ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

قەلبلەر مېھىر- شەپقەت ئارقىلىق ئىلھاملاندۇرۇلدى، بالىلار ئەقىل- پاراسەت ئارقىلىق ئۆسۈپ يېتىلدى

− ئارىشاڭ ناھىيەسى تاشيۇ يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پۇ جيالياڭ توغرىسىدا

مۇخبىرىمىز بارشا تېگىس

2017.10.09 11:46

  28 يىلدىن بۇيان ئۇ يېزىدىن، ئوقۇتۇشنىڭ 1- سېپىدىن ئايرىلمىدى، سىنىپ ۋە ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغانىدى. ئۇ بوران- چاپقۇن، قار- يامغۇرغا قارىماي، مەكتەپكە سەھەر كېلىپ، كەچ قايتىپ، مەكتەپنى ئۆز ئۆيىدەك كۆرۈپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا جان- دىل بىلەن ئاتلىنىپ، مەسئۇلىيىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تولۇق ئادا قىلىپ، ئۈنسىز تۆھپە قوشتى. مانا بۇ ئارىشاڭ ناھىيەسىنىڭ تاشيۇ يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پۇ جيالياڭ.

  پۇ جيالياڭ دائىم: مائارىپنىڭ مەقسىتى ئادەم تەربىيەلەش، مائارىپنىڭ ئاچقۇچى قەلبلەرنى تەسىرلەندۈرۈش. دەرس ئۆتۈپ ئادەم تەربىيەلەشتە مۇھەببەت بولمىسا بولمايدۇ، سەمىمىيەت تاشنى ئېرىتىدۇ، دەيدۇ.

  ئوقۇتقۇچىنىڭ خىزمىتى ئىجادچانلىققا باي ئەمگەك، شۇنداقلا يەنە مۇھەببەت بىلەن ئەقىل- پاراسەت تەڭ مەۋجۇت بولغان سەنئەت. پۇ جيالياڭ بۇ خىل سەنئەت ئارقىلىق ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا تەسىر كۆرسىتىپ كەلمەكتە.

    چوغ كەبى يالقۇنجاپ تۇرغان مېھىر- شەپقەت

  بىر موڭغۇل قىز ئوقۇغۇچىنىڭ ئۈچ يېشىدا ئاپىسى ئالەمدىن ئۆتكەنىدى، 2009- يىلى يازدا ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتكۈزۈشكە ئاز قالغاندا، دادىسىمۇ بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىپ، قارا يېتىم بولۇپ قالدى. پۇ جيالياڭ بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭغا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ھەل قىلىپ بېرىشكە ياردەم قىلدى، شۇنداقلا يەنە ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنى ئىئانە توپلاپ ئۇنىڭغا كىيىم- كېچەك ئېلىپ بېرىشكە سەپەرۋەر قىلىپ، ئۇنى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچىدىكى ئۇنتۇلغۇسىز «1- ئىيۇن» بالىلار بايرىمىنى ساۋاقداشلىرى بىلەن بىللە كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  2011- يىلى 5- ئايدا ياڭ لىڭ يۈننەندىن مەكتەپ ئالمىشىپ كەلدى، ئۇ دېھقان ئىشلەمچى پەرزەنتى بولۇپ، ئاتا- ئانىسى تاشيۇ يېزىسىدىكى خۇمداندا ئىشلەيتتى، ئۇلار ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرۇۋاتقان كونا ئۆيىنىڭ توك سىمى كونىراپ كەتكەنلىكتىن ئۆيىگە ئوت كېتىپ، بارلىق ئۆي بىساتلىرى ھەم ياڭ لىڭنىڭ سومكىسىمۇ كۆيۈپ كەتكەنىدى. پۇ جيالياڭ ياڭ لىڭغا دەرسلىك ۋە مەشىق كىتابلىرىنى تېپىپ بەردى، ئۆزى باشلامچىلىق قىلىپ ئىئانە توپلاپ، سىنىپتىكى ساۋاقداشلارنى ئۇنىڭغا ئۆگىنىش بۇيۇملىرىنى ئېلىپ بېرىشكە سەپەرۋەر قىلىپ، ياڭ لىڭنى خاتىرجەم ئۆگىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  قىشنىڭ زېمىستان سوغۇق كۈنلىرىدە پۇ جيالياڭ سىنىپقا ھەممىدىن بۇرۇن كېلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىنىپقا كىرىشى بىلەنلا ئائىلە كەبى ئىللىقلىقنى ھېس قىلىشى ئۈچۈن، مەشكە ئوت قالاپ قوياتتى. پۇ جيالياڭنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم قىلىدىغان، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز پەرزەنتىدەك كۆرىدىغان ئالىيجاناب پەزىلىتى ئاتا- ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنى چەكسىز تەسىرلەندۈردى.

  «بىر سىنىپ بىر ئائىلىگە ئوخشايدۇ، سىنىپ مۇدىرى شۈبھىسىزكى ئاتا- ئانىدۇر. مەن ھەر بىر ئوقۇغۇچۇمنى ياخشى كۆرىمەن، ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئارتۇقچىلىقلىرى بار. مەن ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى چەكسىز نامايان قىلىمەن ۋە يېتىلدۈرىمەن، ئۇلارنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تۈگىتىمەن» دېدى پۇ جيالياڭ سەمىمىيلىك بىلەن.

  پۇ جيالياڭنىڭ سىنىپ باشقۇرۇشى كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولغانلىقتىن، 2011- يىلى 12- ئايدا ئۇ ئاپتونوم رايون بويىچە «100 مۇنەۋۋەر سىنىپ مۇدىرى» نىڭ بىرى ۋە «7- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر سىنىپ مۇدىرى»نىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى.

  2010- يىلى باھاردا پۇ جيالياڭ سىنىپتا «ئەخلاق بانكىسى» باھالاش سۇپىسى تەسىس قىلدى. ئۇ خىزمەتلەرنى ئىجادچانلىق بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆگىنىش نەتىجىسى، تازىلىق، ئەمگەك، مەدەنىيلىك قائىدە- يوسۇنى، دەرسخانىدىكى ئىپادىسى جەھەتلەردىن ئۇنىۋېرسال باھالاپ، ئۇلارنىڭ تىرىشىپ «ئەخلاق چولپىنى» بولۇش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى.

    ئىجتىھات بىلەن ئىزدىنىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجە يارىتىش

  «پۇ مۇئەللىم تىرىشىپ ئۆگىنىدۇ، ئىجتىھات بىلەن ئىزدىنىدۇ، ھەرقانداق ئىشنى ئىنتايىن ئەستايىدىل ئىشلەيدۇ. پۇ مۇئەللىمنىڭ ياردىمى بولغاچقىلا، تۆۋەن يىللىقتىكى بالىلارنىڭ دۆلەت تىلى دەرسىنى دۆلەت تىلىدا راۋان ئۆتەلەيدىغان بولدۇم» دېدى موڭغۇل مۇئەللىم بالۇما. بىر قانچە يىل ئىلگىرى پۇ جيالياڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن بالۇما بىلەن قوشماق بولۇپ، ئۇنىڭ خىزمەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشىغا، ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىشىگە، مۇھىم، قىيىن نۇقتىلارنى ئىگىلىشىگە ياردەم قىلدى، پۇ جيالياڭنىڭ دائىملىق ياردىمىدە بالۇما تېز ئىلگىرىلىدى.

  ھەر مەۋسۇمنىڭ بېشىدا پۇ جيالياڭ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارغا يېتەكلەش دەرسى ۋە ئوچۇق دەرسلەرنى ئۆتۈپ، خىزمەتداشلىرىغا يېڭى ئىدىيە، يېڭىچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، يېڭى ئۆگىنىش ئۇسۇلى، يېڭى باھالاش ئۇسۇللىرىنى ئۆگەتتى. ئۇ يەنە كافېدرانىڭ پائالىيەت ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ مەخسۇس لېكسىيە سۆزلەپ، مەكتەپنىڭ دەرس ئاڭلاش، باھالاش پائالىيەتلىرىدە نەمۇنىلىك ۋە باشلامچىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇردى.

  پۇ جيالياڭ 2010- يىلىدىن 2011- يىلىغىچە ئوبلاست دەرىجىلىك تەتقىقات تېمىسى «باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مۇستەقىل كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش توغرىسىدا تەتقىقات»نىڭ يېتەكچىسى بولدى؛ 2012- يىلىدىن 2013- يىلىغىچە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تېما «ئوقۇمۇشلۇق مەكتەپ قۇرۇش ۋە ئەمەلىيەت تەتقىقاتى»غا قاتناشتى؛ 2013- يىلىدىن 2014- يىلىغىچە ئۇ يەنە تاشيۇ يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ دەرسلىك ئىسلاھاتى ئوقۇتقۇچىلىرىغا باشلامچىلىق قىلىپ، ئوبلاست دەرىجىلىك تېما «باشلانغۇچ مەكتەپ تىل- ئەدەبىيات دەرسى ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىش تاكتىكىسى توغرىسىدا تەتقىقات»نى قانات يايدۇردى؛ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تېما «دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇش ئەندىزىسى ئۈستىدە تەتقىقات»قا قاتناشتى؛ 2013- يىلى ئۇ يەنە ئاپتونوم رايونلۇق پېداگوگىكا ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ تۈر تېمىسى «ئاپتونوم رايوننىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى كۆزىتىش ۋە باھالاش تەتقىقاتى»غا قاتناشتى.

  پۇ جيالياڭ يازغان «ساپا مائارىپىنى دەرسخانىغا كىرگۈزەيلى»، «ساپا مائارىپى ئوقۇغۇچىلارنى ئۆگىنىشنىڭ خوجايىنلىرىدىن بولۇشقا چاقىرماقتا» دېگەن ئىلمىي ماقالىلىرى مەملىكەتلىك 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «ئوقۇغۇچىلارنى مۇۋاپىق ماختاش، رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئىلمىي باھالاش» دېگەن ئىلمىي ماقالىسى ئاپتونوم رايون بويىچە 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، ئوقۇتۇش دەرس پىلانى «لۇدىڭچياۋ كۆۋرۈكىنى تېز سۈرئەتتە ئېلىش» دۆلەتلىك 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، ئۇ يەنە «گۈزەل يۇرتۇم»، «بىخەتەرلىك تەربىيەسى» قاتارلىق مەكتەپ دەرسلىكلىرىنى تۈزۈشكە قاتناشتى. 2017- يىلى 5- ئايدا ئۇ ئاپتونوم رايون بويىچە «مۇنەۋۋەر يېزا ئوقۇتقۇچىسى» بولۇپ باھالاندى.

  پۇ جيالياڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر جەھەتتىكى ساپا تەربىيەسىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، ئۇ يېتەكچىلىك قىلغان ئوقۇغۇچىلار ھۆسنخەت، فوتو سۈرەت مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، قانۇن بىلىملىرى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

    دەرسلىك ئىسلاھاتىدىكى ئاۋانگارت

  «ئەينى چاغدا دەرسلىكلەرنى ئىسلاھ قىلىش ناھايىتى تەسكە چۈشتى، ئوقۇتقۇچىلار قاراش ۋە تونۇش جەھەتتە يېتىشەلمەي قالدى، ھېلىمۇ ياخشى، پۇ جيالياڭ مۇئەللىم تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەيدانغا چىقىپ خىرىسنى قوبۇل قىلدى، ئۇ يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتى ئۈچۈن كۈندە دەرس ئۆتۈپ، كۈندە دەرس تەييارلاپ، توختىماي ئىزدەندى»، دېدى تاشيۇ يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇدىرى دۇڭ يەنتاۋ.

  2011- يىلى 3- ئايدا پۇ جيالياڭ مەكتەپنىڭ دەرسلىك ئىسلاھاتى ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالدى. 50 ياشقا يېقىنلىشىپ قالغان، 20 نەچچە يىللىق ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇش تەجرىبىسىگە ئىگە ئوقۇتقۇچى ئۈچۈن دەرسلىك ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش كۈچلۈك رىقابەت خاراكتېرىگە ئىگە سىناق ھېسابلىناتتى. ئوقۇش- ئوقۇتۇش خىزمىتىگە بولغان چەكسىز ئىزدىنىشنىڭ تۈرتكىسىدە پۇ جيالياڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغايدىغان، ئۆگىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرىدىغان، تىل- ئەدەبىيات دەرسىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرىدىغان «قۇياش نۇرى دەرسخانىسى» ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنى ئىزدىنىپ تاپتى.

  2017- يىلى 8- ئايدا پۇ جيالياڭ «2- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر دەرسلىك ئىسلاھاتى ئوقۇتقۇچىسى» بولۇپ باھالاندى.

  پۇ جيالياڭ 2013- يىلىدىن 2015- يىلىغىچە خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇش ماتېرىيالى(تۆتىنچى يىللىق 1- قىسىم)نىڭ 1- بۆلىكى، قاتلاملىق ئىمتىھان سوئاللىرى، شىنجاڭ باشلانغۇچ مەكتەپ تىل- ئەدەبىياتى «دەرسلىك پەن يېتەكچىلىك پىكرى» قاتارلىقلارنى تۈزۈش خىزمىتى ۋە «شىنجاڭ تولۇقسىز سىنىپلىرىنىڭ تەكرار يېتەكچىسى»گە تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىگە قاتناشتى، شىنجاڭ باشلانغۇچ مەكتەپ تىل- ئەدەبىيات دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى تورىدا 4- يىللىق 1- قىسىم 1- بۆلەك «ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى تەھلىلى ۋە ئوقۇتۇش تەۋسىيەسى» توغرىسىدا ئىككى قېتىم دەرس سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 1- يىللىق ئوقۇتقۇچىلىرىغا «قۇياش نۇرى دەرسخانىسى» ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنى تونۇشتۇردى.

  «مائارىپ مېنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىزدىنىشىم، بالىلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن قىلغانلىرىمغا قىلچە ئۆكۈنمەيمەن!». ئاشۇ ئاددىيغىنە دەرس مۇنبىرىدە، پۇ جيالياڭ پىلە قۇرتى كەبى روھ، شام كەبى پەزىلەت، ئىجتىھات بىلەن ئىزدىنىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ پارلاق ئەتىسىنى مەزمۇت يەلكىسى بىلەن قۇياش كەبى نۇر چاچقۇزدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر