ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ساياھەت قانۇنى
(3)

2017.12.22 16:28 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

   7 - باب ساياھەتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

  83- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ساياھەت مەسئۇل تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماقلار مۇشۇ قانۇن ۋە ئالاقىدار قانۇن - نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، ساياھەت بازىرىنى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ساياھەت مەسئۇل تارمىقى، ئالاقىدار مەسئۇل تارماق، سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى، مەھسۇلات سۈپىتى نازارەتچىلىك تارمىقى، قاتناش تارمىقى قاتارلىق قانۇن ئىجرا قىلغۇچى تارماقلارنى ئالاقىدار ساياھەت تىجارىتى ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشكە تەشكىللىشى كېرەك.

  84- ماددا ساياھەت مەسئۇل تارمىقى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلغۇچىلاردىن ھەق ئالسا بولمايدۇ.

  ساياھەت مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى ھەرقانداق شەكىلدىكى ساياھەت تىجارىتى پائالىيىتىگە قاتناشسا بولمايدۇ.

  85- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ساياھەت مەسئۇل تارمىقى تۆۋەندىكى ئىشلارنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشكە ھوقۇقلۇق:

  (1) ساياھەت كوپىراتىپى كەسپىنى يولغا قويغانلار شۇنىڭدەك ساياھەت يېتەكچىلىكى، ئۆمەك يېتەكچىلىكى قىلغۇچىلارنىڭ تىجارەت ئىجازىتى، كەسىپ ئىجازىتىگە ئېرىشكەن - ئېرىشمىگەنلىكى؛

  (2) ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ تىجارەت ھەرىكىتى؛

  (3) ساياھەت يېتەكچىسى، ئۆمەك يېتەكچىسى قاتارلىق ساياھەت كەسىپكارلىرىنىڭ مۇلازىمىتى؛

  (4) قانۇن - نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئىشلار.

  ساياھەت مەسئۇل تارمىقى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە، قانۇنغا خىلاپ توختام، ۋېكسىل، ھېسابات دەپتىرى شۇنىڭدەك باشقا ماتېرىياللارنى كۆرسە، كۆپەيتسە بولىدۇ.

  86- ماددا ساياھەت مەسئۇل تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماقلار قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە، نازارەت قىلىپ تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ سانى ئىككىدىن كەم بولماسلىقى ھەمدە قانۇنلۇق كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشى كېرەك. نازارەت قىلىپ تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ سانى 2 گە يەتمىسە ياكى قانۇنلۇق كىنىشكىسىنى كۆرسەتمىسە، تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇن ۋە شەخس رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

  نازارەت قىلىپ تەكشۈرگۈچىلەر نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش داۋامىدا بىلىپ قالغان تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇننىڭ سودا مەخپىيىتى ۋە شەخسىي ئۇچۇر مەخپىيىتىنى قانۇن بويىچە ساقلىشى كېرەك.

  87- ماددا قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەر ماسلىشىشى، ئەھۋالنى ئەينەن چۈشەندۈرۈشى ھەمدە ھۆججەت - ماتېرىياللارنى بېرىشى كېرەك، رەت قىلسا، توسقۇنلۇق قىلسا، يوشۇرسا بولمايدۇ.

  88 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ساياھەت مەسئۇل تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماقلار نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا ياكى پاش قىلىنغان ئەھۋالنى، ئەرز - شىكايەتنى بىر تەرەپ قىلىشتا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى بايقىسا، قانۇن بويىچە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك؛ شۇ تارماقنىڭ مەسئۇلىيىتى دائىرىسىگە كىرمەيدىغان ئىشلارنى ئالاقىدار تارماققا ۋاقتىدا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەمدە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

  89- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ساياھەتكە دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئۇچۇرىدىن ئورتاق پايدىلىنىش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، تارماق ۋە رايون ھالقىپ بىرلىشىپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا توغرا كېلىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

  ساياھەت مەسئۇل تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماقلار نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى مەسئۇلىيىتى بويىچە جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك.

  90- ماددا قانۇن بويىچە قۇرۇلغان ساياھەت ساھە تەشكىلاتى قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ساھە تىجارەت قائىدىسى ۋە مۇلازىمەت ئۆلچىمىنى تۈزۈپ، ئەزالىرىنىڭ تىجارەت ھەرىكىتى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى تەلەپچان باشقۇرۇشى، كەسپىي ئەخلاق تەربىيەسى ۋە كەسپىي جەھەتتە تەربىيەلەشكە تەشكىللەپ، كەسىپكارلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  8 - باب ساياھەت ماجىرالىرىنى بىر تەرەپ قىلىش

  91- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ساياھەتكە دائىر ئەرزنى بىر تۇتاش قوبۇل قىلغۇچى ئاپپاراتنى بەلگىلەپ بېرىشى ياكى قۇرۇشى كېرەك. قوبۇل قىلغۇچى ئاپپارات ئەرزنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى ياكى ئالاقىدار تارماقنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى ھەمدە ئەرز قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

  92- ماددا ساياھەتچىلەر بىلەن ساياھەت تىجارەتچىلىرى ئوتتۇرىسىدا ماجىرا يۈز بەرگەندە، تۆۋەندىكى يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىشقا بولىدۇ:

  (1) ئىككى تەرەپ كېڭىشىش؛

  (2) ئىستېمالچىلار جەمئىيىتىگە، ساياھەتكە دائىر ئەرزنى قوبۇل قىلغۇچى ئاپپاراتقا ياكى ئالاقىدار مۇرەسسە تەشكىلاتىغا مۇرەسسە قىلىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىش؛

  (3) ساياھەت تىجارەتچىلىرى بىلەن تۈزگەن كېسىم كېلىشىمىگە ئاساسەن كېسىم ئاپپاراتىغا كېسىم قىلىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىش؛

  (4) خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىش.

  93- ماددا ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى، ساياھەتكە دائىر ئەرزنى قوبۇل قىلغۇچى ئاپپارات ۋە ئالاقىدار مۇرەسسە تەشكىلاتى ساياھەتچى بىلەن ساياھەت تىجارەتچىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ماجىرانى ئىككى تەرەپ ئىختىيار قىلىش ئاساسىدا قانۇن بويىچە مۇرەسسە قىلىدۇ.

  94- ماددا ساياھەتچىلەر بىلەن ساياھەت تىجارەتچىلىرى ئوتتۇرىسىدا ماجىرا يۈز بەرگەندە، ساياھەتچىلەرنىڭ سانى كۆپ ھەم ئورتاق تەلىپى بولسا، ۋەكىل كۆرسىتىپ كېڭىشىش، مۇرەسسە، كېسىم، دەۋا پائالىيىتىگە قاتناشتۇرسا بولىدۇ.

  9 - باب قانۇن جاۋابكارلىقى

  95- ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ ساياھەت كوپىراتىپى كەسپىنى يولغا قويغانلارنى ساياھەت مەسئۇل تارمىقى ياكى سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 10مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغانلارغا، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ 1 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 5 ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ؛ ئالاقىدار جاۋابكارلارغا 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

  ساياھەت كوپىراتىپلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ مۇشۇ قانۇننىڭ 29- ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقىنىڭ (2)، (3) تارماقچىسىدا كۆرسىتىلگەن كەسىپنى يولغا قويغانلىرى ياكى ساياھەت كوپىراتىپى كەسپىي تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى ئىجارە بەرگەن ۋە ئارىيەت بەرگەنلىرى ۋە ياكى ساياھەت كوپىراتىپى كەسپىي تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى باشقا قانۇنسىز ئۇسۇل بىلەن ئۆتۈنۈپ بەرگەنلىرىگە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلگەندىن سىرت، قوشۇمچە ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ ساياھەت كوپىراتىپى كەسپىي تىجارەت ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

  96- ماددا ساياھەت كوپىراتىپلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى ساياھەت مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنى ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ ياكى ساياھەت كوپىراتىپى كەسپىي تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ:

  (1) چېگرادىن چىققان ياكى چېگرادىن كىرگەن ساياھەت ئۆمىكىنىڭ ساياھىتىگە تولۇق ھەمراھ بولىدىغان ئۆمەك يېتەكچىسى ياكى ساياھەت يېتەكچىسى ئورۇنلاشتۇرۇشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

  (2) ساياھەت يېتەكچىلىك كىنىشكىسى ئالمىغانلارنى ساياھەت يېتەكچىلىك مۇلازىمىتى قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلار ياكى ئۆمەك يېتەكچىلىك شەرتىنى ھازىرلىمىغانلارنى ئۆمەك يېتەكچىلىك مۇلازىمىتى قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلار؛

  (3) ۋاقىتلىق تەكلىپ قىلغان ساياھەت يېتەكچىسىگە ھەق بەرمىگەنلەر؛

  (4) ساياھەت يېتەكچىسىدىن چىقىمنى تۆلەپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلغانلار ياكى ھەق ئالغانلار.

  97- ماددا ساياھەت كوپىراتىپلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى ساياھەت مەسئۇل تارمىقى ياكى ئالاقىدار تارماق تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 50 مىڭ يۈەندىن ئاشقانلارغا قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ 1 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 5 ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنى ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ ياكى ساياھەت كوپىراتىپى كەسپىي تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ:

  (1) ساختا تەشۋىق قىلىپ ساياھەتچىلەرنى ئازدۇرغانلار؛

  (2) لاياقەتسىز تەمىنلىگۈچىنىڭ مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمىتىنى زاكاز قىلغانلار؛

  (3) ساياھەت كوپىراتىپلىرىنى جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسىغا سۇغۇرتىلىتىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار.

  98- ماددا ساياھەت كوپىراتىپلىرىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 35- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىرىنى ساياھەت مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 30مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 300 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغانلىرىغا قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ 1 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 5 ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ ساياھەت كوپىراتىپى كەسپىي تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قوشۇمچە ساياھەت يېتەكچىلىك كىنىشكىسىنى ۋاقتىنچە تۇتۇپ قالىدۇ ياكى بىكار قىلىدۇ.

  99 - ماددا ساياھەت كوپىراتىپلىرىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 55 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن مەلۇم قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرىغا ساياھەت مەسئۇل تارمىقى 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنى ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ ياكى ساياھەت كوپىراتىپى كەسپىي تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قوشۇمچە ساياھەت يېتەكچىلىك كىنىشكىسىنى ۋاقتىنچە تۇتۇپ قالىدۇ ياكى بىكار قىلىدۇ.

  100- ماددا ساياھەت كوپىراتىپلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى ساياھەت مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ؛ ساياھەتچىلەرنىڭ تۇرۇپ قېلىشىدەك ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىرىنىڭ ساياھەت كوپىراتىپى كەسپىي تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قوشۇمچە ساياھەت يېتەكچىلىك كىنىشكىسىنى ۋاقتىنچە تۇتۇپ قالىدۇ ياكى بىكار قىلىدۇ:

  (1) ساياھەت مۇساپىسى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلەر؛

  (2) توختامنى ئادا قىلىشنى رەت قىلغانلار؛

  (3) ساياھەتچىلەرنىڭ يازما ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، باشقا ساياھەت كوپىراتىپىغا ھۆددە باھالىق ساياھەت توختامىنى ئادا قىلىشنى ھاۋالە قىلغانلار.

  101 - ماددا ساياھەت كوپىراتىپلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق ق−ىلىپ، ساياھەتچىلەرنى دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن - نىزاملىرىغا ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاققا خىلاپ تۈرلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا ياكى شۇنداق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىرىنى ساياھەت مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ ساياھەت كوپىراتىپى كەسپىي تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قوشۇمچە ساياھەت يېتەكچىلىك كىنىشكىسىنى ۋاقتىنچە تۇتۇپ قالىدۇ ياكى بىكار قىلىدۇ.

  102- ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ساياھەت يېتەكچىلىك كىنىشكىسى ياكى ئۆمەك يېتەكچىلىك شەرتىنى ھازىرلىماي تۇرۇپ ساياھەت يېتەكچىلىكى ۋە ئۆمەك يېتەكچىلىكى قىلغانلارنى ساياھەت مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 10مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، ئېلان چىقىرىدۇ.

  ساياھەت يېتەكچىلىرى ۋە ئۆمەك يېتەكچىلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆز ئالدىغا ئىش ئالغانلىرىنى ساياھەت مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قوشۇمچە ساياھەت يېتەكچىلىك كىنىشكىسىنى ۋاقتىنچە تۇتۇپ قالىدۇ ياكى بىكار قىلىدۇ.

  ساياھەت يېتەكچىلىرى ۋە ئۆمەك يېتەكچىلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ساياھەتچىلەردىن تاپان ھەققى ئالغانلىرىنى ساياھەت مەسئۇل تارمىقى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ ساياھەت يېتەكچىلىك كىنىشكىسىنى ۋاقتىنچە تۇتۇپ قالىدۇ ياكى بىكار قىلىدۇ.

  103- ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقتىن ساياھەت يېتەكچىلىك كىنىشكىسى بىكار قىلىنغان ساياھەت يېتەكچىلىرى، ئۆمەك يېتەكچىلىرى ۋە ساياھەت كوپىراتىپى كەسپىي تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىش جازاسى بېرىلگەن ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ ئالاقىدار باشقۇرغۇچىلىرىدىن جازا بېرىلگەن ۋاقتى 3 يىلغا توشمىغانلىرى ساياھەت يېتەكچىلىك كىنىشكىسى ئېلىشنى ياكى ساياھەت كوپىراتىپى كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشنى قايتا ئىلتىماس قىلسا بولمايدۇ.

  104- ماددا ساياھەت تىجارەتچىلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ پارا بەرگەن ياكى پارا ئالغانلىرىغا سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئالاقىدار قانۇن - نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ ساياھەت كوپىراتىپى كەسپىي تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى ساياھەت مەسئۇل تارمىقى قوشۇمچە بىكار قىلىدۇ.

  105- ماددا مەنزىرە رايونلىرىدىن ئېچىۋېتىش شەرتى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمەي تۇرۇپ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالغانلىرىنى مەنزىرە رايونى مەسئۇل تارمىقى ئىش توختىتىپ ئېچىۋېتىش شەرتىنى ھازىرلىغانغا قەدەر تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

  مەنزىرە رايونىدىكى ساياھەتچىلەر سانى ئەڭ يۇقىرى سىغىم مىقدارىغا يېقىنلاشقاندا، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۇقتۇرۇش چىقارمىغانلار ياكى شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىگە مەلۇم قىلمىغانلار، تارقىتىش، تارقاقلاشتۇرۇش تەدبىرىنى ۋاقتىدا قوللانمىغانلار ياكى ئەڭ يۇقىرى سىغىم مىقدارىدىن ئېشىپ كەتكەن تۇرۇقلۇق ساياھەتچىلەرنى قوبۇل قىلىۋەرگەنلەرنى مەنزىرە رايونى مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلارنى 1 ئايدىن 6 ئايغىچە ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ.

  106- ماددا مەنزىرە رايونلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، كىرىش بېلىتى باھاسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆستۈرۈۋالغان ياكى ئايرىم ھەق ئېلىنىدىغان تۈرلەرنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرۈۋالغانلارغا ۋە ياكى باھادا قانۇنغا خىلاپ باشقا قىلمىش سادىر قىلغانلىرىغا ئالاقىدار مەسئۇل تارماق ئالاقىدار قانۇن - نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىدۇ.

  107- ماددا ساياھەت تىجارەتچىلىرىدىن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ۋە ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن - نىزاملارغا ياكى دۆلەت ئۆلچىمى، ساھە ئۆلچىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىرىغا ئالاقىدار مەسئۇل تارماق ئالاقىدار قانۇن - نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىدۇ.

  108- ماددا ساياھەت تىجارەتچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ كەسىپكارلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىرىنى ساياھەت مەسئۇل تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماق ئىناۋەت ئارخىپىغا خاتىرىلىشى، جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك.

  109- ماددا ساياھەت مەسئۇل تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماقنىڭ خادىملىرىدىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش داۋامىدا خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغان بولسىمۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

  110- ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

  10- باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

  111 - ماددا بۇ قانۇندىكى تۆۋەندىكى ئىبارىلەرنىڭ مەنىسى:

  (1) ساياھەت تىجارەتچىلىرى دېگىنىمىز، ساياھەت كوپىراتىپلىرى، مەنزىرە رايونلىرى شۇنىڭدەك ساياھەتچىلەرگە قاتناش، ياتاق، يېمەك - ئىچمەك، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش مۇلازىمىتى قىلىدىغان تىجارەتچىلەرنى كۆرسىتىدۇ.

  (2) مەنزىرە رايونى دېگىنىمىز، ساياھەتچىلەرنىڭ سەيلە قىلىشىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان، ئېنىق باشقۇرۇش دائىرىسى بولغان سورۇننى ياكى رايوننى كۆرسىتىدۇ.

  (3) ھۆددە باھالىق ساياھەت توختامى دېگىنىمىز، ساياھەت كوپىراتىپلىرى مۇساپىنى ئالدىن بېكىتىدىغان، ساياھەت كوپىراتىپى ياكى قوشۇمچە ئادا قىلغۇچى قاتناش، ياتاق، يېمەك - ئىچمەك، سەيلە - ساياھەت يېتەكچىلىكى، ئۆمەك يېتەكچىلىكى قاتارلىق مۇلازىمەتلەردىن ئىككىدىن ئارتۇق مۇلازىمەتنى قىلىدىغان، ساياھەتچى ئومۇمىي باھا بويىچە ساياھەت ھەققى تاپشۇرىدىغان توختامنى كۆرسىتىدۇ.

  (4) ئۆمەك تەشكىللىگەن كوپىراتىپ دېگىنىمىز، ساياھەتچى بىلەن ھۆددە باھالىق ساياھەت توختامى تۈزگەن ساياھەت كوپىراتىپىنى كۆرسىتىدۇ.

  (5)يەرلىك ساياھەت كوپىراتىپى دېگىنىمىز، ئۆمەك تەشكىللىگەن كوپىراتىپنىڭ ھاۋالىسى بىلەن نىشان جايدا ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالىدىغان ساياھەت كوپىراتىپىنى كۆرسىتىدۇ.

  (6)قوشۇمچە ئادا قىلغۇچى دېگىنىمىز، ساياھەت كوپىراتىپى بىلەن توختام مۇناسىۋىتى بولغان، ئۇنىڭ ھۆددە باھالىق ساياھەت توختامى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ياردەملىشىدىغان، ئەمەلىيەتتە، ئالاقىدار مۇلازىمەت قىلىدىغان قانۇنىي ئىگىنى ياكى تەبىئىي ئىگىنى كۆرسىتىدۇ.

  112- ماددا بۇ قانۇن 2013- يىل 10- ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  (تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن - نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل
ئالدىنقى بەت   【1】 【2】 【3】