ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

دېھقانچىلىق دورىسىنى باشقۇرۇش نىزامى(2)

(1997- يىل 5- ئاينىڭ 8- كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنىنىڭ 216- نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىنغان، 2001- يىل 11- ئاينىڭ 29- كۈنى «گوۋۇيۈەننىڭ <دېھقانچىلىق دورىسىنى باشقۇرۇش نىزامى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلگەن، 2017- يىل 2- ئاينىڭ 8- كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ 164- قېتىملىق دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا ئۆزگەرتىلىپ ماقۇللاندى)

2018.04.18 12:28 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى


  23- ماددا دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى تەستىقلىنىپ بولغان دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ يارلىق مەزمۇنىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتسە، دېھقانچىلىق دورىسى يارلىقىدىكى بەلگىلەرگە ساختا مەزمۇن، ئىشلەتكۈچىلەرنى قايمۇقتۇرىدىغان مەزمۇنلارنى ئەسكەرتسە بولمايدۇ.

  دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ ئورۇسى بەك كىچىك بولۇپ، يارلىققا يېزىلىدىغان مەزمۇن پاتمىسا، ئايرىم چۈشەندۈرمىسى بولۇشى كېرەك، چۈشەندۈرمىدىكى مەزمۇن تەكشۈرۈپ تەستىقلانغان يارلىق مەزمۇنى بىلەن بىردەك بولۇشى كېرەك.

    4- باب دېھقانچىلىق دورىسى تىجارىتى

  24- ماددا دۆلەت دېھقانچىلىق دورىسى تىجارىتى ئىجازەت تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. سەھىيەدە ئىشلىتىلىدىغان دېھقانچىلىق دورىسى بۇنىڭ سىرتىدا. دېھقانچىلىق دورىسى تىجارەتچىلىرى تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقىغا دېھقانچىلىق دورىسى تىجارەت ئىجازەتنامىسى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك:

  (1) دېھقانچىلىق دورىسى ۋە كېسەل، ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش كەسپىي بىلىمىنى ھازىرلىغان، دېھقانچىلىق دورىسى باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىنى پىششىق بىلىدىغان، دېھقانچىلىق دورىسىنى بىخەتەر، مۇۋاپىق ئىشلىتىشكە يېتەكچىلىك قىلالايدىغان تىجارەت خادىملىرى بولۇش؛

  (2) باشقا تاۋارلار، شۇنىڭدەك ئىچىملىك سۇ مەنبەسى، تۇرمۇش رايونى قاتارلىقلاردىن ئۈنۈملۈك ئايرىۋېتىلگەن تىجارەت ئورنى ۋە ئامبىرى بولۇش ھەمدە تىجارەت قىلىشنى ئىلتىماس قىلغان دېھقانچىلىق دورىسىغا ماس كېلىدىغان مۇداپىئە ئەسلىھەسى سەپلەنگەن بولۇش؛

  (3) تىجارەت قىلىشنى ئىلتىماس قىلغان دېھقانچىلىق دورىسىغا ماس كېلىدىغان سۈپەت باشقۇرۇش، ھېسابات خاتىرىسى، بىخەتەرلىك مۇھاپىزىتى، تاسادىپىي ۋەقەلەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش، ئامبار باشقۇرۇش تۈزۈمى بولۇش.

  ئىشلىتىشكە چەك قويۇلغان دېھقانچىلىق دورىسى تىجارىتى قىلغۇچىلار دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلىتىشكە يېتەكچىلىك قىلالايدىغان ۋە كېسەل، ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋە ئۇنى تىزگىنلەيدىغان كەسپىي تېخنىك خادىملىرىنىمۇ سەپلىشى ھەمدە شۇ جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بەلگىلەنگەن نۇقتىدا تىجارەت قىلىشى كېرەك.

  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 20 ئىش كۈنى ئىچىدە تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىق قارارى چىقىرىشى كېرەك. شەرتكە توشىدىغانلىرىغا دېھقانچىلىق دورىسى تىجارەت ئىجازەتنامىسى بېرىشى؛ شەرتكە توشمايدىغانلىرىنىڭ ئىلتىماس قىلغۇچىسىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەمدە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

  25- ماددا دېھقانچىلىق دورىسى تىجارەت ئىجازەتنامىسىگە دېھقانچىلىق دورىسى تىجارىتى قىلغۇچىنىڭ نامى، تۇرۇشلۇق ئورنى، مەسئۇلى، تىجارەت دائىرىسى ھەمدە كۈچكە ئىگە مۇددىتى قاتارلىقلار ئېنىق يېزىلىشى كېرەك.

  دېھقانچىلىق دورىسى تىجارەت ئىجازەتنامىسىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى 5 يىل بولىدۇ. دېھقانچىلىق دورىسى تىجارىتى قىلغۇچىلاردىن ئىجازەتنامىسىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى توشۇپ، داۋاملىق شۇ تىجارەتنى قىلماقچى بولغانلىرى كۈچكە ئىگە مۇددەت توشۇشتىن 90 كۈن بۇرۇن ئىجازەتنامە بەرگەن ئورگانغا مۇددەت ئۇزارتىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

  دېھقانچىلىق دورىسى تىجارەت ئىجازەتنامىسىگە يېزىلغان ئىشلاردا ئۆزگىرىش بولسا، دېھقانچىلىق دورىسى تىجارەتچىلىرى گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، دېھقانچىلىق دورىسى تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

  دېھقانچىلىق دورىسى تىجارەت ئىجازەتنامىسى ئالغان دېھقانچىلىق دورىسى تىجارەتچىلىرى شۆبە- تارماق ئاپپارات تەسىس قىلماقچى بولسا، دېھقانچىلىق دورىسى تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى ئۆزگەرتىشنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلىشى ھەمدە شۆبە- تارماق ئاپپاراتى بار جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك، ئۇنىڭ شۆبە- تارماق ئاپپاراتى دېھقانچىلىق دورىسى تىجارەت ئىجازەتنامىسى بېجىرمىسىمۇ بولىدۇ. دېھقانچىلىق دورىسى تىجارەتچىلىرى ئۆزىنىڭ شۆبە- تارماق ئاپپاراتىنىڭ تىجارەت پائالىيىتىگە جاۋابكار بولۇشى كېرەك.

  26- ماددا دېھقانچىلىق دورىسى تىجارىتى قىلغۇچىلار دېھقانچىلىق دورىسى سېتىۋالغاندا، مەھسۇلات ئورۇسى، يارلىقى، مەھسۇلات سۈپىتىنى تەكشۈرۈش لاياقەتنامىسى، شۇنىڭدەك ئالاقىدار ئىجازەتنامە ئىسپات ھۆججىتىنى تەكشۈرۈشى كېرەك، دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ئالمىغان دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ياكى دېھقانچىلىق دورىسى تىجارەت ئىجازەتنامىسى ئالمىغان باشقا دېھقانچىلىق دورىسى تىجارەتچىلىرى دېھقانچىلىق دورىسى سېتىۋالسا بولمايدۇ.

  دېھقانچىلىق دورىسى تىجارەتچىلىرى سېتىۋېلىش قونداق ھېساباتى تۇتۇشى، ئۇنىڭغا دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ نامى، ئالاقىدار ئىجازەتنامە ئىسپات ھۆججىتى نومۇرى، ئۆلچىمى، مىقدارى، ئىشلەپچىقارغان كارخانا ۋە مال يەتكۈزۈپ بەرگۈچىنىڭ نامى ۋە ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى، مال كىرگۈزگەن ۋاقتى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئەينەن خاتىرىلىشى كېرەك. مال سېتىۋېلىش قونداق ھېساباتىنى ئىككى يىلدىن ئارتۇق ساقلاش كېرەك.

  27- ماددا دېھقانچىلىق دورىسى تىجارەتچىلىرى سېتىش قونداق ھېساباتى تۇتۇشى، ئۇنىڭغا ساتقان دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ نامى، ئۆلچىمى، مىقدارى، ئىشلەپچىقارغان كارخانا، مال سېتىۋالغۇچى، ساتقان ۋاقىت قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئەينەن خاتىرىلىشى كېرەك. مال سېتىش قونداق ھېساباتىنى ئىككى يىلدىن ئارتۇق ساقلاش كېرەك.

  دېھقانچىلىق دورىسى تىجارەتچىلىرى سېتىۋالغۇچىلاردىن كېسەل، ھاشارات زىيىنى يۈز بېرىش ئەھۋالىنى سورىشى ھەمدە دېھقانچىلىق دورىسىنى ئىلمىي تەۋسىيە قىلىشى، زۆرۈر بولغاندا نەق مەيدانغا بېرىپ كېسەل، ھاشارات زىيىنىنىڭ يۈز بېرىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشى ھەمدە دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى، ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە مىقدارى، تېخنىكا تەلىپى ۋە دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى توغرا چۈشەندۈرۈشى، سېتىۋالغۇچىلارنى قايمۇقتۇرماسلىقى كېرەك.

  سەھىيەدە ئىشلىتىلىدىغان دېھقانچىلىق دورىسى تىجارىتى قىلىدىغانلارغا مۇشۇ ماددىنىڭ 1- ، 2- تارمىقىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلانمايدۇ.

  28- ماددا دېھقانچىلىق دورىسى تىجارەتچىلىرىنىڭ دېھقانچىلىق دورىسىنى پىششىقلىشىغا، بۆلۈپ قاچىلىشىغا، دېھقانچىلىق دورىسىغا ھەر قانداق نەرسە ئارىلاشتۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ، ئورۇسى ۋە يارلىقى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولمىغان، مەھسۇلات سۈپىتىنى تەكشۈرۈش لاياقەتنامىسىنى قوشۇپ قويمىغان، ئالاقىدار ئىجازەتنامە ئىسپات ھۆججىتى بولمىغان دېھقانچىلىق دورىسىنى سېتىۋېلىشىغا ۋە سېتىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

  سەھىيەدە ئىشلىتىلىدىغان دېھقانچىلىق دورىسى تىجارىتى قىلغۇچىلار سەھىيەدە ئىشلىتىلىدىغان دېھقانچىلىق دورىسىنى باشقا تاۋاردىن ئايرىپ سېتىشى كېرەك؛ باشقا دېھقانچىلىق دورىسى تىجارىتى قىلغۇچىلارنىڭ دېھقانچىلىق دورىسى تىجارىتى ئورنىدا يېمەكلىك، يېمەكلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى، يەم- خەشەك تىجارىتى قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

  29- ماددا چېگرا سىرتىدىكى كارخانىلارنىڭ جۇڭگودا دېھقانچىلىق دورىسىنى بىۋاسىتە سېتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. چېگرا سىرتىدىكى كارخانىلاردىن جۇڭگودا دېھقانچىلىق دورىسى ساتماقچى بولغانلىرى قانۇن بويىچە جۇڭگودا سېتىش ئاپپاراتى تەسىس قىلىشى ياكى جۇڭگودىكى شەرتكە توشىدىغان ۋاكالەت ئاپپاراتىغا سېتىشنى ھاۋالە قىلىشى كېرەك.

  جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىنىدىغان دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ جۇڭگو يېزىقىدىكى يارلىقى، چۈشەندۈرمىسى بولۇشى، مەھسۇلات سۈپىتى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى ھەمدە چېگرا پىرىيوم- كارانتىن تارماقلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشىدە لاياقەتلىك بولۇشى كېرەك. دېھقانچىلىق دورىسىنى تىزىملاش گۇۋاھنامىسى بولمىغان دېھقانچىلىق دورىسىنى ئىمپورت قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

  دېھقانچىلىق دورىسىنى ئىمپورت- ئېكسپورت قىلىشنى تاموژنىغا مەلۇم قىلىش رەسمىيىتى بېجىرىشتە، تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئالاقىدار ئىسپات ھۆججەتلەرنى كۆرسىتىش كېرەك.

    5- باب دېھقانچىلىق دورىسىنى ئىشلىتىش

  30- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقى دېھقانچىلىق دورىسىنى ئىشلىتىشكە يېتەكچىلىك، مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىشى، دېھقانچىلىق دورىسىنى بىخەتەر، مۇۋاپىق ئىشلىتىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ مۇكەممەللەشتۈرۈشى ھەمدە ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ھەر تەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەلىپى بويىچە دېھقانچىلىق دورىسىنى ئىلمىي ئىشلىتىش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىشكە تەشكىللىشى، دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلىتىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشى كېرەك. ئورمانچىلىق، ئاشلىق، سەھىيە تارماقلىرى ئورمانچىلىق، زاپاس ئاشلىق، سەھىيەدە ئىشلىتىلىدىغان دېھقانچىلىق دورىسىنى بىخەتەر، مۇۋاپىق ئىشلىتىشكە بولغان تېخنىكا يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىشى، مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلىتىش جەريانىدا مۇھىت ئاسراش ۋە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش جەھەتتىكى تېخنىكا يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  31- ماددا ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقى ئۆسۈملۈك ئاسراش، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ئاپپاراتلىرىنى تەشكىللەپ، دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەتكۈچىلەرنى تېخنىكا جەھەتتىن ھەقسىز تەربىيەلىشى، ئۇلارنىڭ دېھقانچىلىق دورىسىنى بىخەتەر، مۇۋاپىق ئىشلىتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئالاقىدار مەكتەپلەر، دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپلىرى، تەمىنات- سودا كوپىراتىپلىرى، يېزا ئىگىلىكى بويىچە ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت تەشكىلاتلىرى ۋە كەسپىي خادىملارنىڭ دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەتكۈچىلەرگە تېخنىكا مۇلازىمىتى قىلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

  32- ماددا دۆلەت بىيولوگىيەلىك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، فىزىكىلىق ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، ئىلغار دورا چېچىش ئۈسكۈنىلىرىنى كېڭەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلىتىش مىقدارىنى پەيدىنپەي ئازايتىدۇ.

  ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلىتىش مىقدارىنى ئازايتىش پىلانىنى تۈزۈشى ھەمدە تەشكىللەپ يولغا قويۇشى كېرەك؛ دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلىتىش مىقدارىنى ئازايتىش پىلانىنى يولغا قويغان، دېھقانچىلىق دورىسى مىقدارىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئازايتقانلارغا ئىلھام بېرىشى ۋە يار- يۆلەك بولۇشى كېرەك.

  ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقى كېسەل، ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋە ئۇنى تىزگىنلەيدىغان كەسىپلەشكەن مۇلازىمەت تەشكىلاتلىرىنى قۇرۇشقا ئىلھام بېرىشى ۋە يار- يۆلەك بولۇشى ھەمدە كېسەل، ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋە ئىشلىتىشكە چەك قويۇلغان دېھقانچىلىق دورىسىنى تەييارلاش، ئىشلىتىشكە يېتەكچىلىك قىلىشى، ئۇنى قېلىپلاشتۇرۇشى ۋە باشقۇرۇشى، ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقى دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ دېھقانچىلىق دورىسىنى پىلانلىق ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىققا زىيان يەتكۈزىدىغان كېسەل، ھاشارات، ئوت- چۆپ، چاشقان ۋە باشقا زىيانلىق جانلىقلاردا دېھقانچىلىق دورىسىغا نىسبەتەن قارشىلىق پەيدا بولۇشىنى يەڭگىللىتىشى كېرەك.

  يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلىتىشكە يېتەكچىلىك، مۇلازىمەتچىلىك خىزمىتىنى ئىشلەشكە ھەمكارلىشىشى كېرەك.

  33- ماددا دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەتكۈچىلەر دۆلەتنىڭ دېھقانچىلىق دورىسىنى بىخەتەر، مۇۋاپىق ئىشلىتىشكە ئالاقىدار تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلىشى، دېھقانچىلىق دورىسىنى ئوبدان ساقلىشى ھەمدە دورا تەڭشەش، دورا ئىشلىتىش جەريانىدا زۆرۈر مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلىتىشتە ھادىسە يۈز بېرىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. ئىشلىتىشكە چەك قويۇلغان دېھقانچىلىق دورىسى تىجارىتى قىلغۇچىلار دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ دورا ئىشلىتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشى ھەمدە پەيدىنپەي بىر تۇتاش دورا ئىشلىتىش مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك.

  34- ماددا دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەتكۈچىلەر دېھقانچىلىق دورىسىنى يارلىقىدا ئەسكەرتىلگەن ئىشلىتىش دائىرىسى، ئۇسۇلى ۋە مىقدارى، ئىشلىتىش تېخنىكا تەلىپى ۋە ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ ئىشلىتىشى، ئىشلىتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىۋەتمەسلىكى، مىقدارىنى ئاشۇرۇۋەتمەسلىكى ياكى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىۋەتمەسلىكى كېرەك.

  دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئىشلىتىش مەنئى قىلىنغان دېھقانچىلىق دورىسىنى ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

  يارلىقىدا بىخەتەر ئارىلىق مەزگىلى ئەسكەرتىلگەن دېھقانچىلىق دورىسى بولسا، ھوسۇل ئېلىشتىن بۇرۇن بىخەتەر ئارىلىق مەزگىلىدىكى تەلەپ بويىچە ئۇنى ئىشلىتىشنى توختىتىش كېرەك.

  ئۆتكۈر زەھەرلىك، يۇقىرى زەھەرلىك دېھقانچىلىق دورىسىنى سەھىيە جەھەتتە زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشكە ئىشلىتىشكە يول قويۇلمايدۇ. كۆكتات، مېۋە، چاي، زەمبۇرۇغ تۈرىدىكىلەر، جۇڭگو تېبابىتى ئۆسۈملۈك- دورا ماتېرىياللىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا، سۇ ئۆسۈملۈكلىرىدىكى كېسەل، ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە ئىشلىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

  35- ماددا دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەتكۈچىلەر مۇھىتنى ئاسرىشى، پايدىلىق جانلىقلار ۋە ئەتىۋارلىق تۈرلەرنى قوغدىشى كېرەك، دېھقانچىلىق دورىسى، دېھقانچىلىق دورىسى ئورۇسىنى ئىچىملىك سۇ مەنبەسى مۇھاپىزەت رايونى ۋە دەرياغا تاشلاشقا ياكى دورا چېچىش سايمانلىرىنى بۇ جايدا يۇيۇشقا بولمايدۇ.

  ئىچىملىك سۇ مەنبەسى مۇھاپىزەت رايونىدا دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ، دېھقانچىلىق دورىسى بىلەن بېلىق، راك، قۇش، ھايۋانلارنى زەھەرلەش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ.

  36- ماددا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى، يېمەكلىك ۋە يېمەكلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى ساقلاش كارخانىلىرى، كېسەل، ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋە ئۇنى تىزگىنلەيدىغان كەسىپلەشكەن مۇلازىمەت تەشكىلاتلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپلىرى دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلىتىش خاتىرىسى تۇتۇشى، ئۇنىڭغا دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەتكەن ۋاقىت، ئورۇن، ئوبيېكت شۇنىڭدەك دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ نامى، ئىشلىتىش مىقدارى، ئىشلەپچىقارغان كارخانا قاتارلىقلارنى ئەينەن خاتىرىلىشى كېرەك. دېھقانچىلىق دورىسىنى ئىشلىتىش خاتىرىسىنى ئىككى يىلدىن ئارتۇق ساقلاش كېرەك.

  دۆلەت باشقا دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلىتىش خاتىرىسى تۇتۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

  37- ماددا دۆلەت دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ دېھقانچىلىق دورا ئورۇسى قاتارلىق تاشلاندۇقلارنى يىغىۋېلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ؛ دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى، دېھقانچىلىق دورىسى تىجارەتچىلىرى دېھقانچىلىق دورىسى تاشلاندۇقلىرىنى يىغىۋېلىپ، دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشى ۋە دېھقانچىلىق دورىسىدىن زەھەرلىنىشتە ھادىسە يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. بۇنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك، مالىيە مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە چىقىرىدۇ.

  38- ماددا دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلىتىشتە ھادىسە يۈز بەرسە، دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەتكۈچىلەر، دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى، دېھقانچىلىق دورىسى تىجارەتچىلىرى ۋە باشقا ئالاقىدار خادىملار ئۇنى شۇ جايدىكى يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

  مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغان يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقى دەرھال تەدبىر قوللىنىپ، ھادىسىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالاقىدار تارماقلارغا مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك. دېھقانچىلىق دورىسىدىن زەھەرلىنىش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارنى يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى مەسئۇلىيىتى، ھوقۇق دائىرىسى بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى، سەھىيە مەسئۇل تارمىقى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى داۋالىشى، قۇتقۇزۇشى؛ مۇھىت بۇلغىنىش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارنى مۇھىت ئاسراش تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى؛ زاپاس ئاشلىققا دورا ئىشلىتىش ھادىسىسى ۋە دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدە دورا زىيىنى ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارنى ئاشلىق، دېھقانچىلىق تارماقلىرى ئايرىم- ئايرىم ھالدا تېخنىكىلىق باھالاش ۋە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

  39- ماددا تاسادىپىي يۈزبەرگەن ئېغىر كېسەل، ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە جىددىي توغرا كەلسە، گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقى تىزىملىتىلمىغان ياكى ئىشلىتىش مەنئى قىلىنغان، ئىشلىتىشكە چەك قويۇلغان دېھقانچىلىق دورىسىنى بەلگىلىك مىقداردا دەمال ئىشلەپچىقىرىشنى، ئىشلىتىشنى قارار قىلسا بولىدۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا، دېھقانچىلىق دورىسىنى بەلگىلەنگەن مىقدار، تۈر بويىچە ئېكسپورت قىلىشنى دەمال چەكلەشنى ياكى دەمال ئىمپورت قىلىشنى گوۋۇيۈەننىڭ تاشقى سودا مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە قارار قىلىشى كېرەك.

  ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن دېھقانچىلىق دورىسىنى ئىشلىتىلىدىغان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقىنىڭ نازارەتچىلىكى ۋە يېتەكچىلىكىدە ئىشلىتىش كېرەك.

    6- باب نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

  40- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقى دېھقانچىلىق دورىسىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، ئىشلىتىش ئەھۋالىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ ئىستاتىستىكا قىلىشى ھەمدە شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارمىقىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقى دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش سەمىمىيەت ئارخىپى تۇرغۇزۇشى ھەمدە ئۇنى ئېلان قىلىشى؛ دېھقانچىلىق دورىسىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى بايقىسا، ئۇنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىغا قانۇن بويىچە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

  41- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقى دېھقانچىلىق دورىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، قانۇن بويىچە تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللانسا بولىدۇ:

  (1) دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقارغان، تىجارەت قىلغان، ئىشلەتكەن نەق مەيداننى تەكشۈرۈش؛

  (2) ئىشلەپچىقارغان، تىجارەت قىلغان، ئىشلەتكەن دېھقانچىلىق دورىسىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش؛

  (3) ئالاقىدار كىشىلەردىن مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ ئىگىلەش؛

  (4) توختام، ۋېكسىل، ھېسابات دەپتىرى ۋە باشقا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى كۆرۈش، كۆپەيتىش؛

  (5) قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىشلەپچىقارغان، تىجارەت قىلغان، ئىشلەتكەن دېھقانچىلىق دورىسى، شۇنىڭدەك دېھقانچىلىق دورىسىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش، ئىشلىتىشكە ئىشلەتكەن سايمان، ئۈسكۈنە، خام ئەشيا- ماتېرىياللارنى پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش؛

  (6) دېھقانچىلىق دورىسىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىشلەپچىقارغان، تىجارەت قىلغان، ئىشلەتكەن ئورۇننى پېچەتلەش.

  42- ماددا دۆلەت دېھقانچىلىق دورىسىنى قايتۇرۇۋېلىش تۈزۈمى ئورنىتىدۇ. دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ئۆزى ئىشلەپچىقارغان دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىققا، ئادەم ۋە چارۋا بىخەتەرلىكىگە، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قاتارلىقلارغا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدىغانلىقىنى ياكى چوڭراق خەۋپ- خەتىرى بارلىقىنى بايقىغان ھامان ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىشى، ئالاقىدار تىجارەت قىلغۇچىلار ۋە ئىشلەتكۈچىلەرگە ئۇقتۇرۇشى، شۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقىغا مەلۇم قىلىشى، مەھسۇلاتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قايتۇرۇۋېلىشى ھەمدە ئۇقتۇرۇش قىلىش ۋە قايتۇرۇۋېلىش ئەھۋالىنى خاتىرىلىشى كېرەك.

  دېھقانچىلىق دورىسى تىجارەتچىلىرى ئۆزى تىجارەت قىلغان دېھقانچىلىق دورىسىدا ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ئەھۋال بارلىقىنى بايقىغان ھامان سېتىشنى توختىتىشى، ئالاقىدار ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى، مال يەتكۈزۈپ بەرگۈچى ۋە سېتىۋالغۇچىلارغا ئۇقتۇرۇشى، شۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقىغا مەلۇم قىلىشى ھەمدە سېتىشنى توختىتىش ۋە ئۇقتۇرۇش قىلىش ئەھۋالىنى خاتىرىلىشى كېرەك.

  دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزى ئىشلىتىۋاتقان دېھقانچىلىق دورىسىدا مۇشۇ ماددىنىڭ 1- تارمىقىدا كۆرسىتىلگەن ئەھۋال بارلىقىنى بايقىغان ھامان ئىشلىتىشنى توختىتىشى، ساتقۇچىلارغا ئۇقتۇرۇشى ھەمدە شۇ جايدىكى يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

  43- ماددا گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقى دېھقانچىلىق دورىسىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمىتى ئاپپاراتى، ئۆسۈملۈك ئاسراش ئاپپاراتى تىزىملىتىلغان دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئۈنۈملۈكلۈكىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈشنى تەشكىللەشكە مەسئۇل بولۇشى كېرەك.

  تىزىملىتىلغان دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىققا، ئادەم- چارۋا بىخەتەرلىكىگە، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قاتارلىقلارغا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدىغانلىقىنى ياكى چوڭراق خەۋپ- خەتىرى بارلىقىنى بايقىغاندا، گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقى دېھقانچىلىق دورىسىنى تىزىملاش- باھالاش كومىتېتىنى باھالاشقا تەشكىللىشى، باھالاش نەتىجىسىگە ئاساسەن مۇناسىپ دېھقانچىلىق دورىسى تىزىملاش گۇۋاھنامىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى، ئۆزگەرتىشى، زۆرۈر تېپىلغاندا ئىشلىتىشنى مەنئى قىلىش ياكى ئىشلىتىشكە چەك قويۇشنى قارار قىلىشى ھەمدە ئۇنى ئېلان قىلىشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر
ئالدىنقى بەت   【1】 【2】 【3】  كېيىنكى بەت