ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بوران، قارا يامغۇر، قېلىن قار ھاۋارايى ئاپەتلىرىدىن مۇداپىئەلىنىش چارىسى

2018.03.29 17:06 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

   شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پەرمانى

   208- نومۇرلۇق

  «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بوران، قارا يامغۇر، قېلىن قار ھاۋارايى ئاپەتلىرىدىن مۇداپىئەلىنىش چارىسى» 2018- يىل 2- ئاينىڭ 1- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 1- قېتىملىق دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللاندى، ئۇنى تارقاتتۇق، 2018- يىل 4- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

  ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر

  2018- يىل 2- ئاينىڭ 24- كۈنى


  1- باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

  1- ماددا بۇ چارە قارا يامغۇر، قېلىن قار قاتارلىق ھاۋارايى ئاپەتلىرىدىن مۇداپىئەلىنىشنى كۈچەيتىش، ھاۋارايى ئاپىتىنىڭ زىيىنىدىن ساقلىنىش ۋە ئۇنى ئازايتىش، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەننىڭ «ھاۋارايى ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش نىزامى» ۋە ئالاقىدار قانۇن- نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

  2- ماددا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدە قانات يايدۇرۇلغان بوران، قارا يامغۇر، قېلىن قار قاتارلىق ھاۋارايى ئاپەتلىرىدىن مۇداپىئەلىنىشكە دائىر خىزمەتلەردە مۇشۇ چارە تەتبىقلىنىدۇ.

  3- ماددا بۇ چارىدە دېيىلگەن بوران، قارا يامغۇر، قېلىن قار قاتارلىق ھاۋارايى ئاپەتلىرى بوران، قارا يامغۇر، قېلىن قار سەۋەبىدىن ئادەم ئۆلۈش- يارىلىنىش، مال- مۈلۈك زىيانغا ئۇچراش كېلىپ چىققان ياكى كېلىپ چىقىش مۇمكىنچىلىكى بولغان ۋە ياكى جامائەت بىخەتەرلىكى، جامائەت تەرتىپىگە تەسىر يەتكۈزگەن زور ھاۋارايى ھادىسىلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

  4- ماددا بوران، قارا يامغۇر، قېلىن قار (تۆۋەندە قىسقارتىپ ناچار ھاۋارايى دېيىلىدۇ) ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىشتە ئادەمنى ئاساس قىلىش، ئالدىنى ئېلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، ئالدىنى ئېلىش بىلەن داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىدىغان، تارماقلار تەڭ ھەرىكەت قىلىدىغان، جەمئىيەت قاتنىشىدىغان، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش پىرىنسىپىنى يولغا قويۇش كېرەك.

  5- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ناچار ھاۋارايى ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىشتىكى تەشكىللەش، رەھبەرلىك قىلىش ۋە ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ، ناچار ھاۋارايى ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش، ئۇچۇردىن تەڭ پايدىلىنىش مېخانىزمى ۋە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ.

  ناچار ھاۋارايى ئاپىتى ئاسان يۈز بېرىدىغان رايونلاردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالاقىدار تارماقلارنى تەشكىللەپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش بىرلەشمە يىغىن تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئاپەتكە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر خىل ئاپەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى ۋە بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى ھەم ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

  6- ماددا ناھىيە (شەھەر)دىن يۇقىرى مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى شۇ مەمۇرىي رايوندىكى ناچار ھاۋارايى ئاپىتىنى كۆزىتىش، مەلۇمات بېرىش، ئاگاھلاندۇرۇش، خەۋپ- خەتەرنى باھالاش قاتارلىق مۇداپىئەلىنىش خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولىدۇ.

  قاتناش- تىرانسپورت (تاشيول، تۆمۈريول، خەلق ئاۋىياتسىيەسى)، زېمىن بايلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، جامائەت خەۋپسىزلىكى (ئوت ئۆچۈرۈش)، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش، خەلق ئىشلىرى، خەۋەرلىشىش، رادىيو- تېلېۋىزىيە، ساياھەت، مائارىپ، ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، سۇچىلىق، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، كۆمۈرچىلىك قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار ئىش تەقسىماتى بويىچە ناچار ھاۋارايى ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان ئاپەت ئۇچۇرلىرىدىن تەڭ پايدىلىنىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىدە ماسلىشىپ تەڭ ھەرىكەتكە كېلىشنى كۈچەيتىپ، ناچار ھاۋارايى ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمەتلىرىنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

  7- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئالاقىدار تارماقلارنى تەشكىللەپ، شۇ مەمۇرىي رايوندا يۈز بەرگەن ناچار ھاۋارايى ئاپىتىنىڭ قېتىم سانى، كۈچلۈكلۈكى، پەيدا قىلغان زىيىنى ۋە ئاپەتنىڭ سەۋەبى، خاراكتېرى، تەسىرى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ، تەھلىل قىلىپ ۋە باھالاپ، ئاپەتكە ئائىت سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇپ چىقىشى ھەم ئاپەتنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ۋە باھالاش نەتىجىسىگە ئاساسەن، ناچار ھاۋارايى ئاپىتىنىڭ خەۋپ- خەتەر دائىرىسىنى بېكىتىپ، مۇناسىپ مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ چىقىشى كېرەك.

  8- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ناچار ھاۋارايى ئاپىتىنىڭ خەۋپ- خەتەر دائىرىسىدە، كىلىمات شارائىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك شەھەر- يېزا تەرەققىيات يىرىك پىلانى، نۇقتىلىق ساھە ياكى رايوننىڭ تەرەققىيات قۇرۇلۇشى پىلانى، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى يولغا قويغاندا، چوڭ- چوڭ ئۇل ئەسلىھەلەرقۇرۇلۇشى، رايون ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، شۇنداقلا قۇياش ئېنېرگىيەسى، شامال ئېنېرگىيەسى قاتارلىق كىلىمات بايلىقىنى ئېچىش، پايدىلىنىش تۈرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى خىزمەتلىرىنى قوزغاتقاندا، كىلىماتنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى دەلىللەپ، ناچار ھاۋارايىنىڭ تەسىرىدىن ساقلىنىشى ۋە ئۇنى ئازايتىشى كېرەك.

  9- ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ئالاقىدار تارماقلار ۋە تاراتقۇلار تۈرلۈك ئۇسۇل قوللىنىپ، جەمئىيەتكە ناچار ھاۋارايى ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ئومۇملاشتۇرۇپ، ئاۋامنىڭ ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  2- باب ئالدىنى ئېلىش ۋە ئاگاھلاندۇرۇش

  ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش، تارقىتىش


  10- ماددا ناچار ھاۋارايى ئاپىتىدە بوراننىڭ بال سانى، قارا يامغۇر ۋە قېلىن قارنىڭ كۈچلۈكلۈكى ھەم داۋاملىشىش ۋاقتى ھەم پەيدا قىلىش مۇمكىنچىلىكى بولغان زىيان دەرىجىسىگە ئاساسەن تەرتىپ بويىچە كۆك، سېرىق، قىزغۇچ سېرىق، قىزىل رەڭلىك تۆت دەرىجە بويىچە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ، ئاپەتتىن ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى دەرىجىمۇدەرىجە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.

  11- ماددا ناچار ھاۋارايى ئاپىتى ئاسان يۈز بېرىدىغان رايونلاردىكى كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلار، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىشنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئاپەتنىڭ خەۋپ- خەتىرىدىن ئۈنۈملۈك ساقلىنىشى كېرەك.

  12- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ زېمىن بايلىقى تارماقلىرى مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى بىلەن بىرلىكتە خەۋپ- خەتەردىن ئاگاھلاندۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى تەشكىللەپ، گېئولوگىيەلىك ئاپەتنىڭ يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈپ، چارلاش ۋە ئۆلچەپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، گېئولوگىيەلىك ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تۈزەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

  13- ماددا ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتىغا قاراشلىق ھاۋارايى ئىستانسىسىلىرى- پونكىتلىرى مەسئۇلىيىتى بويىچە جەمئىيەتكە ناچار ھاۋارايى گۈدۈكى ۋە ئاپەتتىن مەلۇمات سىگنالىنى، شۇنداقلا مۇداپىئەلىنىش قوللانمىسىنى بىر تۇتاش ئېلان قىلىشى ھەم شۇ جايدىكى ناھىيەلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋە بىر دەرىجە يۇقىرى مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتىغا دوكلات قىلىشى كېرەك.

  14- ماددا رادىيو- تېلېۋىزىيە، گېزىت، ئالاقە تورى قاتارلىق تاراتقۇلار ناچار ھاۋارايى گۈدۈكى ۋە ئاپەتتىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى ۋاقتىدا، توغرا تارقىتىشى كېرەك.

  ناچار ھاۋارايى ئاپىتىدىن قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ۋە قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىلگەن مەزگىلدە، رادىيو- تېلېۋىزىيە، ئالاقە تورى قاتارلىق تاراتقۇلار ۋە ئاساسىي تېلېگرافنى يۈرۈشتۈرگۈچى كارخانىلار بىۋاسىتە تارقىتىش، تەكرار قويۇش، ئۈندىدار، مىكروبىلوگ، توردا تەۋسىيە قىلىش ۋە يان تېلېفون قىسقا ئۇچۇرى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ناچار ھاۋارايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە مۇداپىئەلىنىش كۆرسەتمىسىنى تارقىتىپ، جامائەتنى مۇداپىئەلىنىش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىشقا ئەسكەرتىشى كېرەك.

  15- ماددا مەكتەپ، دوختۇرخانا، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى، تەنتەربىيە سارىيى، ئايرودۇرۇم، ئاپتوموبىل بېكىتى، ساياھەت مەنزىرە رايونى(نۇقتىسى) قاتارلىق ئادەم كۆپ يىغىلىدىغان سورۇنلار ۋە ناچار ھاۋارايىنىڭ تەسىرىگە ئاسان ئۇچرايدىغان ئورۇنلار ھاۋارايى ئاپىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرىنى قوبۇل قىلىش ۋە تارقىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

  يېزا- بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى، كەنت (ئاھالە) كومىتېتلىرى ئاپەتتىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا تارقىتىپ، ئاممىنىڭ ئاپەتتىن ساقلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ياردەم قىلىشى كېرەك.

  3- باب جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى

  16- ماددا ناچار ھاۋارايى گۈدۈكى ۋە ئاپەتتىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى كونكرېت ئەھۋالغا ئاساسەن مۇناسىپ دەرىجىدىكى جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى قوزغىتىشنى قارار قىلىپ، جىددىي ئاتلىنىش ھالىتىگە كىرىشى كېرەك.

  يېزا- بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى، كوچا باشقارمىلىرى، كەنت )ئاھالە( كومىتېتلىرى ئالاقىدار خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قارارى، بۇيرۇقىغا بىنائەن جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە تەشۋىق ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، مۇددەتتىن بۇرۇن ئالدىنى ئېلىش ۋە ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

  17- ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخس ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئېلان قىلغان قارارغا، بۇيرۇققا بويسۇنۇشى، پىتنە- ئىغۋا پەيدا قىلماسلىقى، تارقاتماسلىقى كېرەك.

  18- ماددا كان، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنلار، خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىدىغان، خەتەرلىك بۇيۇم تىجارىتى قىلىدىغان، ساقلايدىغان- توشۇيدىغان ۋە ئىشلىتىدىغان ئورۇنلار، شۇنىڭدەك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداشتىكى نۇقتىلىق ئورۇن قاتارلىقلار ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش سورۇنى، خەتەرلىك بۇيۇم بار ئىمارەت (قۇرۇلما)، نۇقتىلىق مەدەنىىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ئەتراپ مۇھىتىدىكى يوشۇرۇن خەۋپنى تەكشۈرۈپ چىقىپ، ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ، يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىپ، ناچار ھاۋارايىنىڭ ئاپەت پەيدا قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

  19- ماددا رادىيو- تېلېۋىزىيە، خەۋەرلىشىش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، سۇچىلىق، سۇ بىلەن تەمىنلەش ۋە سۇ چىقىرىۋېتىش، گاز بىلەن تەمىنلەش، شۇنىڭدەك تاشيول، تۆمۈريول، ئايرودۇرۇم قاتارلىق ئاممىۋى ئۇل ئەسلىھەلەرنى يۈرۈشتۈرىدىغان، ئاسرايدىغان ئورۇنلار ھاۋارايى ئىستانسىسىلىرى- پونكىتلىرى بەرگەن ناچار ھاۋارايى ھەققىدىكى گۈدۈك ۋە ئاپەتتىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىغا ئاساسەن، ئۈسكۈنە- ئەسلىھەلەرنى ئاسراش، خەتەرلىك ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ چىقىش ۋە خەتەردىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

  تاشيول، تۆمۈر يول، خەلق ئاۋىياتسىيەسى بىخەتەرلىك تېخنىكا ئۆلچەملىرى ۋە تېخنىكىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش تەلەپلىرىگە ئاساسەن، يۈرۈش پىلانى ۋە يولۇچى توشۇش قېتىمىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ، تۇرۇپ قالغان يولۇچىلارنى تارىتىپ، يۈرۈش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  20- ماددا ئادەم كۆپ يىغىلىدىغان سورۇنلار شۇ ئورۇندىكى جىددىي قۇتقۇزۇش ئەترىتى ۋە خىزمەتچىلەرنى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىشقا تەشكىللەپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان كىشىلەرنى ۋاقتىدا قۇتقۇزۇشى ھەم تەھدىتكە ئۇچرىغان كىشىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇشى، چېكىندۈرۈشى، ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.

  جامائەت ناچار ھاۋارايىنىڭ ئەھۋالىغا دىققەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىشى، ناچار ھاۋارايى ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونلارغا بېرىپ ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

  21- ماددا بوران ئاپىتى ئاسان يۈز بېرىدىغان رايونلاردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى (مەمۇرىي مەھكىمىلەر)، ئالاقىدار تارماقلار ئىھاتە ئورمىنى ۋە جىددىي پاناھلىنىش سورۇنلىرى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى كۈچەيتىشى، ئىمارەت (قۇرۇلما)لەرنىڭ بوراندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە خەتەردىن ساقلىنىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىشى كېرەك.

  22- ماددا بوران ئاپىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تۆۋەندىكى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش كېرەك؛ زۆرۈر تېپىلغاندا ئاپەت يۈز بەرگەن جايدىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى (مەمۇرىي مەھكىمىلەر) جەمئىيەتكە ئوتنى چەكلەش بۇيرۇقى چىقارسا بولىدۇ:

  1)كۆك، سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن ئاتلىنىش مەزگىلدە: تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى تارماقلىرى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ئۆي- ئىمارەت قۇرۇلۇشى ۋە شەھەر مەمۇرىيىتى ئىش مەيدانلىرىدىكى ۋاقىتلىق ئىمارەت (قۇرۇلما)لىرى، تالادىكى تەشۋىقات تاختىلىرى، باراڭ ۋە قۇرۇلۇش قورشاش تاختىلىرىدىكى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپلىرىنى تەكشۈرۈپ چىقىش خىزمىتىنى ياخشى قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، شامال ئاسان ئۇچۇرۇپ كېتىدىغان قۇرۇلۇشلارنى مۇستەھكەملىشى ياكى چۇۋۇپ تاشلىشى، خەتەرلىك ئۆيلەردىكى ئادەملەرنى يۆتكىۋېتىشى كېرەك؛ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئوت ئۆچۈرۈش بىخەتەرلىكى ھەققىدە ئەسكەرتىش بېرىشى؛ ئالاقىدار ئورۇنلار ئۈستى ئوچۇق جايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ تىپتىكى ئاممىۋى پائالىيەتلەرنى توختىتىشى؛ ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى (نۇقتىلىرى) ئېگىز بوشلۇقتىكى سەيلە - تاماشا تۈرلىرىنى ۋاقىتلىق توختىتىشى كېرەك.

  2) قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن ئاتلىنىش مەزگىلدە: قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنلار ئېگىز بوشلۇق ۋە تالا مەشغۇلاتىنى ۋاقىتلىق توختىتىشى؛ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا يۈرىدىغان ئاپتوموبىللارغا سۈرئەت چەكلەش تەدبىرى قوللىنىشى؛ ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى (نۇقتىلىرى) قوبۇل قىلىشنى توختىتىشى ھەم ساياھەتچىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇشى؛ دېھقانچىلىق تارماقلىرى دېھقانلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، يالتىراقلارنىڭ گىرۋەكلىرىنى ئوبدان كۆمۈشىگە، پارنىكلارنىڭ ئۈستىگە پاخال پالاس يېپىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى؛ ئورمانچىلىق تارماقلىرى مېۋىلىك باغدىكى باراڭلارنى مۇستەھكەملەشكە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

  3) قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن ئاتلىنىش مەزگىلدە: جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى بوراننىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان رايونلاردىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللارنى تاقىشى؛ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش، ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، كۆمۈرچىلىك قاتارلىق تارماقلار خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلارنىڭ ئەھۋالغا قاراپ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى كېمەيتىشىگە ياكى ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

  23- ماددا قارا يامغۇر ئاپىتى ئاسان يۈز بېرىدىغان رايونلاردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى (مەمۇرىي مەھكىمىلەر)، ئالاقىدار تارماقلار شۇ جاينىڭ يامغۇر ئەھۋالىغا ئاساسەن، ھەر خىل سۇ چىقىرىۋېتىش ئەسلىھەلىرىنى تەكشۈرۈشكە تەشكىللەپ ۋە قانات يايدۇرۇپ، دەريا ۋە سۇ چىقىرىۋېتىش تۇرۇبا تورلىرىنى ۋاقتىدا راۋانلاشتۇرۇشى، خەتەرلىك سۇ ئامبارلىرىنى مۇستەھكەملىشى، گېئولوگىيەلىك ئاپەت ئاسان يۈز بېرىدىغان رايونلار ۋە توسما قاتارلىق مۇھىم بۆلەكلەرنى چارلاشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  24- ماددا قارا يامغۇر ئاپىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تۆۋەندىكى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش كېرەك:

  1) كۆك، سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن ئاتلىنىش مەزگىلدە: سۇچىلىق تارماقلىرى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ سۇ ئامبارلىرى، دەريا توسمىلىرى ۋە مۇھىم ئورۇنلارنى چارلاپ قوغدىشىغا ھەم خەتەرنى تەكشۈرۈپ چىقىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى؛ قارا يامغۇر ئاپىتىنىڭ خەۋپ- خەتىرى بىر قەدەر ئېغىر ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى(نۇقتىلىرى)نى تاقىشى ھەم ساياھەتچىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇشى؛ تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى تارماقلىرى ئويمان جايدىكى مەھەللىلەر، خەتەرلىك ھەم كونا ئۆيلەر، زاۋۇت ئۆيلىرى، قۇرۇلۇش لاپاسلىرى ۋە ۋاقىتلىق ئىمارەت (قۇرۇلما)لەرنى تەكشۈرۈپ چىقىشقا تەشكىللەپ، يامغۇر ئۆتۈپ كېتىش، يامغۇر سۈيىدە قېلىش تۈپەيلىدىن قۇرۇلمىلارنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشىدىن ساقلىنىشى، قارا يامغۇرنىڭ كۈچلۈكلۈكىگە ئاساسەن، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنلارنىڭ تالا مەشغۇلاتىنى ۋاقىتلىق توختىتىشىغا ياكى ئىشنى توختىتىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى؛ ئورمانچىلىق تارماقلىرى مېۋىلىك باغلارغا زەيكەش كولاش، يامغۇردىن پاناھلىنىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

  2) قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن ئاتلىنىش مەزگىلدە: سۇچىلىق تارماقلىرى ۋاقتىدا چارلاپ تەكشۈرۈپ، سۇ ئامبارلىرىنىڭ كەلكۈن چىقىرىۋېتىش، ئۆستەڭلەرنىڭ كەلكۈن قويۇپ بېرىش ۋە قىيان ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشلىرىنى ياخشى ئىشلىشى؛ قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنلار ئازگال دىۋارىنىڭ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇل ئازگىلىدىكى سۇلارنى چىقىرىۋېتىش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىشى، تالا مەشغۇلاتىنى ۋاقتىنچە توختىتىشى؛ ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى (نۇقتىلىرى) ساياھەت لىنىيەلىرىنى تاقىشى ھەم ساياھەتچىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇشى؛ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى سۇ بۇزۇۋېتىش ۋە سۇ يىغىلىپ قېلىش ئەھۋالى ئېغىر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول بۆلەكلىرىنى تاقىۋېتىشى؛ ئورمانچىلىق مەيدان خىزمەتچىلىرى تالا مەشغۇلاتىنى ۋاقتىنچە توختىتىشى كېرەك.

  3) قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن ئاتلىنىش مەزگىلدە: سۇچىلىق تارماقلىرى چارلاپ قوغداش ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈپ خەتەردىن قۇتقۇزۇش ۋە ئاپەتتىن پاناھلاندۇرۇش تەييارلىق خىزمىتىنى ياخشى قىلىشى؛ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى خەتەرلىك يول بۆلەكلىرىنى تاقاپ، ئاپتوموبىل ۋە ئادەملەرنىڭ يۈرۈشىنى چەكلىشى؛ كانلار، خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇم، پوجاڭزا، ساليوت قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلار ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىشى كېرەك.

  25- ماددا قېلىن قار ئاپىتى ئاسان يۈز بېرىدىغان رايونلاردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى (مەمۇرىي مەھكىمىلەر)، ئالاقىدار تارماقلار شۇ جاينىڭ قار يېغىش، مۇز تۇتۇش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، خەۋەرلىشىش لىنىيەلىرىنى چارلاپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى، قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇش، يىغىلىپ قالغان قار (مۇز)لارنى تازىلاش، لىنىيەلەرنى ئاسراش قاتارلىق تەييارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى قىلىشى ھەم ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرگە خەتەرلىك ھەم كونا ئۆيلەرنى، پارنىكلارنى مۇستەھكەملەش، ئاشلىق ۋە يەم- خەشەكنى زاپاس ساقلاش، چارۋىلارنى يۆتكەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

  26- ماددا قېلىن قار ئاپىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تۆۋەندىكى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش كېرەك:

  1) كۆك، سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن ئاتلىنىش مەزگىلدە: دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق تارماقلىرى دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىقتىكى تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى ۋە چارۋا، سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ توڭلاشتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى؛ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى شەھەر يوللىرىنى ھەر ۋاقىت نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشى، يانتۇ يول بۆلەكلىرىدىكى قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇشى كېرەك.

  2) قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن ئاتلىنىش مەزگىلدە: جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى قار يىغىلىپ قالغان يول بۆلەكلىرىدە يۈرۈشنى چەكلەش، سۈرئەت چەكلەش قاتارلىق قاتناش باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى تاقىشى؛ ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى (نۇقتىلىرى) ساياھەت لىنىيەلىرىنى تاقىشى ھەم ساياھەتچىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇشى كېرەك.

  3) قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن ئاتلىنىش مەزگىلدە: قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنلار تالا مەشغۇلاتىنى توختىتىشى؛ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش تارماقلىرى ئۈستى ئوچۇق كان، ماي- گاز قۇدۇقى قاتارلىق كارخانىلارنىڭ ئەھۋالغا قاراپ، ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى كېمەيتىشىگە ياكى ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى؛ ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى )نۇقتىلىرى( ساياھەت لىنىيەلىرىنى تاقىشى ھەم ساياھەتچىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇشى كېرەك.

  27- ماددا ناچار ھاۋارايى ئاپىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقىتىلغاندىن كېيىن، مائارىپ تارماقلىرى ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنىڭ دەرىجىسىگە ئاساسەن، تۆۋەندىكى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك:

  1) بوران ۋە قارا يامغۇر ھەققىدە كۆك، سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن ئاتلىنىش مەزگىلدە، يەسلى ۋە ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەر دەرسخانا سىرتىدىكى ئوقۇتۇش پائالىيەتلىرىنى ۋاقىتلىق توختىتىشى؛ قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن ئاتلىنىش مەزگىلدە، يەسلى ۋە ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەر دەرسكە چىقىش- چۈشۈش ۋاقتىنى تەڭشىشى ياكى دەرس توختىتىشى كېرەك.

  2) قېلىن قار ھەققىدە قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن ئاتلىنىش مەزگىلدە، يەسلى ۋە ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەر دەرس توختىتىش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىشى؛ قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن ئاتلىنىش مەزگىلدە، يەسلى ۋە ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەر دەرس توختىتىشى كېرەك.

  4- باب قانۇن جاۋابكارلىقى

  28- ماددا مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلار، كەسپىي ئورۇنلار ۋە ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرىدە مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ تۆۋەندىكى قىلمىشلاردىن بىرى سادىر بولسا، يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارمىقى ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولسا، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

  1) ناچار ھاۋارايى ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى بەلگىلىمە بويىچە ئادا قىلمىغان، جىددىي ئاتلىنىش ھەرىكىتىنى قوللانمىغان ياكى بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى مۇۋاپىق بولمىغان؛

  2) زور ناچار ھاۋارايى گۈدۈكى ۋە ئاپەتتىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى يوشۇرغان، يالغان مەلۇم قىلغان ياكى خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش سەۋەبلىك چۈشۈرۈپ قويغان، خاتا مەلۇم قىلغان؛

  3) ناچار ھاۋارايى گۈدۈكى ۋە ئاپەتتىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، جامائەتكە ۋاقتىدا تارقاتمىغان؛

  4)ناچار ھاۋارايى ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى بەلگىلىمە بويىچە قوللانمىغان؛

  5) مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلمىغان باشقا قىلمىشلار.

  29- ماددا مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئېلان قىلغان قارار، بۇيرۇقلارغا بويسۇنمىغان ياكى پىتنە- ئىغۋا پەيدا قىلغان، تارقاتقانلاردىن، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغانلارغا قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ باشقىلاردىن جىسمانىي، مال- مۈلۈك زىيىنى پەيدا قىلغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

  30- ماددا مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغان باشقا قىلمىشلار ئالاقىدار قانۇن- نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

  5- باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

  31- ماددا بۇ چارە 2018- يىل 4- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل