ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

ئوقۇتقۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى

ئىمىنجان كېرىم

2017.10.09 11:44 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مەلۇم بىر مەشھۇر يازغۇچى نام- شۆھرەت قازانغاندىن كېيىن ئۆزىگە ئارتۇقچە ئىشىنىدىغان، دائىم كىشىلەرنىڭ كەلگۈسىگە ھۆكۈم قىلالايمەن دەپ بىلەرمەنلىك قىلىدىغان بولۇپ قاپتۇ.

  بىر كۈنى ھاسىغا چۈشۈپ قالغان موماي ئۇنى زىيارەت قىلىپ كەپتۇ. موماي باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ تاپشۇرۇق دەپتىرىنى ئۇنىڭغا سۇنۇپ تۇرۇپ: «ھۆرمەتلىك ئەپەندىم، سىز مەشھۇر يازغۇچى، شۇڭا سىزدىن بىر ئىشنى ئۆتۈنمەكچىمەن. سىز بۇ تاپشۇرۇق دەپتىرىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ سوئاللىرىمغا جاۋاب بەرگەن بولسىڭىز، بۇ ماقالىنىڭ سەۋىيەسى قانداق ئىكەن؟ بۇ بالىنىڭ كېيىنكى ئىستىقبالى قانداق بولار؟»دەپ سوراپتۇ.

  ئۇ موماينىڭ ئەستايىدىل ھالىتىنى كۆرۈپ ماقالىنى تەپسىلىي كۆرۈپ، مومايغا: «گەپنى ئۇدۇللا دېگەنلىكىمنى كەچۈرگەيسىز. بۇ بالىنىڭ كېيىنكى ئىستىقبالى ئانچە ياخشى بولمىغۇدەك. ئۇنىڭ پۇچۇركىسىدىن قارىغاندا بۇ بالا دۆترەك بولسا كېرەك» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.

  موماي ناھايىتى ھەيران قاپتۇ. «لېكىن سىز داڭلىق يازغۇچى بولدىڭىزغۇ؟ ئەجىبا ئۆزىڭىزنىڭ خەت پۇچۇركىڭىزنى تونۇمىدىڭىزمۇ؟ بۇ سىزنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندىكى ئىشلەتكەن دەپتىرىڭىز» دەپتۇ.

  «ئاھ مۇئەللىم، بۇ سىز ئىكەنسىز- دە...»ئۇ ئۆزىنىڭ بالىلىق ۋاقتىدىكى تاپشۇرۇق دەپتىرىنى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ھازىرغىچە ساقلىغانلىقىنى ھەرگىزمۇ ئويلاپ باقمىغان ئىكەن. بۇ ئىشتىن ئۇنىڭ يۈزى ئىختىيارسىز قىزىرىپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ ئۆزىگە زىيادە ئىشىنىدىغان، ئۆزىگە تەمەننا قويىدىغان خاھىشلىرىنى ئۆزگەرتىپتۇ.

  گەرچە ئۇ مەشھۇر يازغۇچىغا ئايلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ياشىنىپ قالغان ئوقۇتقۇچىسى ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئۇنتۇپ قالمىغان. ئۇ ئوقۇغۇچىسىنى يوقلاپ بېرىپ ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈپلا قالماي، يەنە ئۆزگىچە ئۇسۇل بىلەن ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى ئوقۇغۇچىسىغا داۋاملىق تەربىيە بەرگەن.

  ئوقۇتقۇچى «ئىنسان روھىنىڭ ئىنژېنېرى» دەپ تەرىپلىنىپ كەلگەن. مەسئۇلىيەتچان ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ ئەجىر- مېھنىتى ئارقىلىق بالىلارنىڭ روھىي دۇنياسىغا سىڭىپ كىرىپ، ئىدىيەسى ئارقىلىق ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنى ناچار ئادەت ۋە پاسسىپ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىشكە يېتەكلەيدۇ. ئوقۇتقۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى بالىلارنىڭ ھازىرقى ۋە كەلگۈسىگە مەسئۇل بولۇشتا گەۋدىلىنىدۇ. ئوقۇتقۇچى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى مەن نېمە ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى بولدۇم؟ قانداق ئوقۇتقۇچى بولۇشۇم كېرەك؟ دېگەن سوئاللارغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب تېپىش جەريانىدا ئادا قىلالايدۇ. كۈندىن- كۈنگە شارائىتى ياخشىلىنىۋاتقان كۆركەم، ئازادە، يورۇق ئوقۇتۇش بىناسى، يېڭى ۋە سۈپەتلىك ئۈستەل- ئورۇندۇق، كۆكەرتىلگەن، قاتتىقلاشتۇرۇلغان تەنتەربىيە مەيدانى، باغچىلاشقان مەكتەپ قورۇسى، ئۆلچەملەشكەن تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى، تەجرىبىلىك ئوقۇتۇش سىنىپلىرى، ئېلېكتىرلەشكەن دەرسخانا ۋە يېتەرلىك تەجرىبە سايمانلىرى ھازىرقى مەكتەپلەردىكى ئىنكار قىلغىلى، كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان ئەمەلىيەت.

  ئوقۇتقۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئەۋلادلارغىلا ئەمەس، بەلكى جەمئىيەت ۋە دۆلەتكە بولغان مەسئۇلىيەتتۇر. ھازىر مۇنبەر ئالدىدىكى ئوقۇتقۇچىغا تەلمۈرۈپ ئولتۇرغان ئاشۇ گۆدەك سەبىيلەر ئۇزاق ئۆتمەيلا جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدىن ئورۇن ئالىدۇ. ئۇلار كەلگۈسىدىكى ئالىم- مۇتەخەسسىسلەر، كەشپىياتچى- تەتقىقاتچى ... ئۇلار جەمئىيەتنىڭ تۆھپىكارلىرىغا ئايلىنىش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەربىيەسى، پەرۋىشى ۋە ئەجىر- مېھنىتىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئوقۇتقۇچىلار مۇشۇنداق مۇقەددەس ۋە مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئۆز زىممىسىگە ئالغانلىقىنى ئېنىق تونۇپ يېتىپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا، ئۇلارنىڭ ئىستىقبالىغا، بەخت- سائادىتىگە، تەقدىرىگە ۋە كەلگۈسىگە مەسئۇل بولۇشى، بۇ ئارقىلىق جەمئىيەتكە، دۆلەتكە مەسئۇل بولۇشى كېرەك.

  بىر مەشھۇر شەخس «ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىسىغا بىر مەزگىل مەسئۇل بولۇپلا قالماي يەنە ئۆمۈر بويى مەسئۇل بولۇشى كېرەك، بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ بۇرچى. ھەقىقىي ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىسىنىڭ قەيەرگە بېرىشىدىن، ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئورنىنىڭ قانچىلىك يۇقىرى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەمىشە باشتىن- ئاخىر ئۆزىنىڭ تەلىم- تەربىيە مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ» دېگەن.

  دېمەكچىمەنكى، ئوقۇتقۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىكى ھاياتىغا، كۈندىلىك پائالىيىتىگە، تۇرمۇشى ۋە ئۆگىنىشىگە مەسئۇل بولۇشلا بولماي، يەنە ئەۋلادلارنىڭ كەلگۈسىگە، ئىستىقبالىغا ۋە بەخت- سائادىتىگە مەسئۇل بولۇشتۇر. ئوقۇتقۇچى بۇنى تولۇق تونۇپ يېتەلىسە ئاندىن ئوقۇتقۇچىلىق مەسئۇلىيىتىنى، مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر