرۇش رايونىدىكى بارلىق ئۆي ئىگىلىرىنىڭ خوجىلىق باشقۇرۇش ھەرىكىتىدىكى قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىشى ۋە ئۇنى قوغدىشى كېرەك.

  خوجىلىق باشقۇرۇش رايونىدىكى ئۆي ئىگىلىرىنىڭ سانى ئازراق بولۇپ، بارلىق ئۆي ئىگىلىرى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى قۇرماسلىققا بىردەك قوشۇلسا، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى بارلىق ئۆي ئىگىلىرى ئورتاق ئادا قىلىدۇ.

  28- ماددا ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىدۇ:

  (1) ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئىش قائىدىسى ۋە باشقۇرۇش قائىدىسىنى تۈزۈش ۋە تۈزىتىش؛

  (2) ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى ئىجرا ئاپپاراتىنىڭ ئەزالىرىنى سايلاش ياكى ئالماشتۇرۇش؛

  (3) خوجىلىق باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى تاللاش، خوجىلىق باشقۇرغۇچىنى تەكلىپ قىلىش ۋە بوشىتىش؛

  (4) ئورتاق قىسىم، تەڭ پايدىلىنىدىغان ئەسلىھەنىڭ مەخسۇس رېمونت مەبلىغىنى غەملەش ۋە ئىشلىتىش؛

  (5) ئىمارەت ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ئەسلىھەسىنى ئۆزگەرتىش، قايتا قۇرۇشنى قارار قىلىش؛

  (6) ئورتاق قىسىمنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئۆزگەرتىش، ئورتاق قىسىمدىن پايدىلىنىپ تىجارەت قىلىش ۋە تىجارەت پايدىسىنى تەقسىملەش، ئىشلىتىشنى قارار قىلىش؛

  (7) ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى ۋە ئۇنىڭ ئىجرا ئاپپاراتىنىڭ پائالىيەت خىراجىتى شۇنىڭدەك ئىجرا ئاپپاراتى ئەزالىرىنىڭ ئىش ھەققىنى بېكىتىش؛

  (8) خوجىلىق باشقۇرۇش رايونىدىكى باشقا ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىدىغان ۋە ئورتاق باشقۇرىدىغان ئىشلار.

  ئالدىنقى تارماقنىڭ (4)، (5)، (6) تارماقچىسىدىكى ئىشلارنى قارار قىلىشتا، مۇشۇ نىزامدا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، خوجىلىق باشقۇرۇش رايونىدىكى خاس قىسمىغا ئىمارەت كۆلىمىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەك ئىگىدارلىق قىلىدىغان ئۆي ئىگىلىرى ھەم ئومۇمىي ئادەم سانىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك؛ باشقا ئىشلارنى قارار قىلىشتا، خاس قىسمى ئومۇمىي ئىمارەت كۆلىمىدە تەڭدىن تولىسىنى ئىگىلىگەن ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ھەمدە تەڭدىن تولا ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك.

  29- ماددا ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىدىكى ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى تۆۋەندىكى ئۇسۇل بويىچە بېكىتىلىدۇ:

  (1) ئۆي ئىگىلىرىنىڭ سانى خاس قىسمىنىڭ سانى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. بىر خاس قىسىم بىر ئادەم دەپ ھېسابلىنىدۇ، تاپشۇرۇلمىغان قىسمى ۋە بىر مۈلۈك ھوقۇقى ئىگىسى بىردىن ئارتۇق خاس قىسمىغا ئىگىدارلىق قىلغان بولسا، بىر ئادەم دەپ ھېسابلىنىدۇ؛

  (2) خاس قىسمىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى تىزىملانغان كۆچمەس مۈلۈكنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى بويىچە ھېسابلىنىدۇ؛ تېخى تىزىملانمىغانلىرى ۋاقتىنچە ئۆلچەش- سىزىش ئاپپاراتى ئەمەلىي ئۆلچىگەن قۇرۇلۇش كۆلىمى بويىچە ھېسابلىنىدۇ؛ تېخى ئۆلچەنمىگەنلىرى ۋاقتىنچە ئۆي سېتىش- سېتىۋېلىش توختامىدا پۈتۈشكەن قۇرۇلۇش كۆلىمى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.

  30- ماددا ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى ئىشلارنى قارار قىلىشتا مەركەزلىك بېلەت تاشلاپ ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى قوللانسىمۇ، يازما پىكىر ئېلىش ئۇسۇلى قوللانسىمۇ بولىدۇ.

  يازما پىكىر ئېلىش ئۇسۇلى قوللانغاندا، پىكىر ئېلىش قەغىزىنى ئۆي ئىگىلىرى ئىمزا قويۇپ تاپشۇرۇۋېلىشى كېرەك؛ ئۆي ئىگىلىرى ئىمزا قويۇپ تاپشۇرۇۋېلىش ئىمكانىيىتى بولمىسا، خوجىلىق باشقۇرۇش رايونى ئىچىدە ئېلان چىقىرىش ھەمدە پېچەتلەنگەن پىكىر ئېلىش ساندۇقى تەسىس قىلىپ، ئۆي ئىگىلىرىنىڭ پىكرىنى ئېلىش كېرەك، ئېلان چىقىرىش ۋاقتى 15 كۈندىن كەم بولماسلىقى كېرەك.

  31- ماددا خوجىلىق باشقۇرۇش رايونىدىكى ئۆي ئىگىلىرىنىڭ سانى كۆپرەك بولسا، بىنا ۋە بىنا ئىشىكىنى بىرلىك قىلىپ، ئۆي ئىگىلىرى ۋەكىللىرىنى سايلاپ، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىگە قاتناشتۇرسا بولىدۇ. ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىگە قاتنىشىدىغان ئۆي ئىگىلىرى ۋەكىللىرى ئاۋۋال ئۆزى ۋەكىللىك قىلغان ئۆي ئىگىلىرىدىن يازما پىكىر ئېلىشى ھەمدە ئۆي ئىگىلىرىگە قول قويدۇرۇشى كېرەك.

  32- ماددا ئاۋاز بېرىشكە قاتناشمىغان ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى سانىنى كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەن ئاۋاز سانىغا كىرگۈزۈش- كىرگۈزمەسلىك باشقۇرۇش قائىدىسى ياكى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئىش قائىدىسىدە بەلگىلىنىدۇ.

  33- ماددا ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى يىغىنى ھەر يىلى ئاز دېگەندە بىر قېتىم ئېچىلىدۇ. تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىدە، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ۋاقىتلىق يىغىنىنى ئېچىش كېرەك:

  (1) % 20 تىن كۆپرەك ئۆي ئىگىسى تەكلىپ بەرسە؛

  (2) زور ۋەقە ياكى جىددىي ھادىسە كۆرۈلۈپ، ئۇنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشقا توغرا كەلسە؛

  (3) ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئىش قائىدىسى ياكى باشقۇرۇش قائىدىسىدە بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار بولسا.

  2- پاراگراف ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئىجرا ئاپپاراتى

  34- ماددا ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئىجرا ئاپپاراتى قىلىپ سايلىسا بولىدۇ. قانۇن بويىچە ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنى قۇرمىغان ۋە ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنى سايلىمىغان خوجىلىق باشقۇرۇش رايونلىرىدا، كوچا باشقارمىسى ياكى يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى شۇ خوجىلىق باشقۇرۇش رايونىدىكى ئۆي ئىگىلىرىدىن پىكىر ئالغان ھەمدە ئۆي ئىگىلىرىنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ يازما ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، خوجىلىق باشقۇرۇش رايونى تۇرۇشلۇق مەھەللىدىكى ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇشۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ قىسمەن مەسئۇلىيىتىنى ۋاقىتلىق ئادا قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلسا بولىدۇ.

  ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى:

  (1) ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ يىغىنى ۋە ۋاقىتلىق يىغىنىنى چاقىرىش ھەمدە ئۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلىش، خوجىلىق باشقۇرۇش ئەھۋالىدىن دوكلات بېرىش؛

  (2) ئۆي ئىگىلىرىگە ۋاكالىتەن خوجىلىق باشقۇرغۇچى بىلەن خوجىلىق مۇلازىمىتى توختامى تۈزۈش؛

  (3) ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ قارارلىرىنى ئىجرا قىلىش؛

  (4) ئۆي ئىگىلىرى، ئۆيدىن پايدىلانغۇچىلارنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ۋاقتىدا ئىگىلەش، ئۆي ئىگىلىرىنىڭ خوجىلىق مۇلازىمىتى ھەققىنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش، خوجىلىق باشقۇرغۇچىنىڭ خوجىلىق مۇلازىمىتى توختامىنى ئادا قىلىشىنى نازارەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ھەمكارلىشىش؛

  (5) باشقۇرۇش قائىدىسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى نازارەت قىلىش؛

  (6) رېمونت قىلىش ۋە ئاسراش مەخسۇس مەبلىغىنى غەملەش ۋە ئىشلىتىشنى نازارەت قىلىشقا تەشكىللەش؛

  (7) ئۆي ئىگىلىرى ئارىسىدىكى ئۆيدىن پايدىلىنىش، ئاسراش ۋە باشقۇرۇشتىن كېلىپ چىققان ماجىرانى مۇرەسسە قىلىش؛

  (8) ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى يۈكلىگەن باشقا مەسئۇلىيەتلەر.

  35- ماددا ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى 5 تىن 11 گىچە بولغان تاق ساندىكى ئۆي ئىگىسىدىن تەركىب تاپىدۇ. ئۇنىڭدا مۇدىر، مۇئاۋىن مۇدىر، بىرقانچە ئىجرا ئاپپاراتى ئەزاسى ۋە كاندىدات ئەزا قويۇلىدۇ، مۇدىر ۋە مۇئاۋىن مۇدىرى ئىجرا ئاپپاراتىنىڭ ئەزالىقىنى قوشۇمچە ئۆتىسە بولىدۇ. ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 5 يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئۇدا سايلانسا، ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىسە بولىدۇ.

  36- ماددا ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، خوجىلىق باشقۇرۇش رايونى جايلاشقان جايدىكى ناھىيەلىك (شەھەرلىك) ئۆي- زېمىن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدىغان تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى كېرەك:

  (1) ئۆي ئىگىلىرى كېڭەش يىغىنىنىڭ قارارى؛

  (2) ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئىش قائىدىسى؛

  (3) باشقۇرۇش قائىدىسى؛

  (4) ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكى ۋە ئاساسىي ئەھۋالى؛

  (5) قانۇن- نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ماتېرىياللار.

  ئەنگە ئالغۇچى تارماق ئەنگە ئالىدىغان ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 10 كۈن ئىچىدە، ئەنگە ئالىدىغان ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈشى، كوچا باشقارمىسى ياكى يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرىدىن يازما پىكىر ئېلىشى؛ بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولغانلىرىنى ئەنگە ئېلىپ تىزىملاپ، ئەنگە ئالغانلىق ئىسپاتى ۋە ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىغا تامغا ئويدۇرۇش ئىسپاتى چىقىرىپ بېرىشى كېرەك.

  ئەنگە ئالدۇرغان تۈرلەردە ئۆزگىرىش بولغاندا، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى ئۆزگىرىش بولغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ئەنگە ئالغۇچى تارماققا بېرىپ ئۆزگەرتىش رەسمىيىتى بېجىرىشى كېرەك.

  37- ماددا ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ قارارى ۋە ئىش قائىدىسى بويىچە يىغىن ئېچىشى كېرەك.

  ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ يىغىنىغا مۇدىر ياكى مۇئاۋىن مۇدىر رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن ئارتۇق ئەزا قاتنىشىدۇ، چىقارغان قارارغا ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىدىكى بارلىق ئەزالارنىڭ تەڭدىن تولىسى قوشۇلغان بولۇشى كېرەك.

  38- ماددا ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ يىغىندا چىقارغان قارارىنى قارار چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ 3 كۈن ئىچىدە، خوجىلىق باشقۇرۇش رايونى ئىچىدە ئېلان قىلىشى كېرەك.

  ئۆي ئىگىلىرى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى يىغىنى ۋە ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى يىغىنىنىڭ ماتېرىياللىرىنى، خاتىرىلىرىنى كۆرۈشكە، ئۆز مەنپەئىتىگە چېتىشلىق ئىشلار توغرىسىدا ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىدىن سوئال سوراشقا ھوقۇقلۇق، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى چۈشەندۈرۈشى، جاۋاب بېرىشى كېرەك. ئۆي ئىگىلىرى يازما جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلسا، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى يازما جاۋاب چىقىرىپ بېرىشى كېرەك.

  39- ماددا ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشۇشتىن 90 كۈن بۇرۇن، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى يىغىنى ئېچىپ، نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمى ئۆتكۈزۈشى كېرەك.

  باشقۇرۇش قائىدىسى ياكى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، ئىقتىسادىي تەپتىش ئاپپاراتىغا ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدىكى پۇل- مال ئەھۋالىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشنى ھاۋالە قىلىشقا بولىدۇ. نۆۋەت ئالماشقاندىن كېيىن، ئەسلىدىكى ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى تامغا، ئارخىپ ماتېرىياللىرى ۋە بارلىق ئۆي ئىگىلىرىگە تەئەللۇق پۇل- مال قاتارلىقلارنى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

  40- ماددا ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەردە بولسا بولمايدۇ:

  (1) ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق مۈلكىنى ئىشلىتىۋېلىش، ئىگىلىۋېلىش؛

  (2) قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن، خوجىلىق باشقۇرغۇچىلار ياكى پايدا- زىيان مۇناسىۋىتى بولغان ئۆي ئىگىلىرى بەرگەن پايدا ياكى ھەقنى قانۇنسىز سوراش، ئېلىش؛

  (3) خىزمەتتىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، خوجىلىق باشقۇرغۇچىدىن ئۆزىنىڭ خوجىلىق مۇلازىمەت ھەققىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىشنى تەلەپ قىلىش؛

  (4) ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش ياكى مەسئۇلىيىتىنى ئادىل ئادا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان باشقا ھەرىكەتلەر.

  41- ماددا ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدا تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىدىكى تەڭدىن تولا ئەزا ياكى %20 تىن ئارتۇق ئۆي ئىگىسى تەكلىپ بەرسە، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى ياكى ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى بەرگەن ھوقۇققا بىنائەن، ئۇنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ:

  (1) مەسئۇلىيەت، ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ كېتىش ياكى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ قارار، بەلگىلىمىلىرىنى ئىجرا قىلماسلىق، ئەزالىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماسلىق؛

  (2) مۇشۇ نىزامنىڭ 40- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش؛

  (3) ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىنى ئۆتەشكە ماس كەلمەيدىغان باشقا ئەھۋاللار؛

  ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتىغا ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىش توغرىسىدا يازما ئىلتىماس تاپشۇرسا ياكى ئۇلار خوجىلىق باشقۇرۇش رايونىدىكى ئۆي ئىگىسى بولماي قالسا، ئۇلارنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتى ئۆزلۈكىدىن ئاخىرلىشىدۇ.

  42- ماددا ئۆي ئىگىلىرى خوجىلىقنى ئۆزلىرى باشقۇرۇشنى ئورتاق قارار قىلغان بولسا، باشقۇرۇشقا مەسئۇل كىشى، باشقۇرۇش تۈرلىرى، باشقۇرۇش ئۇسۇلى، باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىش، ئادەم ياللاپ ئىشلىتىش قاتارلىق ئىشلارنى ئورتاق پۈتۈشۈشى كېرەك.

   4- باب ئۆيدىن پايدىلىنىش

  1- پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە
  43- ماددا ئۆيدىن پايدىلىنىشتا قانۇن- نىزامدىكى بەلگىلىمە ۋە باشقۇرۇش قائىدىسى شۇنىڭدەك ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ قارارىغا رىئايە قىلىش، قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك، جامائەت ئەخلاقىغا خىلاپلىق قىلىشقا، جامائەت مەنپەئىتىگە ۋە باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ.

  44- ماددا باشقۇرۇش قائىدىسىگە خىلاپ تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەرنىڭ بىرى بولسا، ئۆي ئىگىلىرى، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئىجرا ئاپپاراتى ۋە خوجىلىق باشقۇرغۇچىلار نەسىھەت قىلىپ توسۇش، چەكلەشكە، قىلمىش سادىر قىلغۇچىدىن زىيان سېلىشنى توختىتىپ، خەتەرنى، توسالغۇنى تۈگىتىش، زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق:

  (1) خالىغان يەرگە ئەخلەت تۆكۈش، كېرەكسىز نەرسە تاشلاش، پاسكىنا سۇ چىقىرىش؛

  (2) ئۆي- ئىمارەتنىڭ ئورتاق قىسمىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىگىلىۋېلىش؛

  (3) شاۋقۇن، تەۋرىنىش پەيدا قىلىپ قوشنا ئۆي ئىگىلىرىگە پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىش؛

  (4) باشقۇرۇش قائىدىسىگە خىلاپ باشقا ھەرىكەتلەر.

  45- ماددا ئۆي- ئىمارەتتىن پايدىلىنىش جەريانىدا، تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەرگە يول قويۇلمايدۇ:

  (1) خوجىلىق باشقۇرۇش رايونى ئىچىدىكى يىرىك پىلان بويىچە سېلىنغان جامائەت بىناسى، تەڭ پايدىلىنىدىغان ئەسلىھەنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىۋېتىش؛

  (2) ئۆينىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئۆزگەرتىۋېتىش ياكى ئەسلىي ئىمارەتنىڭ قەۋىتىنى كۆپەيتىش، ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش؛

  (3) ئۆي- ئىمارەتنىڭ تەڭ پايدىلىنىدىغان قىسمىنى، ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلىرىنى قانۇنسىز بىر تەرەپ قىلىپ ياكى ئىگىلەپ تىجارەتكە سېلىش؛

  (4) خوجىلىق باشقۇرۇش رايونى ئىچىدىكى يول، مەيدان، جامائەتكە تەۋە يېشىللىق، تەڭ پايدىلىنىدىغان ئەسلىھەنى ئىگىلىۋېلىش، بۇزۇۋېتىش؛

  (5) ئۆينىڭ ئېغىرلىق كۆتۈرۈش قۇرۇلمىسى، قورشاپ ئاسراش قۇرۇلمىسىنى ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتىۋېتىش، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش تېمىدىكى ئەسلىدىكى ئىشىك- دېرىزىنىڭ ئۆلچىمىنى چوڭايتىپ، يەر تەۋرەشتىن ساقلىنىش، ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش، ئېنېرگىيە تېجەش ئۆلچىمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىش؛

  (6) ئۆگزە، بىنا قەۋىتىنىڭ سۇ ئۆتكۈزمەس قاتلىمىنى بۇزۇۋېتىش، يېقىلغۇ گاز، پار تۇرۇبىسى، ئۈسكۈنىلىرىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىش، بىنانىڭ يۈكىنى لايىھەدىكى ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇۋېتىش؛

  (7) ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان خەتەرلىك، خىمىيەۋى، رادىيوئاكتىپ بۇيۇملارنى قانۇنسىز ساقلاش، دۆۋىلەپ قويۇش، زەھەرلىك، زىيانلىق ماددىلارنى قانۇنسىز قويۇپ بېرىپ ياكى ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ شاۋقۇن چىقىرىپ، مۇھىتنى بۇلغاش؛

  (8) بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ تەشۋىقات بۇيۇملىرىنى ئېسىش، چاپلاش ياكى تالا ئېلانى ئورنىتىش، كوچىغا قارايدىغان بالكون سىرتىغا كىيىم يېيىپ، نەرسە- كېرەك قاتارلىقلارنى دۆۋىلەپ قويۇپ، شەھەر قىياپىتىگە تەسىر يەتكۈزۈش؛

  (9) ئوت مۇداپىئە يولى، ئوت مۇداپىئە قۇتقۇزۇش مەيدانىنى ئىگىلەش، توسۇپ قويۇش، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك تېخنىكا ئۆلچىمى ۋە قائىدىسىگە خىلاپ ئۈسكۈنە- ئەسلىھەنى ئورنىتىش؛

  (10) قانۇن- نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، جامائەت مەنپەئىتى ۋە باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان باشقا ھەرىكەتلەر.

  خوجىلىق باشقۇرغۇچىلار ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى بايقىغاندا، نەسىھەت قىلىشى، توسۇشى ھەمدە ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماققا دوكلات قىلىشى كېرەك.

  46- ماددا پىلانلاش، قۇرۇلۇش، جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئوت مۇداپىئە، باھا، سۈپەت- تېخنىكا نازارەتچىلىكى، مۇھىت ئاسراش، شەھەر باشقۇرۇش، شەھەر مەمۇرىيىتى- جامائەت ئىشلىرى تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار خوجىلىق باشقۇرۇش رايونى ئىچىدىكى يىرىك پىلان قۇرۇلۇشى، ئامانلىق ساقلاش، ئوت مۇداپىئە، باھا، ئالاھىدە ئۈسكۈنە، مۇھىت تازىلىقى قاتارلىق جەھەتلەرگە بولغان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، قانۇنسىز قىلمىشلار ئۈستىدىكى ئەرز- شىكايەتلەرنى تىزىملاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، قوبۇل قىلىپ بېجىرىش شەكلى، تەرتىپى ۋە مۇددىتىنى ئېلان قىلىپ، خوجىلىق باشقۇرۇش رايونىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل
ئالدىنقى بەت   【1】 【2】 【3】 【4】  كېيىنكى بەت