ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

دېھقانچىلىق دورىسىنى باشقۇرۇش نىزامى(3)

(1997- يىل 5- ئاينىڭ 8- كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنىنىڭ 216- نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىنغان، 2001- يىل 11- ئاينىڭ 29- كۈنى «گوۋۇيۈەننىڭ <دېھقانچىلىق دورىسىنى باشقۇرۇش نىزامى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلگەن، 2017- يىل 2- ئاينىڭ 8- كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ 164- قېتىملىق دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا ئۆزگەرتىلىپ ماقۇللاندى)

2018.04.18 12:28 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  44- ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغان دېھقانچىلىق دورىسى ساختا دېھقانچىلىق دورىسى، دەپ بېكىتىلىدۇ:

  (1) غەيرىي دېھقانچىلىق دورىسىنى دېھقانچىلىق دورىسى قىلىپ كۆرسىتىش؛

  (2) بۇ خىل دېھقانچىلىق دورىسىنى ئۇ خىل دېھقانچىلىق دورىسى قىلىپ كۆرسىتىش؛

  (3) دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ ئۈنۈملۈك تەركىبىدىكى تۈرلەر دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ يارلىقى، چۈشەندۈرمىسىدە ئەسكەرتىلگىنىگە ئۇيغۇن كەلمەسلىك.

  ئىشلىتىش مەنئى قىلىنغان دېھقانچىلىق دورىسى، دېھقانچىلىق دورىسى تىزىملاش گۇۋاھنامىسىنى قانۇن بويىچە ئالماي تۇرۇپ ئىشلەپچىقارغان، ئىمپورت قىلغان دېھقانچىلىق دورىسى، شۇنىڭدەك يارلىقى قوشۇپ قويۇلمىغان دېھقانچىلىق دورىسى ساختا دېھقانچىلىق دورىسى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

  45- ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغان دېھقانچىلىق دورىسى ناچار دېھقانچىلىق دورىسى، دەپ بېكىتىلىدۇ:

  (1) دېھقانچىلىق دورىسى مەھسۇلاتى سۈپەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولماسلىق؛

  (2) دورا زىيىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زىيانلىق تەركىب ئارىلاشتۇرۇۋېتىلگەن بولۇش.

  دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ سۈپەت كاپالەت مۇددىتىدىن ئېشىپ كەتكەن دېھقانچىلىق دورىسى ناچار دېھقانچىلىق دورىسى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

  46- ماددا ساختا، ناچار دېھقانچىلىق دورىسى ۋە يىغىۋېلىنغان دېھقانچىلىق دورا تاشلاندۇقىنى خەتەرلىك تاشلاندۇقلار تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيىتىگە ئىگە ئورۇنلارنىڭ يىغىپ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىش كېرەك، بىر تەرەپ قىلىش خىراجىتىنى مۇناسىپ دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى، دېھقانچىلىق دورىسى تىجارەتچىلىرى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى، دېھقانچىلىق دورىسى تىجارەتچىلىرى ئېنىق بولمىغانلىرىدا بىر تەرەپ قىلىش خىراجىتى شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى مالىيەسىدىن چىقىم قىلىنىدۇ.

  47- ماددا دېھقانچىلىق دورىسى تىزىملاش گۇۋاھنامىسى، دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى، دېھقانچىلىق دورىسى تىجارەت ئىجازەتنامىسى قاتارلىق ئىجازەت ئىسپات ھۆججەتلىرىنى ياسىۋېلىش، ئۆزگەرتىۋېلىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئىجارە بېرىش، ئارىيەت بېرىش مەنئى قىلىنىدۇ.

  48- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ خادىملىرى ۋە دېھقانچىلىق دورىسىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمىتىگە مەسئۇل ئاپپاراتلار شۇنىڭدەك ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتى قىلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

    7- باب قانۇن جاۋابكارلىقى

  49- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ جاۋابكارلىقى بار رەھبەر ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ؛ جاۋابكارلىقى بار رەھبەر ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلاردىن جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

  (1) نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان، ئۆز تەۋەلىكىدىكى مەمۇرىي رايوننىڭ قانۇنغا خىلاپ ھالدا دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش پائالىيىتىدە زور زىيان پەيدا قىلغان ياكى جەمئىيەتتە يامان تەسىر پەيدا قىلغانلار؛

  (2) شەرتكە توشمايدىغان ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا ئىجازەت بەرگەن ياكى شەرتكە توشىدىغان ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا ئىجازەت بەرمىگەنلەر؛

  (3) دېھقانچىلىق دورىسىنى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىشقا قاتناشقانلار؛

  (4) نەپسانىيەتچىلىك قىلىش، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە- كەلمەس پايدىلىنىش، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىشتەك باشقا قىلمىشلار.

  50- ماددا دېھقانچىلىق دورىسىنى تىزىملاش- باھالاش كومىتېتى تەركىبىدىكىلەردىن دېھقانچىلىق دورىسىنى تىزىملاش- باھالاش جەريانىدا نامۇۋاپىق پايدا ئالغانلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقى دېھقانچىلىق دورىسىنى تىزىملاش- باھالاش كومىتېتىدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ؛ ئۇلار دۆلەت خادىمى بولسا، قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

  51- ماددا تىزىملاپ سىناق قىلغۇچى ئورۇنلاردىن ساختا تىزىملاپ سىناق قىلىش دوكلاتى چىقىرىپ بەرگەنلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقى تىزىملاپ سىناق قىلغۇچى ئورۇننى رويخەتتىن ئۆچۈرۈپ، 5 يىلغىچە بۇ ئورۇننىڭ ئىسپات بېرىلگەن تىزىملاپ سىناق قىلىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلمايدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

  52- ماددا دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ئالماي تۇرۇپ دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقارغان ياكى ساختا دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقارغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقى ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى، قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرى ۋە قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلەتكەن ئەسۋاب، ئۈسكۈنە، خام ئەشيا- ماتېرىيال قاتارلىقلارنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلات قىممىتى 10 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلىرىگە قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، مال قىممىتى 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغانلىرىغا مال قىممىتىنىڭ 10 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 20 ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ، گۇۋاھنامە بەرگەن ئورگان ئۇلارنىڭ دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ۋە مۇناسىپ دېھقانچىلىق دورىسى تىزىملاش گۇۋاھنامىسىنى بىكار قىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

  دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ئالغان دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىدىن دېھقانچىلىق دورىسىنى داۋاملىق ئىشلەپچىقىرىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرى ياكى تۈزەتكەندىن كېيىن يەنىلا بەلگىلەنگەن شەرتكە توشمايدىغانلىرىنىڭ دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنى ئىجازەتنامە بەرگەن ئورگان بىكار قىلىدۇ.

  دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىدىن ناچار دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقارغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقى ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى، قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرى ۋە قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلەتكەن ئەسۋاب، ئۈسكۈنە، خام ئەشيا- ماتېرىيال قاتارلىقلارنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلات قىممىتى 10 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلىرىگە قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، مال قىممىتى 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغانلىرىغا مال قىممىتىنىڭ 5 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 10 ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ۋە مۇناسىپ دېھقانچىلىق دورىسى تىزىملاش گۇۋاھنامىسىنى گۇۋاھنامە بەرگەن ئورگان بىكار قىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

  دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ئالمىغان ھاۋالە قىلىنغۇچىلار دېھقانچىلىق دورىسىنى پىششىقلاشنى، بۆلۈپ قاچىلاشنى ھاۋالە قىلغان بولسا ياكى ساختا، ناچار دېھقانچىلىق دورىسىنى پىششىقلاش، بۆلۈپ قاچىلاشنى ھاۋالە قىلغان بولسا، ھاۋالە قىلغۇچى ۋە ھاۋالە قىلىنغۇچىغا مۇشۇ ماددىنىڭ 1- ، 3- تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

  53- ماددا دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى، قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرى ۋە قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلەتكەن خام ئەشيا- ماتېرىياللىرىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلات قىممىتى 10 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلىرىگە قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، مال قىممىتى 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغانلىرىغا مال قىممىتىنىڭ 2 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 5 ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ، تۈزەتمەي تۇرۇۋالغان ياكى قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ۋە مۇناسىپ دېھقانچىلىق دورىسىنى تىزىملاش گۇۋاھنامىسىنى گۇۋاھنامە بەرگەن ئورگان بىكار قىلىدۇ:

  (1) مەھسۇلات سۈپىتىنى تەكشۈرۈش لاياقەتنامىسى قانۇن بويىچە قوشۇپ قويۇلمىغان، ئالاقىدار ئىجازەت ئىسپات- ھۆججەتلىرىنى قانۇن بويىچە ئالمىغان خام ئەشيا- ماتېرىياللارنى سېتىۋالغان، ئىشلەتكەنلەر؛

  (2) سۈپەت تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولمىغان ھەمدە قانۇن بويىچە مەھسۇلات سۈپىتىنى تەكشۈرۈش لاياقەتنامىسىنى قوشۇپ قويۇلمىغان دېھقانچىلىق دورىسىنى زاۋۇتتىن چىقىرىپ ساتقانلار؛

  (3) ئىشلەپچىقارغان دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ ئورۇسى، يارلىقى، چۈشەندۈرمىسى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولمىغانلار؛

  (4) قانۇن بويىچە قايتۇرۇۋېلىشقا تېگىشلىك دېھقانچىلىق دورىسىنى قايتۇرۇۋالمىغانلار.

  54- ماددا دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىدىن خام ئەشيا- ماتېرىيال كىرگۈزۈش، دېھقانچىلىق دورىسىنى زاۋۇتتىن چىقىرىپ سېتىشنى خاتىرىلەش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلمىغانلار ياكى دېھقانچىلىق دورا تاشلاندۇقلىرىنى يىغىۋېلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ تۈزەتمەي تۇرۇۋالغان ياكى قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ۋە مۇناسىپ دېھقانچىلىق دورىسى تىزىملاش گۇۋاھنامىسىنى گۇۋاھنامە بەرگەن ئورگان بىكار قىلىدۇ.

  55- ماددا دېھقانچىلىق دورىسى تىجارىتى قىلغۇچىلاردىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقى تىجارەتنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى، قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرى ۋە قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلەتكەن ئەسۋاب، ئۈسكۈنە قاتارلىقلىرىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ ھالدا تىجارەت قىلىدىغان دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ قىممىتى 10 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلىرىگە قوشۇمچە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، مال قىممىتى 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغانلىرىغا مال قىممىتىنىڭ 5 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 10 ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

  (1) مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، دېھقانچىلىق دورىسى تىجارەت ئىجازەتنامىسى ئالماي تۇرۇپ دېھقانچىلىق دورىسى تىجارىتى قىلغانلار؛

  (2) ساختا دېھقانچىلىق دورىسى تىجارىتى قىلغانلار؛

  (3) دېھقانچىلىق دورىسىغا باشقا نەرسە ئارىلاشتۇرۇۋەتكەنلەر.

  ئالدىنقى تارماقنىڭ (2)، (3) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ دېھقانچىلىق دورىسى تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى ئىجازەتنامە بەرگەن ئورگان بىكار قىلىشى كېرەك.

  دېھقانچىلىق دورىسى تىجارەت ئىجازەتنامىسى بار دېھقانچىلىق دورىسى تىجارەتچىلىرىدىن دېھقانچىلىق دورىسى تىجارىتىنى داۋاملىق قىلىشقا ئۇيغۇن كەلمىگەنلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمەي تۇرۇۋالغانلىرى ياكى تۈزەتكەندىن كېيىنمۇ بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە توشماي قالغانلىرىنىڭ دېھقانچىلىق دورىسى تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى ئىجازەتنامە بەرگەن ئورگان بىكار قىلىدۇ.

  56- ماددا دېھقانچىلىق دورىسى تىجارەتچىلىرىدىن ناچار دېھقانچىلىق دورىسى ساتقانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقى تىجارىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى، قانۇنغا خىلاپ ھالدا تىجارەت قىلغان دېھقانچىلىق دورىسى ۋە قانۇنغا خىلاپ ھالدا تىجارەت قىلىشقا ئىشلەتكەن ئەسۋاب، ئۈسكۈنە قاتارلىقلىرىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ ھالدا تىجارەت قىلغان دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ قىممىتى 10 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلىرىگە قوشۇمچە 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، مال قىممىتى 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغانلىرىغا مال قىممىتىنىڭ 2 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 5 ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ دېھقانچىلىق دورىسى تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى ئىجازەتنامە بەرگەن ئورگان بىكار قىلىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

  57- ماددا دېھقانچىلىق دورىسى تىجارەتچىلىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى، قانۇنغا خىلاپ ھالدا تىجارەت قىلغان دېھقانچىلىق دورىسىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ تۈزەتمەي تۇرۇۋالغان ياكى قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ دېھقانچىلىق دورىسى تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى ئىجازەتنامە بەرگەن ئورگان بىكار قىلىدۇ:

  (1) شۆبە- تارماق ئاپپارات تەسىس قىلغان تۇرۇپ، دېھقانچىلىق دورىسى تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى قانۇن بويىچە ئۆزگەرتمىگەن ياكى شۆبە- تارماق ئاپپارات تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرمىغانلار؛

  (2) دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ئالمىغان دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ياكى دېھقانچىلىق دورىسى تىجارەت ئىجازەتنامىسى ئالمىغان باشقا دېھقانچىلىق دورىسى تىجارەتچىلىرىدىن دېھقانچىلىق دورىسى سېتىۋالغانلار؛

  (3) مەھسۇلات سۈپەت تەكشۈرۈش لاياقەتنامىسىنى قوشۇپ قويمىغان ياكى ئورامى، يارلىقى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولمىغان دېھقانچىلىق دورىسىنى سېتىۋالغان، ساتقانلار؛

  (4) قانۇن بويىچە قايتۇرۇۋېلىشقا تېگىشلىك دېھقانچىلىق دورىسىنى سېتىشنى توختاتمىغانلار.

  58- ماددا دېھقانچىلىق دورىسى تىجارەتچىلىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، تۈزەتمەي تۇرۇۋالغان ياكى قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، ھەمدە دېھقانچىلىق دورىسى تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى ئىجازەتنامە بەرگەن ئورگان بىكار قىلىدۇ:

  (1) دېھقانچىلىق دورىسى سېتىۋېلىش- سېتىش قونداق ھېساباتى تۈزۈمىنى ئىجرا قىلمىغانلار؛

  (2) سەھىيەدە ئىشلىتىلىدىغان دېھقانچىلىق دورىلىرىدىن باشقا دېھقانچىلىق دورىسىنى تىجارەت ئورنىدا يېمەكلىك ۋە يېمەكلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، يەم- خەشەك قاتارلىقلارنى تىجارەت قىلغانلار؛

  (3) سەھىيەدە ئىشلىتىلىدىغان دېھقانچىلىق دورىسى بىلەن باشقا تاۋارلارنى ئايرىماي ساتقانلار؛

  (4) دېھقانچىلىق دورىسى تاشلاندۇقىنى يىغىۋېلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلار.

  59- ماددا چېگرا سىرتىدىكى كارخانىلاردىن جۇڭگودا دېھقانچىلىق دورىسىنى بىۋاسىتە ساتقانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقى سېتىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى، قانۇنغا خىلاپ ھالدا تىجارەت قىلغان دېھقانچىلىق دورىسىنى ۋە قانۇنغا خىلاپ ھالدا تىجارەت قىلىشقا ئىشلەتكەن ئەسۋاب، ئۈسكۈنە قاتارلىقلىرىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ ھالدا تىجارەت قىلغان دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ قىممىتى 50 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلىرىگە قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، مال قىممىتى 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغانلىرىغا مال قىممىتىنىڭ 10 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 20 ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ، دېھقانچىلىق دورىسىنى تىزىملاش گۇۋاھنامىسىنى گۇۋاھنامە بەرگەن ئورگان بىكار قىلىدۇ.

  دېھقانچىلىق دورىسىنى تىزىملاش گۇۋاھنامىسى ئالغان چېگرا سىرتىدىكى كارخانىلاردىن جۇڭگوغا ناچار دېھقانچىلىق دورىسى ئېكسپورت قىلىپ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرى ياكى ساختا دېھقانچىلىق دورىسى ئېكسپورت قىلغانلىرىنىڭ مۇناسىپ دېھقانچىلىق دورىسىنى تىزىملاش گۇۋاھنامىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقى بىكار قىلىدۇ.

  60- ماددا دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەتكۈچىلەردىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، دېھقانچىلىق دورىسىنى ئىشلەتكۈچىلەر يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى، يېمەكلىك ۋە يېمەكلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ساقلاش كارخانىلىرى، كېسەل، زىيانداش ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋە ئۇنى تىزگىنلەيدىغان كەسىپلەشكەن مۇلازىمەت تەشكىلاتلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى قاتارلىق ئورۇنلار بولسا، ئۇلارغا 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، دېھقانچىلىق دورىسىنى ئىشلەتكۈچىلەر شەخس بولسا، ئۇلارغا 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

  (1) دېھقانچىلىق دورىسىنى يارلىقىدا ئەسكەرتىلگەن ئىشلىتىش دائىرىسى، ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە مىقدارى، ئىشلىتىش تېخنىكا تەلىپى ۋە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار، بىخەتەر ئارىلىق مەزگىلى بويىچە ئىشلەتمىگەنلەر؛

  (2) ئىشلىتىش مەنئى قىلىنغان دېھقانچىلىق دورىسىنى ئىشلەتكەنلەر؛

  (3) ئۆتكۈر زەھەرلىك، يۇقىرى زەھەرلىك دېھقانچىلىق دورىسىنى ساغلاملىققا زىيانلىق ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە ئىشلەتكەن، كۆكتات، قوغۇن- تاۋۇز، مېۋە، چاي، زەمبۇرۇغ تۈرلىرى، جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلەتكەن ياكى سۇ ئۆسۈملۈكلىرىدىكى كېسەل، ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە ئىشلەتكەنلەر؛

  (4) ئىچىملىك سۇ مەنبەسى مۇھاپىزەت رايونىدا دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەتكەنلەر؛

  (5) دېھقانچىلىق دورىسى بىلەن بېلىق، راك، قۇش، ھايۋان قاتارلىقلارنى زەھەرلىگەنلەر؛

  (6) ئىچىملىك سۇ مەنبەسى مۇھاپىزەت رايونى، دەرياغا دېھقانچىلىق دورىسى، دېھقانچىلىق دورا ئورامىنى تاشلىغانلار ياكى دورا چېچىش سايمانلىرىنى يۇيغانلار.

  ئالدىنقى تارماقنىڭ (2) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلارنىڭ ئىشلىتىش مەنئى قىلىنغان دېھقانچىلىق دورىسىنىمۇ ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقى مۇسادىرە قىلىشى كېرەك.

  61- ماددا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى، يېمەكلىك ۋە يېمەكلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ساقلاش كارخانىلىرى، كېسەل، ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋە ئۇنى تىزگىنلەيدىغان كەسىپلەشكەن مۇلازىمەت تەشكىلاتلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى قاتارلىقلاردىن دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلىتىشنى خاتىرىلەش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلمىغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ تۈزەتمەي تۇرۇۋالغان ياكى قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

  62- ماددا دېھقانچىلىق دورىسى تىزىملاش گۇۋاھنامىسى، دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى، دېھقانچىلىق دورىسى تىجارەت ئىجازەتنامىسى قاتارلىق ئىسپات ھۆججەتلىرىنى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغان، ئۆتۈنۈپ بەرگەن، ئىجارە بەرگەن، ئارىيەت بەرگەنلەرنىڭ ئىجازەتنامىسىنى ئىجازەتنامە بەرگەن ئورگان يىغىۋالىدۇ ياكى بىكار قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

  63- ماددا دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ئالماي تۇرۇپ دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقارغانلار، دېھقانچىلىق دورىسى تىجارەت ئىجازەتنامىسى ئالماي تۇرۇپ دېھقانچىلىق دورىسى تىجارىتى قىلغانلار ياكى دېھقانچىلىق دورىسى تىزىملاش گۇۋاھنامىسى، دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى، دېھقانچىلىق دورىسى تىجارەت ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنغانلارنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىنىڭ 10 يىل ئىچىدە دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ .

  دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى، دېھقانچىلىق دورىسى تىجارەتچىلىرىدىن ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن خادىملارنى قوبۇل قىلىپ ئىشلىتىپ، دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغانلارنىڭ دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى، دېھقانچىلىق دورىسى تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى ئىجازەتنامە بەرگەن ئورگان بىكار قىلىدۇ.

  دېھقانچىلىق دورىسى تىزىملاش گۇۋاھنامىسى بىكار قىلىنغانلارنىڭ دېھقانچىلىق دورىسى تىزىملاش ئىلتىماسىنى گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقى 5 يىلغىچە قوبۇل قىلمايدۇ.

  64- ماددا ئىشلەپچىقارغان، تىجارەت قىلغان دېھقانچىلىق دورىسى دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تېنىنى، مال- مۈلكىنى زىيانغا ئۇچراتسا، دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەتكۈچىلەر دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىدىن ياكى دېھقانچىلىق دورا تىجارەتچىسىدىن تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ، جاۋابكارلىق دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىدا بولسا، دېھقانچىلىق دورىسى تىجارەتچىلىرى تۆلەم بەرگەندىن كېيىن، دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىدىن زىياننى تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق؛ جاۋابكارلىق دېھقانچىلىق دورىسى تىجارەتچىلىرىدە بولسا، دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى تۆلەم بەرگەندىن كېيىن دېھقانچىلىق دورىسى تىجارەتچىلىرىدىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

    8- باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

  65- ماددا دېھقانچىلىق دورىسى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىشتا، ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئىختىيارىي، ھەقلىق بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، تىزىملاپ سىناق قىلغۇچى ئورۇن بىلەن تىزىملاش- سىناق قىلىش خىراجىتىنى كېڭىشىپ بېكىتىشى كېرەك.

  66- ماددا بۇ نىزام 2017- يىل 6- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  (تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن- نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر
ئالدىنقى بەت   【1】 【2】 【3】