ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خوجىلىق باشقۇرۇش نىزامى

(2017-يىل 5-ئاينىڭ 27-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29-يىغىنىدا ماقۇللاندى)

2017.12.19 17:13 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى

  (41- نومۇرلۇق)

  «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خوجىلىق باشقۇرۇش نىزامى» 2017- يىل 5- ئاينىڭ 27- كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29- يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2017- يىل 7- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئالاھىدە ئېلان چىقاردۇق.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى

  2017- يىل 5- ئاينىڭ 27- كۈنى


  مۇندەرىجە

  1- باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

  2- باب يېڭى ئۆي- ئىمارەت خوجىلىقى ۋە ئالدىنقى مەزگىللىك خوجىلىق باشقۇرۇش

  1- پاراگراف خوجىلىق باشقۇرۇش رايونى

  2- پاراگراف يانداش ئەسلىھە

  3- پاراگراف ئالدىنقى مەزگىللىك خوجىلىق باشقۇرۇش ۋە خوجىلىققا تاپشۇرۇش

  3- باب ئۆي ئىگىلىرى، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى ۋە ئىجرا ئاپپاراتى

  1- پاراگراف ئۆي ئىگىلىرى، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى

  2- پاراگراف ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئىجرا ئاپپاراتى

  4- باب ئۆيدىن پايدىلىنىش

  1- پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە

  2- پاراگراف ئۆي بېزەش ۋە ئىشلىتىلىشىنى ئۆزگەرتىش

  3- پاراگراف گاراژ ۋە ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىدىن پايدىلىنىش

  5- باب خوجىلىق باشقۇرۇش مۇلازىمىتى ۋە ھەق ئېلىش

  1- پاراگراف خوجىلىق باشقۇرۇش مۇلازىمىتى

  2- پاراگراف خوجىلىق مۇلازىمەت ھەققى

  6- باب ئۆي- ئىمارەتنى رېمونت قىلىش ۋە ئاسراش

  1- پاراگراف ئۆي- ئىمارەتنى رېمونت قىلىش، ئاسراش جاۋابكارلىقى

  2- پاراگراف تۇرالغۇ مەخسۇس رېمونت مەبلىغى

  7- باب كونا ئولتۇراق رايونىنىڭ خوجىلىقىنى باشقۇرۇش

  8- باب قانۇن جاۋابكارلىقى

  9- باب قوشۇمچە پىرىنسىپ


  1- باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

  1- ماددا بۇ نىزام خوجىلىق باشقۇرۇش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئۆي ئىگىلىرى ۋە خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداش، ئولتۇراق مۇھىتىنى ياخشىلاش، ئىناق مەھەللە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نەرسە ھوقۇقى قانۇنى»، گوۋۇيۈەننىڭ «خوجىلىق باشقۇرۇش نىزامى» ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن- نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

  2- ماددا بۇ نىزام ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدىكى خوجىلىق باشقۇرۇش ۋە ئۇنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھەرىكىتىگە تەتبىقلىنىدۇ.

  بۇ نىزامدا ئېيتىلغان خوجىلىق باشقۇرۇش دېگىنىمىز، ئۆي ئىگىلىرى تەكلىپ قىلغان خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىلىرىنىڭ، ھاۋالە قىلغان باشقا باشقۇرغۇچىلارنىڭ (تۆۋەندە خوجىلىق باشقۇرغۇچىلار دېيىلىدۇ) ياكى ئۆي، يانداش ئەسلىھە ۋە مۇناسىۋەتلىك مەيداننى ئۆزى رېمونت قىلىش، ئاسراش ۋە باشقۇرۇش پائالىيىتىنى، خوجىلىق باشقۇرۇش رايونىنىڭ مۇھىت تازىلىقى ۋە مۇناسىۋەتلىك تەرتىپىنى قوغداش پائالىيىتىنى كۆرسىتىدۇ.

  3- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى خوجىلىق مۇلازىمىتىنى زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىك تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا، مەھەللە قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىغا ۋە جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، خوجىلىق مۇلازىمىتىنى ئۇنىۋېرسال ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، خوجىلىق مۇلازىمىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئامان- ئىناق مەھەللە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  4- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆي- زېمىن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوندىكى خوجىلىق باشقۇرۇش پائالىيىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

  پىلانلاش، قۇرۇلۇش، جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئوت مۇداپىئە، باھا، خەلق ئىشلىرى، سۈپەت- تېخنىكا نازارەتچىلىكى، مۇھىت ئاسراش، شەھەر باشقۇرۇش، شەھەر مەمۇرىيىتى- جامائەت ئىشلىرى تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار خوجىلىق باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.

  5- ماددا كوچا باشقارمىلىرى ياكى يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى قۇرۇشىغا تەشكىلاتچىلىق ۋە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئىجرا ئاپپاراتىنى سايلاپ چىقىدۇ، ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى ۋە ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى ئىجرا ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىغا نازارەتچىلىك قىلىدۇ، خوجىلىق مۇلازىمىتىنىڭ مەھەللە باشقۇرۇش، مەھەللە مۇلازىمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرىدۇ، خوجىلىق باشقۇرۇش مۇلازىمىتى ماجىرالىرىنى مۇرەسسە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىدۇ؛ شەھەر ئاھالە كومىتېتلىرى كوچا باشقارمىلىرى ياكى يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خوجىلىق باشقۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا ياردەملىشىدۇ.

  خوجىلىق باشقۇرۇش مۇلازىمىتى ماجىرالىرىنى مۇرەسسە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى سىناپ تەكشۈرۈش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈلىدۇ.

  6- ماددا كوچا باشقارمىلىرى ياكى يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى خوجىلىق باشقۇرۇش بىرلەشمە يىغىنى تۈزۈمى ئورنىتىدۇ.

  بىرلەشمە يىغىننى كوچا باشقارمىلىرى ياكى يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەسئۇل بولۇپ چاقىرىدۇ، يىغىنغا ئۆي- زېمىن، جامائەت خەۋپسىزلىكى، خەلق ئىشلىرى، شەھەر باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلار ۋە شەھەر ئاھالە كومىتېتلىرى، ئۆي ئىگىلىرى كومىتېتلىرى، خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىلىرى، كەسپىي تىجارەت ئورۇنلىرى قاتارلىق تەرەپلەرنىڭ ۋەكىللىرى قاتنىشىدۇ، يىغىن خوجىلىق باشقۇرۇش مۇلازىمىتىدىكى ماسلاشتۇرۇشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنى كونكرېت ھەل قىلىدۇ.

  7- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى سىياسەت تۈزۈپ، خوجىلىق باشقۇرۇش رايونىدا ئىجتىمائىيلاشقان، كەسىپلەشكەن، بازارلاشقان خوجىلىق مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇشقا، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئۇسۇل قوللىنىپ، پەن- تېخنىكا تەرەققىياتىغا تايىنىپ، خوجىلىق باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە مەدەت بېرىشى كېرەك.

  8- ماددا خوجىلىق مۇلازىمىتى كەسپىي تەشكىلاتلىرى ساھە تەلەپچانلىقى بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىناۋەت ئارخىپى تۇرغۇزۇپ، خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسى ۋە ئۇنىڭ كەسىپكارلىرىنىڭ تەلەپچانلىق تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىلىرىنىڭ سەمىمىي تىجارەت قىلىشى ۋە مۇلازىمەت قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

  2- باب يېڭى ئۆي- ئىمارەت خوجىلىقى ۋە ئالدىنقى مەزگىللىك خوجىلىق باشقۇرۇش


  1- پاراگراف خوجىلىق باشقۇرۇش رايونى

  9- ماددا يېڭىدىن سېلىنغان ئۆي- ئىمارەتلەردە قۇرۇلۇش يېرىنى پىلانلاش ئىجازەتنامىسىدە بېكىتىلگەن قىزىل سىزىق دائىرىسى بويىچە، ئۆي- ئىمارەت كۆلىمى، تەڭ پايدىلىنىدىغان ئەسلىھە، مەھەللە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئامىللارنى ئەتراپلىق ئويلىشىپ، خوجىلىق باشقۇرۇش رايونىنى مۇۋاپىق ئايرىش كېرەك.

  باسقۇچقا بۆلۈپ سېلىنغان ياكى ئىككىدىن ئارتۇق قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن سالدۇرغان ئۆي- ئىمارەتلەردىن بىر يانداش ئەسلىھەنى تەڭ ئىشلىتىدىغانلىرىنى بىر خوجىلىق باشقۇرۇش رايونى قىلىپ ئايرىش كېرەك.

  10- ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئۆي سېتىشتىن بۇرۇن، قۇرۇلۇش يېرىنى پىلانلاش ئىجازەتنامىسى، قۇرۇلۇش يېرىدىن پايدىلىنىش ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى، قۇرۇلۇشنى پىلانلاش ئىجازەتنامىسى ۋە يەر نامى تەستىق ھۆججىتى قاتارلىق ماتېرىياللارنى ئېلىپ، ناھىيەلىك (شەھەرلىك) ئۆي- زېمىن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا بېرىپ خوجىلىق باشقۇرۇش رايونىنى ئايرىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

  ناھىيەلىك (شەھەرلىك) ئۆي- زېمىن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 20 كۈن ئىچىدە، كوچا باشقارمىسى ياكى يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى، جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئوت مۇداپىئە، شەھەر مەمۇرىيىتى- جامائەت ئىشلىرى تارمىقى قاتارلىق تارماقلارنىڭ پىكرىنى ئالغاندىن كېيىن، خوجىلىق باشقۇرۇش رايونىنى ئايرىپ بېرىشى ھەمدە قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇنغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

  قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئايرىپ بېرىلگەن خوجىلىق باشقۇرۇش رايونىنى ئۆي سېتىشتىن بۇرۇن ئۆي سېتىۋالغۇچىلارغا ئېنىق كۆرسىتىشى كېرەك.

  11- ماددا خوجىلىق باشقۇرۇش رايونىنى ئايرىغاندىن كېيىن تەڭشەشكە توغرا كەلسە، خوجىلىق باشقۇرۇش رايونىدىكى خاس قىسىم ئۆي- ئىمارەت ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ھەم ئومۇمىي ئادەم سانىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، ناھىيەلىك (شەھەرلىك) ئۆي- زېمىن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە قايتا ئايرىپ بېرىدۇ.

  2- پاراگراف يانداش ئەسلىھە

  12- ماددا خوجىلىق باشقۇرۇش رايونى ئىچىگە يىرىك پىلان بويىچە يانداپ سېلىنغان مائارىپ، داۋالاش- ساقلىقنى ساقلاش، مەھەللە مۇلازىمىتى قاتارلىق جامائەت مۇلازىمەت ئەسلىھەسىنى ھۆكۈمەت قۇرۇپ بېرىشى ھەمدە مۇناسىپ خىراجەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ يانداپ سېلىنىدىغان پار ئالماشتۇرۇش، توك بېسىمىنى ئۆزگەرتىش، توك تەقسىملەش، يېقىلغۇ گاز بېسىمىنى تەڭشەش، ئەخلەت توشۇش، ئاممىۋى ھاجەتخانا، ئوت مۇداپىئە ھەمدە سودا مۇلازىمىتى ئەسلىھەسىنىڭ تۈر قۇرۇلۇش تەستىق ھۆججىتى، ئەنگە ئېلىش ھۆججىتىگە قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇننى، مۈلۈك ھوقۇقى تەۋەلىكىنى ئېنىق يېزىش كېرەك، قۇرۇلۇش خىراجىتىنى مۈلۈك ھوقۇقى ئىگىسى ئۈستىگە ئالىدۇ.

  خوجىلىق باشقۇرۇش رايونىدىكى سۇ، توك، گاز، پار قاتارلىق شەھەر مەمۇرىيىتى جامائەت ئەسلىھەسى، ئۈسكۈنىسىنى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن مەبلەغ چىقىرىپ قۇرغان بولسا، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن سۇ، توك، گاز، پار كەسپىي تىجارىتى قىلىدىغان ئورۇنلار بىلەن تەمىنلەش ئۇسۇلى، ئاساسلىق تېخنىكا كۆرسەتكۈچى، سۈپەت كاپالىتى ۋە ئىشلىتىش يىل چېكى قاتارلىقلار ئۈستىدە كېڭىشىپ، يازما كېلىشىم تۈزۈشى كېرەك. كېلىشىمدە لايىھەلەش، قۇرۇلۇش قىلىش تەلىپى ۋە ماتېرىيال، ئۈسكۈنىلەرنىڭ تىپىنى تاللاش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئېنىق بېكىتىش، مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلارنى تەمىنلىگۈچى ئورۇننىڭ تۈر قۇرۇلۇشى پۈتكەندە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشقا قاتنىشىش ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك.

  13- ماددا خوجىلىق باشقۇرۇش رايونىغا يىرىك پىلان بويىچە سېلىنغان، جامائەت پاراۋانلىق خاراكتېرىنى ئالمىغان مائارىپ، مەدەنىيەت ۋە تەنتەربىيە ئەسلىھەسى قاتارلىق ئەسلىھەنىڭ مەبلەغ سېلىش سۇبيېكتى ۋە مۈلۈك ھوقۇقى تەۋەلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. ئۇلار قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇننىڭ ئىگىدارلىقىدا بولسا، ئالدى بىلەن شۇ خوجىلىق باشقۇرۇش رايونىدىكى ئۆي ئىگىلىرىگە مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

  14- ماددا خوجىلىق باشقۇرۇش رايونىغا يانداش سېلىنىدىغان خوجىلىق مۇلازىمىتى ئۆيى ئۆي ئىگىلىرىگە قولايلىق بولۇشى، خوجىلىق باشقۇرۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشى؛ خوجىلىق مۇلازىمىتى ئۆيىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى خوجىلىق باشقۇرۇش رايونىدىكى ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمىنىڭ ‰2ىدىن تۆۋەن بولماسلىقى، كونا ئولتۇراق رايونىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۇنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 300 كىۋادرات مېتىردىن كەم بولماسلىقى؛ خوجىلىق مۇلازىمىتى ئۆيى ئايرىم سېلىنغانلىرىدا، ئايرىم قۇرۇلۇش كۆلىمى 50 كىۋادرات مېتىردىن كەم بولماسلىقى كېرەك. خوجىلىق مۇلازىمىتى ئۆيىگە ئىشلىتىدىغان سۇ، توك، گاز ۋە پار ئايرىم باشقۇرۇلىدۇ، تىزگىنلىنىدۇ، مىقدارى ئايرىم ھېسابلىنىدۇ.

  ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشى ئىجرا ئاپپاراتىنىڭ ئىشلىتىدىغان ئۆيى ئۆي خوجىلىق مۇلازىمىتىگە ئىشلىتىدىغان ئۆيدىن ئاجرىتىلىدۇ، ئۇنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 30 كىۋادرات مېتىردىن كەم بولماسلىقى كېرەك.

  خوجىلىق مۇلازىمىتى ئۆيى ئورتاق ئىشلىتىدىغان كۆلەمگە چېچىپ ھېسابلانمايدۇ، قۇرۇلۇش خىراجىتى قۇرۇلۇش تەننەرخىگە ھېسابلىنىدۇ، مۈلۈك ھوقۇقى بارلىق ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ.

  15- ماددا خوجىلىق باشقۇرۇش رايونىدا يىرىك پىلان بويىچە سېلىنغان گاراژ، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى سىغىم نىسبىتىگە ھېسابلانغان، بىراق ئۆي- ئىمارەتنىڭ ئورتاق قىسمى قىلىپ چېچىلمىغان بولسا، ئۇنى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئۆي ئىگىلىرىگە قوشۇپ ھەدىيە قىلسا، سېتىپ بەرسە، ئىجارە بەرسە بولىدۇ.

  تۆۋەندىكى گاراژ، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ:

  (1) سىغىم نىسبىتىگە ھېسابلانغان ھەمدە ئۆي- ئىمارەتنىڭ ئورتاق قىسمى قىلىپ چېچىلغانلىرى؛

  (2) سىغىم نىسبىتىگە ھېسابلانمىغان ياكى ئۆي- ئىمارەتنىڭ تەڭ پايدىلىنىدىغان ھاۋا مۇداپىئە يەر ئاستى ئۆيى، ئىمارەتنىڭ تەڭ پايدىلىنىدىغان ئۈسكۈنە قەۋىتىدىن پايدىلىنىپ سېلىنغان، ئايرىلغان گاراژ، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى؛

  (3) ئولتۇراق رايونىنىڭ يول، تەڭ پايدىلىنىدىغان مەيدانلىرىنى ئىگىلەپ ئايرىلغان ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى.

  16- ماددا خوجىلىق باشقۇرۇش رايونىدىكى سۇ، توك، گاز، پار، خەۋەرلىشىش، سىملىق تېلېۋىزىيە قاتارلىق شەھەر مەمۇرىيىتى جامائەت ئەسلىھەسىنى ئاخىرقى خېرىدارغىچە يەتكۈزۈش كېرەك.

  ئىككىلەمچى سۇ بېرىش، توك بېسىمىنى ئۆزگەرتىش، توك يەتكۈزۈش، پار ئالماشتۇرۇش، يېقىلغۇ گاز بېسىمىنى تەڭشەش قاتارلىق ئەسلىھەنى قۇراشتۇرۇشقا توغرا كەلگەندە، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئالاقىدار كەسپىي تىجارەت ئورۇنلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەسلىھەگە مەبلەغ سېلىش، مۈلۈك ھوقۇقى تەۋەلىكىنى ئايرىش قاتارلىق ئىشلار توغرىسىدا پۈتۈشۈشى كېرەك.

  خوجىلىق باشقۇرۇش رايونىدىكى يېپىق شەكىلدە ماڭدۇرۇلۇۋاتقان قۇياش ئېنېرگىيەلىك سۇ ئىسسىتىش ئەسلىھەسى، ئارا سۇ بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەسى، بىۋاسىتە ئىچىدىغان سۇ ئەسلىھەسى، يەر مەنبەلىك ئىسسىقلىق پومپىسى، رايون پار قازىنى قاتارلىق يېپىق ئەسلىھە ئالاقىدار ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ، لېكىن كەسپىي تىجارەت ئورۇنلىرى مەبلەغ سالغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

   3- پاراگراف ئالدىنقى مەزگىللىك خوجىلىق باشقۇرۇش ۋە خوجىلىققا تاپشۇرۇش

  17- ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئالدىنقى مەزگىللىك خوجىلىقنى خوجىلىق باشقۇرغۇچىنىڭ باشقۇرۇشىغا ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.

  ئۆي ئىگىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى بىر ئورۇنغا تەۋە بولسا، ئورۇننىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى ياكى تۇرمۇش ئارقا سەپ مۇلازىمەت تەشكىلاتىغا تايىنىپ، ئالدىنقى مەزگىللىك خوجىلىقنى باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى بېكىتسە بولىدۇ.

  ھۆكۈمەت مەبلەغ سالغان ياكى ھۆكۈمەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈپ سالغان كاپالەتلىك تۇرالغۇدىن پايدىلىنىشتا، خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش ئۇسۇلى ئارقىلىق خوجىلىق مۇلازىمىتى كارخانىسى تەكلىپ قىلىپ، ئالدىنقى مەزگىللىك خوجىلىقنى باشقۇرۇش كېرەك.

  18- ماددا ئالدىنقى مەزگىللىك خوجىلىقنى باشقۇرۇشنى خوجىلىق باشقۇرغۇچىغا ھاۋالە قىلىشتا، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن خوجىلىق باشقۇرغۇچى بىلەن ئالدىنقى مەزگىللىك خوجىلىق مۇلازىمىتى توختامى تۈزۈپ، خوجىلىق مۇلازىمىتىنىڭ مەزمۇنى، مۇلازىمەت ئۆلچىمىنىڭ دەرىجىسى، ھەق ئېلىش ئۆلچىمى، ھەق ئېلىش ئۇسۇلى ۋە ھەق ئېلىشنىڭ باشلىنىش ۋاقتى، توختامنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان ئەھۋاللار، ئۆي سۈپىتىدىكى نۇقسان جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى پۈتۈشۈش كېرەك.

  كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك خوجىلىق مۇلازىمىتى توختامىدا پۈتۈشكەن خوجىلىق مۇلازىمىتى ئۆلچىمى، دەرىجىسى ئاپتونوم رايوننىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.

  19- ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، ئالدىنقى مەزگىللىك خوجىلىقنى ۋاقىتلىق باشقۇرۇش كېلىشىمى تۈزۈشى كېرەك.ئالدىنقى مەزگىللىك خوجىلىقنى ۋاقىتلىق باشقۇرۇش كېلىشىمىنىڭ ئۈلگە نۇسخىسىنى ئىشلىتىشكە ئىلھام بېرىلىدۇ.

  20- ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئۆي سېتىشتىن بۇرۇن ئۆي سېتىۋالغۇچىغا ئالدىنقى مەزگىللىك خوجىلىق مۇلازىمەت توختامىنى، ئالدىنقى مەزگىللىك خوجىلىقنى ۋاقىتلىق باشقۇرۇش كېلىشىمىنى كۆرسىتىشى، ئۆي سېتىۋالغۇچى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى كېرەك.ناھىيەلىك (شەھەرلىك) ئۆي- زېمىن مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئالدىنقى مەزگىللىك خوجىلىق مۇلازىمىتى توختامى، ئالدىنقى مەزگىللىك خوجىلىقنى ۋاقىتلىق باشقۇرۇش كېلىشىمىنى تۈزۈشكە بولغان نازارەتچىلىك، يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىشى، ئەنگە ئېلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك.

  21- ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇننىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك خوجىلىقنى تاپشۇرۇشى تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك:

  (1) قۇرۇلۇشنى پۈتتۈرۈش يىرىك پىلانى ئېتىراپ قىلىنغان بولۇش، پۈتكەن قۇرۇلۇش تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا لاياقەتلىك بولغان بولۇش؛

  (2) سۇ بېرىش، سۇ چىقىرىۋېتىش قۇرۇلۇشى شەھەر مەمۇرىيىتى جامائەت تۇرۇبا تورى سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇش، ئىشلىتىدىغان توك شەھەر مەمۇرىيىتى توك بېرىش تورىغا ئۇلانغان بولۇش، مىقدار ھېسابلاش قۇرۇلمىسىنى ئورنىتىش لايىھەلەش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلگەن بولۇش؛

  (3) شەھەردىكى تۇرۇبىلىق يېقىلغۇ گاز، مەركەزلىك پار بېرىش تۇرۇبا تورى قاپلىغان رايوندا، يېقىلغۇ گاز تۇرۇبىسى ۋە پار تۇرۇبىسى لايىھە بويىچە ياتقۇزۇلغان ۋە تورغا ئۇلانغان بولۇش، يېقىلغۇ گاز ۋە پار بېرىشتە ئائىلە بويىچە ئورنىتىلغان يېقىلغۇ گاز پار كونترول قۇرۇلمىسى ۋە مىقدار ھېسابلاش قۇرۇلمىسى ئائىلە بويىچە مىقدار ھېسابلاپ ھەق ئېلىش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇش؛

  (4) خەۋەرلىشىش، سىملىق تېلېۋىزىيە سانلىق مەلۇماتىنى يوللاش ئۇچۇر تېرمىنالى ئائىلىلەرگىچە تۇتاشتۇرۇلغان بولۇش، خەت ساندۇقى، گېزىت ساندۇقى قاتارلىقلار يىرىك پىلاندا لايىھەلەنگەن تەلەپ بويىچە ئورنىتىلغان بولۇش؛

  (5) بىخەتەرلىك كۆزىتىش- كونترول قۇرۇلمىسى ياكى لىفىت، پار قازان قاتارلىق ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر شۇنىڭدەك ئوت ئۆچۈرۈش سۈيى قۇرۇلمىسى، ئوت ئاپىتىدىن ئاپتوماتىك سىگنال بېرىش ۋە ئوت ئۆچۈرۈش قۇرۇلمىسى، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى يولى قاتارلىق تەڭ پايدىلىنىدىغان ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەسى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا لاياقەتلىك بولغان بولۇش؛

  (6) خوجىلىق مۇلازىمىتى ئۆيى، گاراژ، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلان بويىچە تاماملانغان بولۇش؛

  (7) لايىھە بويىچە تاماملىنىدىغان كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنى پەسىل سەۋەبىدىن كەينىگە كېچىكتۈرۈشكە توغرا كەلسە، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇننىڭ يازما كاپالەتنامىسى خوجىلىق باشقۇرۇش رايونىدا ئېلان قىلىنغان بولۇش كېرەك.

  باسقۇچقا بۆلۈپ قىلىنىدىغان قۇرۇلۇشلاردىكى پۈتكەن قۇرۇلۇش رايونى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇش ھەمدە ئۇنى ئەسلىھە ئورنىتىپ قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان رايوندىن ئايرىۋېتىش كېرەك.

  22- ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئالدىنقى مەزگىللىك خوجىلىقنى تاپشۇرغاندا، خوجىلىق باشقۇرغۇچىغا خوجىلىق مۇلازىمىتى ئۆيى ۋە تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك:

  (1) پۈتكەن قۇرۇلۇشنىڭ ئومۇمىي تەكشىلىك خەرىتىسى، يەككە ئىمارەت، قۇرۇلما، ئۈسكۈنىنىڭ پۈتكەنلىك خەرىتىسى، يانداش ئەسلىھە، يەر ئاستى تۇرۇبا تورى قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتكەنلىك خەرىتىسى، ئائىلە بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش قاتارلىق پۈتكەن قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ماتېرىيالى؛

  (2) تەڭ پايدىلىنىدىغان ئەسلىھە تىزىملىكى ۋە ئۇنى قۇراشتۇرۇش، ئىشلىتىش، ئاسراش، رېمونت قىلىشقا ئائىت تېخنىكىلىق ماتېرىياللار؛

  (3) باغ- ئورمان قۇرۇلۇشى قىلىش خەرىتىسى، دەرەخ تۈرى تىزىملىكى؛

  (4) خوجىلىق سۈپىتى، رېمونت كاپالەت ھۆججىتى ۋە خوجىلىقتىن پايدىلىنىش توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈش ھۆججىتى؛

  (5) ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئىسىملىكى؛

  (6) قانۇن- نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ياكى ئىككى تەرەپ تاپشۇرۇشنى پۈتۈشكەن باشقا ماتېرىياللار.

  ئالدىنقى مەزگىللىك خوجىلىق مۇلازىمىتى توختامى ئاخىرلاشقاندا، خوجىلىق باشقۇرغۇچى خوجىلىق مۇلازىمىتى ئۆيى ۋە ئالدىنقى تارماقتا دېيىلگەن ماتېرىياللارنى ئۆي ئىگىلىرى كېڭىشىنىڭ ئىجرا ئاپپاراتىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل
【1】 【2】 【3】 【4】  كېيىنكى بەت