ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ساياھەت قانۇنى
(2)

2017.12.22 16:28 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  51- ماددا ساياھەت تىجارەتچىلىرى تاۋار ياكى مۇلازىمىتىنى ساتقان، سېتىۋالغاندا پارا بەرسە ياكى پارا ئالسا بولمايدۇ.

  52- ماددا ساياھەت تىجارەتچىلىرى تىجارەت داۋامىدا بىلىپ قالغان ساياھەتچىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇر مەخپىيەتلىكىنى ساقلىشى كېرەك.

  53- ماددا تاشيول ساياھەت يولۇچى تىرانسپورتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تىجارەتچىلەر تاشيول يولۇچى تىرانسپورت بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلىشى ھەمدە ئاپتوموبىلنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە تاشيول ساياھەت يولۇچى تىرانسپورت مەخسۇس بەلگىسى ئېسىشى، ئاپتوموبىل ئىچىدىكى كۆزگە چېلىقىدىغان يەرگە تىجارەتچىنىڭ ۋە شوپۇرنىڭ ئۇچۇرى، يول تىرانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ نازارەت قىلىش تېلېفونى قاتارلىقلارنى چىقىرىپ قويۇشى كېرەك.

  54- ماددا مەنزىرە رايونى، ياتاق تىجارىتى قىلىدىغانلار قىسمەن تىجارەت تۈرىنى ياكى تىجارەت ئورنىنى باشقىلارنىڭ ياتاق، يېمەك - ئىچمەك، مال سېتىۋېلىش، سەيلە قىلىش، كۆڭۈل ئېچىش، ساياھەت قاتنىشى قاتارلىق تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا بەرگەن بولسا ئەمەلىي تىجارەت قىلغۇچى تىجارەت جەريانىدا ساياھەتچىلەرگە كەلتۈرگەن زىيان ئۈچۈن چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

  55 - ماددا ساياھەت تىجارەتچىلىرى چېگرادىن كىرىش - چىقىش ساياھەت ئۆمىكى تەشكىللىگەن ۋە كۈتۈۋالغاندا، ساياھەتچىلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ياكى مۇشۇ قانۇننىڭ 61 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بايقىسا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، ساياھەت مەسئۇل تارمىقى ياكى دۆلىتىمىزنىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئاپپاراتىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

  56- ماددا دۆلەت ساياھەت پائالىيىتىنىڭ خەۋپ - خەتەر دەرىجىسىگە ئاساسەن ساياھەت كوپىراتىپى، ياتاق، ساياھەت قاتنىشى شۇنىڭدەك مۇشۇ قانۇننىڭ 47- ماددىسىدا بەلگىلەنگەن خەۋپ - خەتىرى يۇقىرى ساياھەت تۈرى تىجارىتى قىلىدىغانلارغا جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

  5 - باب ساياھەت مۇلازىمىتى توختامى

  57- ماددا ساياھەت كوپىراتىپلىرى ساياھەت پائالىيىتىنى تەشكىللىگەندە ۋە ئورۇنلاشتۇرغاندا، ساياھەتچى بىلەن توختام تۈزۈشى كېرەك.

  58- ماددا ھۆددە باھالىق ساياھەت توختامىنى يازما تۈزۈش كېرەك، ئۇ تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

  (1) ساياھەت كوپىراتىپى، ساياھەتچىنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرى؛

  (2) ساياھەت مۇساپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى؛

  (3) ساياھەت ئۆمىكىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئادەم سانى چېكى؛

  (4) قاتناش، ياتاق، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق ساياھەت مۇلازىمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ئۆلچىمى؛

  (5) سەيلە قىلىش، كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىنىڭ كونكرېت مەزمۇنى ۋە ۋاقتى؛

  (6) ئىختىيارىي پائالىيەت ۋاقتى؛

  (7) ساياھەت خىراجىتى ۋە ئۇنى تاپشۇرۇش مۆھلىتى، ئۇسۇلى؛

  (8) خىلاپلىق جاۋابكارلىقى ۋە ماجىرانى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى؛

  (9) قانۇن - نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ۋە ئىككى تەرەپ پۈتۈشكەن باشقا ئىشلار.

  ھۆددە باھالىق ساياھەت توختامى تۈزگەندە، ساياھەت كوپىراتىپى ساياھەتچىلەرگە ئالدىنقى تارماقنىڭ (2) تارماقچىسىدىن (8) تارماقچىسىغىچە بولغان تارماقچىلاردا كۆرسىتىلگەن مەزمۇنلارنى ئېنىق چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

  59- ماددا ساياھەت كوپىراتىپى ساياھەت باشلىنىشتىن ئىلگىرى ساياھەت مۇساپىسى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ساياھەتچىلەرگە بېرىشى كېرەك. ساياھەت مۇساپىسى ئورۇنلاشتۇرمىسى ھۆددە باھالىق ساياھەت توختامىنىڭ تەركىبىي قىسمىدۇر.

  60- ماددا ساياھەت كوپىراتىپلىرىدىن باشقا ساياھەت كوپىراتىپىغا ھۆددە باھالىق ساياھەت مەھسۇلاتىنى ۋاكالىتەن سېتىپ بېرىشكە ھاۋالە قىلغان ھەمدە ساياھەتچىلەر بىلەن ھۆددە باھالىق ساياھەت توختامى تۈزگەنلىرى ھۆددە باھالىق ساياھەت توختامىغا ھاۋالە قىلغۇچى ساياھەت كوپىراتىپى بىلەن ۋاكالەتچى كوپىراتىپنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرىنى ئېنىق يېزىشى كېرەك.

  ساياھەت كوپىراتىپلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ھۆددە باھالىق ساياھەت توختامىدىكى كۈتۈۋېلىش كەسپىنى يەرلىك ساياھەت كوپىراتىپىغا ھاۋالە قىلغانلىرى ھۆددە باھالىق ساياھەت توختامىغا يەرلىك ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرىنى ئېنىق يېزىشى كېرەك.

  ساياھەتچىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن ساياھەت يېتەكچىسى ئورۇنلاشتۇرغانلار ھۆددە باھالىق ساياھەت توختامىغا ساياھەت يېتەكچىسىنىڭ مۇلازىمەت ھەققىنى ئېنىق يېزىشى كېرەك.

  61- ماددا ساياھەت كوپىراتىپلىرى ساياھەت ئۆمىكىگە قاتناشقان ساياھەتچىلەرگە بەلگىلىمە بويىچە جىسمانىي كۈتۈلمىگەن زەخىم سۇغۇرتىسىغا سۇغۇرتىلىتىشىنى ئەسكەرتىشى كېرەك.

  62- ماددا ھۆددە باھالىق ساياھەت توختامى تۈزگەندە، ساياھەت كوپىراتىپلىرى ساياھەتچىلەرگە تۆۋەندىكى ئىشلارنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك:

  (1) ساياھەتچىلەر قاتنىشىشقا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ساياھەت پائالىيىتى؛

  (2) ساياھەت داۋامىدا بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار؛

  (3) ساياھەت كوپىراتىپلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە يېنىكلىتىشكە، كەچۈرۈم قىلىشقا بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار؛

  (4) ساياھەت نىشانىغا ئالاقىدار قانۇن - نىزام، ئۆرپ - ئادەت، دىندا پەرھىز تۇتۇلىدىغان ئىشلار، جۇڭگونىڭ قانۇنى بويىچە قاتناشسا بولمايدىغان پائالىيەتلەر؛

  (5) قانۇن - نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ئۇقتۇرۇپ قويۇشقا تېگىشلىك باشقا ئىشلار.

  ساياھەت كوپىراتىپلىرىدىن ھۆددە باھالىق ساياھەت توختامىنى ئادا قىلىش داۋامىدا ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئىشلارغا يولۇققانلىرى ساياھەتچىلەرگە ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

  63- ماددا ساياھەت كوپىراتىپلىرىدىن ساياھەتچى جەلپ قىلىپ ساياھەت ئۆمىكى تەشكىللىگەن بولسىمۇ، پۈتۈشكەن ئادەم سانىغا توشمىغانلىقتىن ئۆمەك چىقىرالمىغانلىرى توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ. لېكىن ساياھەتچىلەردىن چېگرا ئىچىدە ساياھەت قىلىدىغانلىرىغا 7 كۈن ئىلگىرى ئۇقتۇرۇش قىلىشى، چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلىدىغانلىرىغا 03 كۈن ئىلگىرى ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

  ئۆمەك تەشكىللىگەن كوپىراتىپلاردىن ساياھەتچىلەر سانى پۈتۈشكەن ئادەم سانىغا توشماي ئۆمەك چىقىرالمىغانلىرى ساياھەتچىلەرنىڭ يازما ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، توختامنى باشقا ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ ئادا قىلىشىغا ھاۋالە قىلسا بولىدۇ. ئۆمەك تەشكىللىگەن كوپىراتىپ ساياھەتچىلەر ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ، ھاۋالىنى قوبۇل قىلغان ساياھەت كوپىراتىپى ئۆمەك تەشكىللىگەن كوپىراتىپ ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ. ساياھەتچىلەر قوشۇلمىسا توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ.

  ئۆمەك تەشكىللەشتە پۈتۈشكەن ئادەم سانىغا توشمىغانلىقتىن توختام بىكار قىلىنغان بولسا، ئۆمەك تەشكىللىگەن كوپىراتىپ ساياھەتچىلەردىن ئالغان ھەقنى تولۇق قايتۇرۇشى كېرەك.

  64- ماددا ساياھەت مۇساپىسى باشلىنىشتىن ئىلگىرى، ساياھەتچى ھۆددە باھالىق ساياھەت توختامىدىكى ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى 3 - كىشىگە ئۆتۈنۈپ بەرسە بولىدۇ، ساياھەت كوپىراتىپى ئورۇنلۇق سەۋەبى يوق تۇرۇپ رەت قىلسا بولمايدۇ، شۇ سەۋەبتىن ئېشىپ كەتكەن چىقىمنى ساياھەتچى بىلەن 3 - كىشى ئۈستىگە ئالىدۇ.

  65- ماددا ساياھەت مۇساپىسى ئاخىرلىشىشتىن ئىلگىرى ساياھەتچى توختامنى بىكار قىلغان بولسا، ئۆمەك تەشكىللىگەن كوپىراتىپ زۆرۈر خىراجەتنى تۇتۇپ قالغاندىن كېيىن، ئاشقان پۇلنى ساياھەتچىگە قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك.

  66 - ماددا ساياھەتچىلەردە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ساياھەت كوپىراتىپى توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ:

  (1) يۇقۇملۇق كېسەل قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ، باشقا ساياھەتچىلەرنىڭ سالامەتلىكى ۋە بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولسا؛

  (2) جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان بۇيۇملارنى ئېلىۋالغان، يەنە كېلىپ ئالاقىدار تارماقنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇشقا ئۇنىمىغان بولسا؛

  (3) قانۇنغا خىلاپ ياكى ئىجتىمائىي ئەخلاققا خىلاپ پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان بولسا؛

  (4) باشقا ساياھەتچىلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتنى قىلغان، يەنە كېلىپ نەسىھەتنى ئاڭلىمىغان، توسىسىمۇ ئۇنىمىغان بولسا؛

  (5) قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.

  ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئەھۋال سەۋەبىدىن توختام بىكار قىلىنغان بولسا، ئۆمەك تەشكىللىگەن كوپىراتىپ زۆرۈر خىراجەتنى تۇتۇپ قالغاندىن كېيىن، ئاشقان پۇلنى ساياھەتچىگە قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك؛ ساياھەتچىلەردىن ساياھەت كوپىراتىپىغا زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

  67- ماددا تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان كۈچ سەۋەبىدىن ياكى ساياھەت كوپىراتىپى، قوشۇمچە ئادا قىلغۇچى مەجبۇرىيىتىنى لايىقىدا ئادا قىلغان بولسىمۇ، ساقلانغىلى بولمىغان ئىشلار سەۋەبىدىن ساياھەت مۇساپىسىگە تەسىر يەتكەن بولسا، تۆۋەندىكىدەك بىر تەرەپ قىلىنىدۇ:

  (1) توختامنى داۋاملىق ئادا قىلغىلى بولمىسا، ساياھەت كوپىراتىپى بىلەن ساياھەتچى توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ. توختامنى تولۇق ئادا قىلغىلى بولمىسا، ساياھەت كوپىراتىپى ساياھەتچىگە ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، توختامنى مۇۋاپىق دائىرىدە ئۆزگەرتسە بولىدۇ؛ ساياھەتچى توختامنى ئۆزگەرتىشكە قوشۇلمىسا، توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ.

  (2) توختام بىكار قىلىنغان بولسا، ئۆمەك تەشكىللىگەن كوپىراتىپ يەرلىك ساياھەت كوپىراتىپىغا ياكى قوشۇمچە ئادا قىلغۇچىغا قايتۇرغىلى بولمايدىغان ھەقنى تاپشۇرغاندىن كېيىن، ئاشقان پۇلنى ساياھەتچىگە قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك؛ توختامنى ئۆزگەرتىش سەۋەبىدىن خىراجەت ئېشىپ كەتكەن بولسا، ئېشىپ كەتكەن خىراجەتنى ساياھەتچى ئۈستىگە ئالىدۇ، كېمەيگەن بولسا، خىراجەت ساياھەتچىگە قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ.

  (3) ساياھەتچىلەرنىڭ جىسمانىي، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يېتىدىغان بولسا، ساياھەت كوپىراتىپى مۇناسىپ بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك، مۇشۇ سەۋەبتىن قىلىنغان چىقىمنى ساياھەت كوپىراتىپى بىلەن ساياھەتچى ئۈستىگە ئالىدۇ.

  (4) ساياھەتچىلەرنىڭ تۇرۇپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ساياھەت كوپىراتىپى مۇناسىپ ئورۇنلاشتۇرۇش تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك. شۇ سەۋەبتىن ئېشىپ كەتكەن ياتاق، تاماق خىراجىتىنى ساياھەتچى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ قايتىش خىراجىتىنىڭ ئېشىپ كەتكەن قىسمىنى ساياھەت كوپىراتىپى بىلەن ساياھەتچى ئۈستىگە ئالىدۇ.

  68- ماددا ساياھەت داۋامىدا توختام بىكار قىلىنغان بولسا، ساياھەت كوپىراتىپى ساياھەتچىلەرنىڭ يولغا چىققان جايغا ياكى ساياھەتچى بېكىتكەن مۇۋاپىق جايغا قايتىشىغا ياردەم بېرىدۇ. ساياھەت كوپىراتىپى ياكى قوشۇمچە ئادا قىلغۇچىنىڭ سەۋەبىدىن توختام بىكار قىلىنغان بولسا، قايتىش خىراجىتىنى ساياھەت كوپىراتىپى ئۈستىگە ئالىدۇ.

  69- ماددا ساياھەت كوپىراتىپلىرى مەجبۇرىيىتىنى ھۆددە باھالىق ساياھەت توختامىدا پۈتۈشكىنى بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك، مۇساپىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتسە بولمايدۇ.

  ساياھەتچىلەرنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ساياھەت كوپىراتىپى ھۆددە باھالىق ساياھەت توختامىدىكى كۈتۈۋېلىش كەسپىنى مۇناسىپ ساپاغا ئىگە باشقا يەرلىك ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ ئادا قىلىشىغا ھاۋالە قىلغان بولسا، يەرلىك ساياھەت كوپىراتىپى بىلەن يازما ھاۋالە توختامى تۈزۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى پۈتۈشۈشى، يەرلىك ساياھەت كوپىراتىپىغا ساياھەتچى بىلەن تۈزگەن ھۆددە باھالىق ساياھەت توختامىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسىنى بېرىشى ھەمدە يەرلىك ساياھەت كوپىراتىپىغا كۈتۈۋېلىش تەننەرخى ۋە مۇلازىمەت تەننەرخىدىن تۆۋەن بولمىغان ھەقنى تاپشۇرۇشى كېرەك. يەرلىك ساياھەت كوپىراتىپى ھۆددە باھالىق ساياھەت توختامى ۋە ھاۋالە توختامى بويىچە مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

  70- ماددا ساياھەت كوپىراتىپلىرىدىن ھۆددە باھالىق ساياھەت توختامىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرى ياكى توختامدىكى مەجبۇرىيىتىنى پۈتۈشكىنى بويىچە ئادا قىلمىغانلىرى قانۇن بويىچە داۋاملىق ئادا قىلىش، تولۇقلاش تەدبىرىنى قوللىنىشى ياكى زىياننى تۆلەش قاتارلىق خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ ساياھەتچىلەرگە جىسمانىي زىيان ۋە مال - مۈلۈك زىيىنى سالغانلار تۆلەم جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ساياھەت كوپىراتىپلىرى ئادا قىلىش شارائىتى ھازىرلىغان، ساياھەتچىلەر توختامنى داۋاملىق ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، توختامنى داۋاملىق ئادا قىلىشنى رەت قىلىپ، ساياھەتچىلەرگە جىسمانىي زىيان سېلىش ۋە تۇرۇپ قېلىشتەك ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلغان بولسا، ساياھەتچىلەر ساياھەت كوپىراتىپىدىن ساياھەت خىراجىتىنىڭ 1 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 3 ھەسسىسىدىن تۆۋەن تۆلەم پۇلى بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

  ساياھەتچىنىڭ سەۋەبىدىن ھۆددە باھالىق ساياھەت توختامىنى ئادا قىلغ−ىلى بولمىسا ياكى پۈت−ۈشكىنى بويىچە ئادا قىلغىلى بولمىسا ۋە ياكى ساياھەتچى جىسمانىي زىيانغا ۋە مال - مۈلۈك زىيىنىغا ئۇچرىغان بولسا، ساياھەت كوپىراتىپى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.

  ساياھەتچىلەرنى ئىختىيارىي پائالىيەتكە ئۇيۇشتۇرغان مەزگىلدە ساياھەت كوپىراتىپى بىخەتەرلىكنى ئەسكەرتمىگەن، قۇتقۇزۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان بولسا، ساياھەتچىلەرنىڭ جىسمانىي زىيىنى ۋە مال - مۈلۈك زىيىنى ئۈچۈن مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

  71- ماددا يەرلىك ساياھەت كوپىراتىپلىرى ۋە قوشۇمچە ئادا قىلغۇچىنىڭ سەۋەبىدىن توختامغا خىلاپلىق قىلىنغان بولسا، ئۆمەك تەشكىللىگەن كوپىراتىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ئۆمەك تەشكىللىگەن كوپىراتىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىن، يەرلىك ساياھەت كوپىراتىپى ۋە قوشۇمچە ئادا قىلغۇچىدىن زىياننى تۆلىتىۋالسا بولىدۇ.

  يەرلىك ساياھەت كوپىراتىپى ۋە قوشۇمچە ئادا قىلغۇچىنىڭ سەۋەبىدىن ساياھەتچى جىسمانىي زىيانغا ۋە مال - مۈلۈك زىيىنىغا ئۇچرىغان بولسا، ساياھەتچى يەرلىك ساياھەت كوپىراتىپى ۋە قوشۇمچە ئادا قىلغۇچىدىن تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، ئۆمەك تەشكىللىگەن كوپىراتىپتىن تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ؛ ئۆمەك تەشكىللىگەن كوپىراتىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىن، يەرلىك ساياھەت كوپىراتىپى ۋە قوشۇمچە ئادا قىلغۇچىدىن زىياننى تۆلىتىۋالسا بولىدۇ. لېكىن ئاممىۋى قاتناش تىجارىتى قىلغۇچىنىڭ سەۋەبىدىن ساياھەتچى جىسمانىي زىيانغا ۋە مال - مۈلۈك زىيىنىغا ئۇچرىغان بولسا، ئاممىۋى قاتناش تىجارىتى قىلغۇچى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ساياھەت كوپىراتىپى ساياھەتچىگە ياردەملىشىپ ئاممىۋى قاتناش تىجارىتى قىلغۇچىدىن زىياننى تۆلىتىۋېلىشى كېرەك.

  72- ماددا ساياھەتچىلەردىن ساياھەت پائالىيىتىدە ياكى ماجىرالارنى بىر تەرەپ قىلغاندا ساياھەت كوپىراتىپى، قوشۇمچە ئادا قىلغۇچى، ساياھەت كەسىپكارلىرى ياكى باشقا ساياھەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

  73- ماددا ساياھەت كوپىراتىپلىرى ساياھەتچىلەرنىڭ كونكرېت تەلىپى بويىچە ساياھەت مۇساپىسىنى ئورۇنلاشتۇرغان، ساياھەتچىلەر بىلەن ھۆددە باھالىق ساياھەت توختامى تۈزگەن بولسا، ساياھەتچىلەرنىڭ تەلىپى بويىچە ساياھەت مۇساپىسىنى ئۆزگەرتىش سەۋەبىدىن خىراجەت ئېشىپ كەتكەن بولسا، ئېشىپ كەتكەن خىراجەتنى ساياھەتچىلەر ئۈستىگە ئالىدۇ، كېمەيگەن بولسا، خىراجەتنى ساياھەتچىگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ.

  74- ماددا ساياھەت كوپىراتىپلىرىدىن ساياھەتچىلەرنىڭ ھاۋالىسى بىلەن قاتناش، ياتاق، يېمەك - ئىچمەك، سەيلە قىلىش، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق ساياھەت مۇلازىمىتىنى زاكاز قىلىپ، ۋاكالىتەن بېجىرىش ھەققى ئالغانلىرى ھاۋالە ئىشلىرىنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ سەۋەنلىكىدىن ساياھەتچىلەر زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، ساياھەت كوپىراتىپى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

  ساياھەت كوپىراتىپى ساياھەتچىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ساياھەت مۇساپىسىنى لايىھەلەش، ساياھەت ئۇچۇرى مەسلىھەتى بېرىش مۇلازىمەتلىرىنى قىلغاندا لايىھەسىنىڭ مۇۋاپىق، قوللىنىشچان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى، ئۇچۇرنى ۋاقتىدا، توغرا يەتكۈزۈشى كېرەك.

  75- ماددا ياتاق تىجارىتى قىلغۇچىلار ساياھەت مۇلازىمىتى توختامىدا پۈتۈشكىنى بويىچە ساياھەتچىلەرگە ياتاق مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك. ياتاق تىجارىتى قىلغۇچىلاردىن ساياھەت مۇلازىمەت توختامىدا پۈتۈشكىنى بويىچە مۇلازىمەت قىلمىغانلىرى ساياھەتچىگە ئەسلىدە بېكىتكەن ئۆلچەمدىن تۆۋەن بولمىغان ئۆلچەمدە ياتاق مۇلازىمىتى قىلىشى، شۇ سەۋەبتىن كۆپەيگەن چىقىمنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ لېكىن تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان كۈچ، ھۆكۈمەت جامائەت مەنپەئىتى ئېھتىياجى بىلەن تەدبىر قوللانغانلىقتىن مۇلازىمەت قىلالمىغان بولسا، ياتاق تىجارىتى قىلغۇچى ساياھەتچىنىڭ ياتاققا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.

  6 - باب ساياھەت بىخەتەرلىكى

  76- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ساياھەت بىخەتەرلىكى خىزمىتىگە بىرتۇتاش مەسئۇل بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارمىقى ساياھەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن، نىزام بويىچە ئادا قىلىدۇ.

  77 - ماددا دۆلەت ساياھەت نىشانىنىڭ خەۋپ - خەتىرىنى ئەسكەرتىش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ. ساياھەت نىشانىنىڭ خەۋپ - خەتىرىنى ئەسكەرتىش دەرىجىسىنى ئايرىش ۋە يولغا قويۇش تەرتىپىنى گوۋۇيۈەننىڭ ساياھەت مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تۈزىدۇ.

  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارمىقى ساياھەت بىخەتەرلىكىنى تاسادىپىي ۋەقەلەرنى كۆزىتىش ۋە باھالاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىشى كېرەك.

  78- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ساياھەت جىددىي ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى ھۆكۈمەتنىڭ جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى تۈزۈپ، ساياھەت تاسادىپىي ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىشى كېرەك.

  تاسادىپىي ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئاپپاراتلىرى تەدبىر قوللىنىپ قۇتقۇزۇشى ھەمدە ساياھەتچىلەرنىڭ يولغا چىققان جايغا ياكى ساياھەتچى بېكىتكەن مۇۋاپىق جايغا قايتىشىغا ياردەملىشىشى كېرەك.

  79- ماددا ساياھەت تىجارەتچىلىرى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش ۋە ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن - نىزاملارنى شۇنىڭدەك دۆلەت ئۆلچىمى، ساھە ئۆلچىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى، مۇناسىپ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنى ھازىرلىشى، ساياھەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈشى كېرەك.

  ساياھەت تىجارەتچىلىرى ساياھەتچىلەرگە بىۋاسىتە مۇلازىمەت قىلىدىغان كەسىپكارلارنى دائىملىق جىددىي پاناھلاندۇرۇش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلىشى، تەمىنلىگەن مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمىتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشى، كۆزىتىشى ۋە باھالىشى، زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ خەۋپ يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

  ساياھەت تىجارەتچىلىرى ياشانغان، قۇرامىغا يەتمىگەن، مېيىپ ساياھەتچىلەرنى تەشكىللىگەندە ۋە كۈتۈۋالغاندا، مۇناسىپ بىخەتەرلىك كاپالەت تەدبىرىنى قوللىنىشى كېرەك.

  80- ماددا ساياھەت تىجارەتچىلىرى ساياھەت پائالىيىتىدە تۆۋەندىكى ئىشلارنى ساياھەتچىلەرگە ئېنىق چۈشەندۈرۈشى ۋە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇشى كېرەك:

  (1) ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلەرنى توغرا ئىشلىتىش ئۇسۇلى؛

  (2) زۆرۈر بىخەتەرلىك مۇداپىئە تەدبىرى ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى؛

  (3) ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلمىگەن تىجارەت، مۇلازىمەت سورۇنى ۋە ئەسلىھە، ئۈسكۈنە؛

  (4) ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشسا باب كەلمەيدىغانلار؛

  (5) ساياھەتچىلەرنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان باشقا ئەھۋاللار.

  81- ماددا تاسادىپىي ۋەقە ياكى ساياھەت بىخەتەرلىك ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ساياھەت تىجارەتچىلىرى دەرھال زۆرۈر پاناھلاندۇرۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى قوللىنىپ، مەلۇم قىلىش مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى ھەمدە ساياھەتچىلەرنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.

  82- ماددا ساياھەتچىلەر جىسمانىي بىخەتەرلىكى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكى خەۋپكە ئۇچرىغاندا، ساياھەت تىجارەتچىلىرىدىن، شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىدىن ۋە ئالاقىدار ئاپپاراتتىن ۋاقتىدا پاناھلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

  جۇڭگو چېگراسىدىن چىقىپ ساياھەت قىلغۇچىلار چېگرا سىرتىدا قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ شۇ جايدا تۇرۇشلۇق ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە ياردەم بېرىشىنى ۋە قوغدىشىنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

  ساياھەتچىلەر ئالاقىدار تەشكىلات ياكى ئاپپاراتنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۆزى ئۈستىگە ئالىدىغان خىراجەتنى چىقىرىشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل
ئالدىنقى بەت   【1】 【2】 【3】  كېيىنكى بەت