ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەشكىلىي ئاپپارات كودىنى باشقۇرۇش چارىسى» قاتارلىق 15 تۈرلۈك ھۆكۈمەت نىزامىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى قارار

2018.03.29 17:14 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پەرمانى

  209- نومۇرلۇق

  «<شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەشكىلىي ئاپپارات كودىنى باشقۇرۇش چارىسى> قاتارلىق 15 تۈرلۈك ھۆكۈمەت نىزامىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى قارار» 2018- يىل 2- ئاينىڭ 22- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 3- قېتىملىق دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا ماقۇللاندى، ئۇنى ئېلان قىلدۇق.

  ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 

  2018- يىل 2- ئاينىڭ 24- كۈنى


  قانۇنچىلىقنىڭ بىرلىكىنى قوغداش، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ئىسلاھاتىنى قانۇن بويىچە تىزلىتىش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەشكىلىي ئاپپارات كودىنى باشقۇرۇش چارىسى» قاتارلىق 15تۈرلۈك ھۆكۈمەت نىزامىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلدى (تەپسىلاتىنى قوشۇمچە ھۆججەتتىن كۆرۈڭ).

  بۇ قارار ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  قوشۇمچە: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلغان 15 تۈرلۈك ھۆكۈمەت نىزامى

  قوشۇمچە:

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلغان 15 تۈرلۈك ھۆكۈمەت نىزامى

  1. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەشكىلىي ئاپپارات كودىنى باشقۇرۇش چارىسى( 2002 - يىل 5 - ئاينىڭ 20- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 103- نومۇرلۇق پەرمانى ئارقىلىق ئېلان قىلىنغان)

  2. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «ھەربىي مەجبۇرىيەتتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىزامى»نى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى (1989 - يىل 2- ئاينىڭ 13- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 5- نومۇرلۇق پەرمانى ئارقىلىق ئېلان قىلىنغان)

  3. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنى باشقۇرۇش چارىسى»نى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى بىرقانچە بەلگىلىمىسى (1995- يىل 8- ئاينىڭ 24- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 53- نومۇرلۇق پەرمانى ئارقىلىق ئېلان قىلىنغان، 2010- يىل 12- ئاينىڭ 13- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 165- نومۇرلۇق پەرمانىغا ئاساسەن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن)

  4. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەۋەرلىشىش لىنىيەسىنى قوغداش چارىسى (1989- يىل 12- ئاينىڭ 31- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 12- نومۇرلۇق پەرمانى ئارقىلىق ئېلان قىلىنغان)

  5. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى مۇستەقىل تەتقىقات ئورنى باشلىقلىرى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش چارىسى (1991- يىل 8- ئاينىڭ 6- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 23- نومۇرلۇق پەرمانى ئارقىلىق ئېلان قىلىنغان)

  6. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نېفىت چارلاش- ئېچىش بويىچە مۇھىت باشقۇرۇش چارىسى (1995- يىل 3 - ئاينىڭ 1- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 50- نومۇرلۇق پەرمانى ئارقىلىق ئېلان قىلىنغان)

  7. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «يەم- خەشەك ۋە يەم- خەشەك خۇرۇچلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى»نى يولغا قويۇش چارىسى (2001- يىل 3- ئاينىڭ 12- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 50- نومۇرلۇق پەرمانى ئارقىلىق ئېلان قىلىنغان، 2002- يىل 5- ئاينىڭ 22- كۈنى ھۆكۈمەتنىڭ 104- نومۇرلۇق پەرمانىغا ئاساسەن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن؛ 2004- يىل 6- ئاينىڭ 29- كۈنى ھۆكۈمەتنىڭ 122- نومۇرلۇق پەرمانىغا ئاساسەن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن؛ 2008- يىل 4- ئاينىڭ 10- كۈنى ھۆكۈمەتنىڭ 153- نومۇرلۇق پەرمانىغا ئاساسەن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن)

  8. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شەھەرلەردە يۇندى چىقىرىشنى باشقۇرۇش چارىسى (2003- يىل 7- ئاينىڭ 3- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 112- نومۇرلۇق پەرمانى)

  9. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شەھەرلەرنىڭ ئاممىۋى تازىلىقىنى باشقۇرۇش چارىسى ( 1990- يىل 8- ئاينىڭ 27- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 14- نومۇرلۇق پەرمانى ئارقىلىق ئېلان قىلىنغان، 1997- يىل 11- ئاينىڭ 20- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ش ھ [1997] 97- نومۇرلۇق ھۆججىتىگە ئاساسەن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن)

  10. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يەرلىك خامچوت ئىجراسىنى تەپتىشلەش ۋە نازارەت قىلىشنى يولغا قويۇش چارىسى(1995- يىل 12- ئاينىڭ 1- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 54- نومۇرلۇق پەرمانى)

  11. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ۋاقىتلىق نوپۇسلارنى ئامانلىق قوغداش بويىچە باشقۇرۇش چارىسى (1997- يىل 1- ئاينىڭ 23- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 68- نومۇرلۇق پەرمانى ئارقىلىق ئېلان قىلىنغان، 2004- يىل 10- ئاينىڭ 11- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 125- نومۇرلۇق پەرمانىغا ئاساسەن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن؛ 2008- يىل 4- ئاينىڭ 10- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 153- نومۇرلۇق پەرمانىغا ئاساسەن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن؛ 2010- يىل 12- ئاينىڭ 13- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 165- نومۇرلۇق پەرمانىغا ئاساسەن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن)

  12. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئامانلىق ساقلاش مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش چارىسى (2004- يىل 5- ئاينىڭ 14- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 121- نومۇرلۇق پەرمانى ئارقىلىق ئېلان قىلىنغان)

  13. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىستاتىستىكا خىزمىتى بويىچە تىزىملاشنى باشقۇرۇش چارىسى (1995- يىل 5- ئاينىڭ 8- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 51- نومۇرلۇق پەرمانى ئارقىلىق ئېلان قىلىنغان)

  14. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خامچوت سىرتىدىكى مەبلەغنى باشقۇرۇش چارىسى (1994- يىل 2 - ئاينىڭ 25- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 86- نومۇرلۇق پەرمانى ئارقىلىق ئېلان قىلىنغان)

  15. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇشى بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى بىرتۇتاش غەملەش، باشقۇرۇش چارىسى (2012- يىل 12- ئاينىڭ 19- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 180- نومۇرلۇق پەرمانى ئارقىلىق ئېلان قىلىنغان)
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل