ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

دېھقانچىلىق دورىسىنى باشقۇرۇش نىزامى

(1997- يىل 5- ئاينىڭ 8- كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنىنىڭ 216- نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىنغان، 2001- يىل 11- ئاينىڭ 29- كۈنى «گوۋۇيۈەننىڭ <دېھقانچىلىق دورىسىنى باشقۇرۇش نىزامى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلگەن، 2017- يىل 2- ئاينىڭ 8- كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ 164- قېتىملىق دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا ئۆزگەرتىلىپ ماقۇللاندى)

2018.04.18 12:28 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنىنىڭ پەرمانى
        677- نومۇرلۇق

  «دېھقانچىلىق دورىسىنى باشقۇرۇش نىزامى» 2017- يىل 2- ئاينىڭ 8- كۈنى گوۋۇيۈەن دائىمىي كېڭىشىنىڭ 164- يىغىنىدا ئۆزگەرتىلىپ ماقۇللاندى، ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى «دېھقانچىلىق دورىسىنى باشقۇرۇش نىزامى» ھازىر ئېلان قىلىندى، 2017- يىل 6- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

         زۇڭلى لى كېچياڭ
      2017- يىل 3- ئاينىڭ 16- كۈنى

    مۇندەرىجە
  1- باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
  2- باب دېھقانچىلىق دورىسىنى تىزىملاش
  3- باب دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىش
  4- باب دېھقانچىلىق دورىسى تىجارىتى
  5- باب دېھقانچىلىق دورىسىنى ئىشلىتىش
  6- باب نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش
  7- باب قانۇن جاۋابكارلىقى
  8- باب قوشۇمچە پىرىنسىپ


    1- باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

  1- ماددا بۇ نىزام دېھقانچىلىق دورىسىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ۋە ئادەم- چارۋا بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

  2- ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان دېھقانچىلىق دورىسى دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىققا خەۋپ يەتكۈزىدىغان كېسەل، ھاشارات، ئوت- چۆپ، چاشقان ۋە باشقا زىيانلىق جانلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش، شۇنىڭدەك ئۆسۈملۈك، ھاشاراتنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى مەقسەتلىك تەڭشەشكە ئىشلىتىدىغان خىمىيەلىك بىرىكمە ياكى جانلىقلار، باشقا تەبىئىي ماددىلارنىڭ بىر ياكى بىر قانچە خىلىدىن ئېلىنغان بىرىكمە ۋە ئۇنىڭ ياسالمىسىنى كۆرسىتىدۇ.

  ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن دېھقانچىلىق دورىسى ئوخشاش بولمىغان مەقسەت، ئورۇندا ئىشلىتىلىدىغان تۆۋەندىكى دېھقانچىلىق دورىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

  (1) دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىققا زىيان يەتكۈزىدىغان كېسەل، ھاشارات (جۈملىدىن ھاشارات، سالجا، كانا)، ئوت- چۆپ، چاشقان، يۇمشاق تەنلىك ھايۋان ۋە باشقا زىيانلىق جانلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇلارنى تىزگىنلەشكە ئىشلىتىلىدىغان دېھقانچىلىق دورىسى؛

  (2) ئامبار شۇنىڭدەك پىششىقلاش ئورۇنلىرىدىكى كېسەل، ھاشارات، چاشقان ۋە باشقا زىيانلىق جانلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇلارنى تىزگىنلەشكە ئىشلىتىلىدىغان دېھقانچىلىق دورىسى؛

  (3) ئۆسۈملۈك، ھاشاراتنىڭ ئۆسۈشىنى تەڭشەشكە ئىشلىتىلىدىغان دېھقانچىلىق دورىسى؛

  (4) دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى چىرىشتىن ساقلاش ياكى يېڭى پېتى ساقلاشقا ئىشلىتىلىدىغان دېھقانچىلىق دورىسى؛

  (5) پاشا، چىۋىن، سۈۋەرەك، چاشقان ۋە باشقا زىيانلىق جانلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇلارنى تىزگىنلەشكە ئىشلىتىلىدىغان دېھقانچىلىق دورىسى؛

  (6) دەريا توسمىسى، تۆمۈريول، پىرېستان، ئايرودۇرۇم، ئىمارەت ۋە باشقا ئورۇنلارغا زىيان يەتكۈزىدىغان زىيانلىق جانلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇلارنى تىزگىنلەشكە ئىشلىتىلىدىغان دېھقانچىلىق دورىسى.

  3- ماددا گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ دېھقانچىلىق دورىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ دېھقانچىلىق دورىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى دېھقانچىلىق دورىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا دائىر خىزمەتلەرگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.

  4- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دېھقانچىلىق دورىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، دېھقانچىلىق دورىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىراجىتىنى شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خامچوتىغا كىرگۈزۈپ، دېھقانچىلىق دورىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئىشلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  5- ماددا دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى، دېھقانچىلىق دورىسى تىجارەتچىلىرى ئۆزى ئىشلەپچىقارغان، تىجارەت قىلغان دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئۈنۈملۈكلۈكىگە جاۋابكار بولۇشى، ھۆكۈمەتنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى ۋە جەمئىيەتنىڭ نازارەت قىلىشىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى كېرەك.

  دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى، دېھقانچىلىق دورىسى تىجارەتچىلىرى ساھە تەلەپچانلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشى كېرەك.

  6- ماددا دۆلەت بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئەرزان دېھقانچىلىق دورىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىشلىتىشكە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ، دېھقانچىلىق دورىسىنى كەسىپلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش، دېھقانچىلىق دورىسى كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  دېھقانچىلىق دورىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساش، كېڭەيتىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمەتلىرىدە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ئورۇن ۋە شەخسلەر دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تەقدىرلىنىدۇ ياكى مۇكاپاتلىنىدۇ.

    2- باب دېھقانچىلىق دورىسىنى تىزىملاش

  7- ماددا دۆلەت دېھقانچىلىق دورىسىنى تىزىملاش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى، جۇڭگوغا دېھقانچىلىق دورىسى ئېكسپورت قىلىدىغان كارخانىلار مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە دېھقانچىلىق دورىسىنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك، يېڭى دېھقانچىلىق دورىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياسىغۇچىلار مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە دېھقانچىلىق دورىسىنى تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

  گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقىنىڭ دېھقانچىلىق دورىسىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمىتىگە مەسئۇل ئاپپاراتى دېھقانچىلىق دورىسىنى تىزىملاش كونكرېت خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقىنىڭ دېھقانچىلىق دورىسىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمىتىگە مەسئۇل ئاپپاراتى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ دېھقانچىلىق دورىسىنى تىزىملاش كونكرېت خىزمەتلىرىنى ئىشلىشىگە ياردەملىشىدۇ.

  8- ماددا گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقى دېھقانچىلىق دورىسىنى تىزىملاش- باھالاش كومىتېتى قۇرۇپ، دېھقانچىلىق دورىسىنى تىزىملاش- باھالاشقا مەسئۇل قىلىدۇ.

  دېھقانچىلىق دورىسىنى تىزىملاش- باھالاش كومىتېتى تۆۋەندىكى خادىملاردىن تەركىب تاپىدۇ:

  (1) گوۋۇيۈەننىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، سەھىيە، مۇھىت ئاسراش، ئاشلىق، سانائەت ساھە باشقۇرۇش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە تەمىنات- سودا باش كوپىراتىپى ئورۇنلىرى قاتارلىق ئورۇنلار تەۋسىيە قىلغان دېھقانچىلىق دورا مەھسۇلاتلىرىنىڭ خىمىيەلىك ئۆلچىمى، دورا ئۈنۈمى ئۆلچىمى، زەھەر ئۆلچىمى، قالدۇق ئۆلچىمى، مۇھىت ئۆلچىمى، سۈپەت ئۆلچىمىنى بېكىتىش ۋە تەكشۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇتەخەسسىسلەر؛

  (2) دۆلەت يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ- خەتىرىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلىرى؛

  (3) گوۋۇيۈەننىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، سەھىيە، مۇھىت ئاسراش، ئاشلىق، سانائەت ساھە باشقۇرۇش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە تەمىنات- سودا باش كوپىراتىپى ئورۇنلىرى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرى.

  دېھقانچىلىق دورىسىنى تىزىملاش- باھالاش قائىدىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقى چىقىرىدۇ.

  9- ماددا دېھقانچىلىق دورىسىنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار تىزىملىتىپ سىناق قىلدۇرۇشى كېرەك.

  دېھقانچىلىق دورىسىنى تىزىملىتىپ سىناق قىلدۇرۇشنى شۇ جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.

  يېڭى دېھقانچىلىق دورىسىنى تىزىملىتىپ سىناق قىلدۇرۇشنى گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىش كېرەك. گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقى ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ 40 ئىش كۈنى ئىچىدە سىناقنىڭ بىخەتەرلىك خەۋپ- خەتىرى ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى تەكشۈرۈپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرىنى تىزىملاپ سىناق قىلىشقا رۇخسەت قىلىشى؛ شەرتكە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىرىنىڭ ئىلتىماس قىلغۇچىسىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەمدە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

  10- ماددا تىزىملاپ سىناق قىلدۇرۇشنى گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقى بېكىتكەن تىزىملاپ سىناق قىلغۇچى ئورۇن گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئىشلەيدۇ.

  تەركىبى، ئىشلىتىش دائىرىسى ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلى جۇڭگو دېھقانچىلىق دورىسى تىزىملىكىدىكىسى بىلەن ئوخشاش بولغان دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ قالدۇق سىنىقى ۋە مۇھىت سىنىقى قىلىنمىسىمۇ بولىدۇ، لېكىن، جۇڭگو دېھقانچىلىق دورىسى تىزىملىكىدىكى دېھقانچىلىق دورىلىرىدىن مۇشۇ نىزامنىڭ 15- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تىزىملىتىش ماتېرىيالىنى قوغداش مۇددىتى ئىچىدە بولغانلىرىدا، دېھقانچىلىق دورىسىنى تىزىملىتىش گۇۋاھنامىسى ئىگىدارىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك.

  تىزىملاپ سىناق قىلغۇچى ئورۇن تىزىملاپ سىناق قىلىش دوكلاتىنىڭ چىنلىقىغا جاۋابكار بولۇشى كېرەك.

  11- ماددا تىزىملاپ سىناق قىلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىلتىماس قىلغۇچى شۇ جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقىغا دېھقانچىلىق دورىسىنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىشى ھەمدە تىزىملاپ سىناق قىلىش دوكلاتى، يارلىق نۇسخىسى، دېھقانچىلىق دورا مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت ئۆلچىمى ۋە تەكشۈرۈش ئۇسۇلى قاتارلىق ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇشى كېرەك؛ يېڭى دېھقانچىلىق دورىسىنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ ئۆلچەملىك ئەۋرىشكىسى بېرىشى كېرەك.

  ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقى ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ 20 ئىش كۈنى ئىچىدە دەسلەپكى تەكشۈرۈش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقىغا يوللىشى كېرەك.

  جۇڭگوغا دېھقانچىلىق دورىسى ئېكسپورت قىلىدىغان كارخانىلاردىن دېھقانچىلىق دورىسىنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىدىغانلىرى مۇشۇ ماددىنىڭ 1- تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ماتېرىياللار، دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ ئۆلچەملىك ئەۋرىشكىسى ۋە ئالاقىدار دۆلەت (رايون)تە تىزىمغا ئالدۇرغانلىق، ئىشلەتكەنلىك ئىسپات ماتېرىياللىرىنى ئېلىپ، گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

  12- ماددا گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقى ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقى يوللىغان ئىلتىماس ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، تەكشۈرۈش ۋە تىزىملاش- باھالاشقا تەشكىللىشى ھەمدە باھالاش پىكرىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 20 ئىش كۈنى ئىچىدە تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىق قارارى چىقىرىشى، شەرتكە توشىدىغانلىرىغا دېھقانچىلىق دورىسىنى تىزىملاش گۇۋاھنامىسى بېرىشى؛ شەرتكە توشمايدىغانلىرىنىڭ ئىلتىماس قىلغۇچىسىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەمدە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

  13- ماددا دېھقانچىلىق دورىسىنى تىزىملاش گۇۋاھنامىسىگە دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ نامى، دورا تىپى، ئۈنۈملۈك تەركىبى ۋە مىقدارى، زەھىرى، ئىشلىتىش دائىرىسى، ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە مىقدارى، تىزىملاش گۇۋاھنامىسى ئىگىدارى، گۇۋاھنامە نومۇرى ۋە كۈچكە ئىگە مۇددىتى قاتارلىقلار ئېنىق يېزىلىشى كېرەك.

  دېھقانچىلىق دورىسىنى تىزىملاش گۇۋاھنامىسىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى 5 يىل بولىدۇ. كۈچكە ئىگە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، دېھقانچىلىق دورىسىنى داۋاملىق ئىشلەپچىقىرىشقا ياكى دېھقانچىلىق دورىسىنى جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىشقا توغرا كەلسە، دېھقانچىلىق دورىسىنى تىزىملاش گۇۋاھنامىسى ئىگىدارى گۇۋاھنامىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى توشۇشتىن 90 كۈن بۇرۇن گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقىغا مۇددەت ئۇزارتىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

  دېھقانچىلىق دورىسىنى تىزىملاش گۇۋاھنامىسىدە يېزىلغان ئىشلاردا ئۆزگىرىش بولسا، دېھقانچىلىق دورىسىنى تىزىملاش گۇۋاھنامىسىنىڭ ئىگىدارى گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، دېھقانچىلىق دورىسىنى تىزىملاش گۇۋاھنامىسىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

  گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقى دېھقانچىلىق دورىسىنى تىزىملاش گۇۋاھنامىسى بېرىش، مۇددەت ئۇزارتىش، ئۆزگەرتىش ئەھۋالى، شۇنىڭدەك ئالاقىدار دېھقانچىلىق دورا مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت ئۆلچىمى نومۇرى، قالدۇق چېكى بەلگىلىمىسى، تەكشۈرۈش ئۇسۇلى، تەكشۈرۈپ تەستىقلانغان يارلىق قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك.

  14- ماددا يېڭى دېھقانچىلىق دورىسىنى تەتقىق قىلىپ ياسىغانلار ئۆزى تىزىملاتقان يېڭى دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ تىزىملاش ماتېرىياللىرىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولىدۇ؛ دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ئۆزى تىزىملاتقان دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ تىزىملاش ماتېرىيالىنى مۇناسىپ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىغا ئۆتۈنۈپ بەرسە بولىدۇ.

  15- ماددا تۇنجى قېتىم تىزىملىتىلغان، تەركىبىدە يېڭى خىمىيەلىك بىرىكمە بار، ئۆزى ئېرىشكەن يەنە كېلىپ ئاشكارىلىمىغان سانلىق مەلۇمات ۋە باشقا سانلىق مەلۇماتلارنى دۆلەت قوغدايدۇ.

  تىزىملاتقان كۈندىن باشلاپ 6 يىل ئىچىدە، باشقا ئىلتىماس قىلغۇچىلار تىزىملاتقان ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن سانلىق مەلۇماتلاردىن پايدىلىنىپ دېھقانچىلىق دورىسى تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلسا، تىزىملىغۇچى ئورگان تىزىملىمايدۇ؛ لېكىن باشقا ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن ئۆزى تاپشۇرغان سانلىق مەلۇمات بۇنىڭ سىرتىدا.

  تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، تىزىملىغۇچى ئورگان بۇ ماددىنىڭ 1- تارمىقىدا بەلگىلەنگەن سانلىق مەلۇماتلارنى ئاشكارىلىسا بولمايدۇ:

  (1) جامائەت مەنپەئىتىگە ئېھتىياجلىق بولسا؛

  (2) تەدبىر قوللىنىپ شۇ خىلدىكى ئۇچۇرلارنىڭ ناتوغرا سودا ئىشلىرىغا ئىشلىتىلمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلغان بولسا.

    3- باب دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىش

  16- ماددا دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىش دۆلەتنىڭ كەسىپ سىياسىتىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك. دۆلەت دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ ئىلغار تېخنىكا ۋە ئىلغار باشقۇرۇش قائىدىسىنى قوللىنىپ، دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

  17- ماددا دۆلەت دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتى تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقىغا دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك:

  (1) دېھقانچىلىق دورىسىنى ئىلتىماس قىلىپ ئىشلەپچىقىرىشقا لايىق تېخنىك خادىمى بولۇش؛

  (2) دېھقانچىلىق دورىسىنى ئىلتىماس قىلىپ ئىشلەپچىقىرىشقا لايىق زاۋۇت ئۆيى، ئەسلىھەسى بولۇش؛

  (3) ئىلتىماس قىلىپ ئىشلەپچىقىرىدىغان دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ سۈپىتىنى باشقۇرىدىغان ۋە تەكشۈرىدىغان خادىمى، ئۈسكۈنىسى ۋە ئەسلىھەسى بولۇش؛

  (4) ئىلتىماس قىلىپ ئىشلەپچىقىرىدىغان دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان قائىدە- تۈزۈملىرى بولۇش؛

  ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 20 ئىش كۈنى ئىچىدە تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىق قارارى چىقىرىشى، زۆرۈر بولغاندا نەق مەيداننى تەكشۈرۈشى كېرەك. شەرتكە توشىدىغانلىرىغا دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بېرىشى؛ شەرتكە توشمايدىغانلىرىنىڭ ئىلتىماس قىلغۇچىسىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەمدە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

  بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، مۇھىت ئاسراشقا دائىر قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى ھەققىدە باشقا بەلگىلىمە بولسا، دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى شۇ بەلگىلىمىگىمۇ ئەمەل قىلىشى كېرەك.

  18- ماددا دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىگە دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىنىڭ نامى، تۇرۇشلۇق ئورنى، قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى (مەسئۇلى)، ئىشلەپچىقىرىش دائىرىسى، ئىشلەپچىقىرىش ئادرېسى ھەمدە كۈچكە ئىگە مۇددىتى قاتارلىقلار ئېنىق يېزىلىشى كېرەك.

  دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى 5 يىل بولىدۇ. كۈچكە ئىگە مۇددىتى توشۇپ، دېھقانچىلىق دورىسىنى داۋاملىق ئىشلەپچىقىرىشقا توغرا كەلسە، دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى كۈچكە ئىگە مۇددەت توشۇشتىن 90 كۈن بۇرۇن ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقىغا مۇددەتنى ئۇزارتىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

  دېھقانچىلىق دورىسىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىگە ئېنىق يېزىلغان ئىشلاردا ئۆزگىرىش بولسا، دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

  19- ماددا دېھقانچىلىق دورىسىنى پىششىقلاش، بۆلۈپ قاچىلاشنى ھاۋالە قىلىشتا، ھاۋالە قىلغۇچى مۇناسىپ دېھقانچىلىق دورىسى تىزىملاش گۇۋاھنامىسى ئېلىشى، ھاۋالە قىلىنغۇچى دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ئېلىشى كېرەك.

  ھاۋالە قىلغۇچى پىششىقلاش، بۆلۈپ قاچىلاشقا ھاۋالە قىلغان دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ سۈپىتىگە جاۋابكار بولۇشى كېرەك.

  20- ماددا دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى خام ئەشيا- ماتېرىيال سېتىۋالغاندا، مەھسۇلاتنىڭ سۈپەت تەكشۈرۈش لاياقەتنامىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئىجازەت ئىسپات ھۆججىتىنى تەكشۈرۈشى كېرەك، مەھسۇلاتنىڭ سۈپەت تەكشۈرۈش لاياقەتنامىسىنى قانۇن بويىچە قوشۇپ قويمىغان، قانۇنلۇق ئىجازەت ئىسپات ھۆججىتى ئالمىغان خام ئەشيا- ماتېرىياللارنى سېتىۋالسا، ئىشلەتسە بولمايدۇ.

  دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى خام ئەشيا- ماتېرىيال كىرگۈزۈشتە خاتىرىلەش تۈزۈمى ئورنىتىشى، خام ئەشيا- ماتېرىيال نامى، ئالاقىدار ئىجازەت ئىسپات ھۆججىتى نومۇرى، ئۆلچىمى، مىقدارى، مال يەتكۈزۈپ بەرگۈچىنىڭ ئىسمى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى، مال كىرگۈزگەن ۋاقتى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئەينەن خاتىرىلىشى كېرەك. خام ئەشيا- ماتېرىيال كىرگۈزۈش خاتىرىسىنى 2 يىلدىن ئارتۇق ساقلاش كېرەك.

  21- ماددا دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى مەھسۇلاتنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ ئىشلەپچىقىرىشى، دېھقانچىلىق دورا مەھسۇلاتىنىڭ تىزىملاتقان دېھقانچىلىق دورىسى بىلەن بىردەك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. زاۋۇتتىن چىقىرىپ سېتىلىدىغان دېھقانچىلىق دورىسى سۈپەت تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولۇشى ھەمدە ئۇنىڭغا مەھسۇلاتنىڭ سۈپەت تەكشۈرۈش لاياقەتنامىسى قوشۇپ قويۇلغان بولۇشى كېرەك.

  دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى دېھقانچىلىق دورىسىنى زاۋۇتتىن چىقىرىپ سېتىشنى خاتىرىلەش تۈزۈمى ئورنىتىشى، دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ نامى، ئۆلچىمى، مىقدارى، ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتى ۋە تەستىق نومۇرى، مەھسۇلات سۈپىتىنى تەكشۈرۈش ئۇچۇرى، مال سېتىۋالغۇچىنىڭ ئىسمى ۋە ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى، سېتىلغان ۋاقىت قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئەينەن خاتىرىلىشى كېرەك. دېھقانچىلىق دورىسىنى زاۋۇتتىن چىقىرىپ سېتىش خاتىرىسىنى 2 يىلدىن ئارتۇق ساقلاش كېرەك.

  22- ماددا دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ ئورۇسى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن بولۇشى ھەمدە بېسىلغان ياكى چاپلانغان يارلىقى بولۇشى كېرەك. دۆلەت دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ يىغىۋالغىلى بولىدىغان دېھقانچىلىق دورىسى ئورام ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتىشىگە ئىلھام بېرىدۇ.

  دېھقانچىلىق دورىسى يارلىقىغا گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ نامى، تىپى، ئۈنۈملۈك تەركىبى ۋە ئۇنىڭ مىقدارى، زەھىرى ۋە ئۇنىڭ بەلگىسى، ئىشلىتىش دائىرىسى، ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە مىقدارى، ئىشلىتىش تېخنىكا تەلىپى ۋە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار، ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتى، سۈرۈشتۈرگىلى بولىدىغان ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر كودى قاتارلىق مەزمۇنلار جۇڭگو يېزىقىدا يېزىلىشى كېرەك. ئۆتكۈر زەھەرلىك، يۇقىرى زەھەرلىك دېھقانچىلىق دورىسى، شۇنىڭدەك ئىشلىتىش تېخنىكا تەلىپى قاتتىق بولغان باشقا دېھقانچىلىق دورىسى قاتارلىق ئىشلىتىشكە چەك قويۇلغان دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ يارلىقىغا يەنە «ئىشلىتىشكە چەك قويۇلىدۇ» دەپ يېزىلىشى ھەمدە ئىشلىتىشكە قويۇلغان ئالاھىدە چەك ۋە ئالاھىدە تەلەپ ئېنىق ئەسكەرتىپ قويۇلۇشى كېرەك. يېمەكلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىغا ئىشلىتىلىدىغان دېھقانچىلىق دورىسى يارلىقىغا يەنە بىخەتەر ئارىلىق مەزگىلى ئەسكەرتىپ قويۇلۇشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر
【1】 【2】 【3】  كېيىنكى بەت