ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يەر ئاستى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش نىزامى

(2002- يىل 5- ئاينىڭ 31- كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28- يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2004- يىل 11- ئاينىڭ 26- كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13- يىغىنىدا تۈزىتىلگەن، 2017- يىل 5- ئاينىڭ 27- كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29- يىغىنىدا ئۆزگەرتىلدى)

2017.10.06 13:17 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى
    (40- نومۇرلۇق)
  «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يەر ئاستى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش نىزامى» 2017- يىل 5- ئاينىڭ 27- كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29- يىغىنىدا ماقۇللاندى، 2017- يىل 7- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
  شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئالاھىدە ئېلان چىقاردۇق.
     ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى
     2017- يىل 5- ئاينىڭ 27- كۈنى

    1- باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
  1- ماددا بۇ نىزام يەر ئاستى سۇ بايلىقىنى قوغداش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، يەر ئاستى سۇ بايلىقىدىن ئىلمىي پايدىلىنىش، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ قانۇنى» ۋە ئالاقىدار قانۇن- نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.
  2- ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان يەر ئاستى سۇ بايلىقى دېگىنىمىز، يەر ئاستىدا ساقلانغان پايدىلانغىلى بولىدىغان ياكى پايدىلىنىش ئېھتىمالى بولغان سۇ مەنبەسى (يەر ئاستى ئىسسىق سۈيى، مىنېرال سۇ، تۇزلۇق سۇ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نى كۆرسىتىدۇ.
  بۇ نىزامدا ئېيتىلغان يەر ئاستى سۈيىنى ئېلىش قۇرۇلۇشى ھەر خىل سۇ قۇدۇقى، بېسىملىق قۇدۇق، كارىز، يەر ئاستى ئىسسىق سۇ قۇدۇقى قاتارلىقلارنى ۋە ئۇلارنىڭ يانداش ئەسلىھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
  3- ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە يەر ئاستى سۇ بايلىقىنى قوغدايدىغان، باشقۇرىدىغان ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر مۇشۇ نىزامغا ئەمەل قىلىشى كېرەك.
  4- ماددا يەر ئاستى سۇ بايلىقىنى قوغداش، باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشتا تۆۋەندىكى پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىش كېرەك:
  (1) يەر ئاستى سۇ بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانىغا ئۇيغۇن بولۇش؛
  (2) مەنبەسىنى ئېچىش بىلەن ئېقىم تىزگىنلەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، سۇنى پىلانلىق، تېجەشلىك ئىشلىتىش؛
  (3) ئېچىش بىلەن تولۇقلاشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، سۇ مەنبەسىنى ساقلاش، سۇ مەنبەسىنىڭ قۇرۇپ كېتىشى ۋە يەر ئاستى سۇ مەنبەسى بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛
  (4) شەھەر- يېزا ئاھالىسىنىڭ تۇرمۇش سۇ ئېھتىياجىنى ئاۋۋال قاندۇرۇش، ئېكولوگىيەگە، سانائەتكە ۋە يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان سۇنى بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش.
  5- ماددا يەر ئاستى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇشتا مەمۇرىي رايون بويىچە باشقۇرۇش بىلەن ۋادى بويىچە باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈشتەك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى يولغا قويۇلىدۇ.
  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ يەر ئاستى سۇ بايلىقىنى قوغداش، باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى ھەم ئۇنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.
  ئاپتونوم رايوننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئاپتونوم رايوننىڭ يەر ئاستى سۇ بايلىقىنى بىرتۇتاش باشقۇرىدۇ ۋە نازارەت قىلىدۇ؛ ئوبلاست (شەھەر، ۋىلايەت)، ناھىيە (شەھەر، رايون) نىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى دەرىجە بويىچە باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى بويىچە يەر ئاستى سۇ بايلىقىنى بىرتۇتاش باشقۇرىدۇ ۋە نازارەت قىلىدۇ.
  ۋادى باشقۇرغۇچى ئاپپارات تەستىق بىلەن يولغا قويۇلغان يەر ئاستى سۇ بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانىنى ئاساس قىلىپ، باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى ۋادى دائىرىسىدىكى يەر ئاستى سۇ بايلىقىنى مەسئۇلىيىتى بويىچە باشقۇرىدۇ ۋە نازارەت قىلىدۇ.
  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش، زېمىن بايلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى يەر ئاستى سۇ بايلىقىنى قوغداشقا ئالاقىدار مەسئۇلىيەتلىرىنى مەسئۇلىيىتى بويىچە ئادا قىلىدۇ.
  6- ماددا ئاپتونوم رايون دۆلەتنىڭ سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇشقا دائىر ئەڭ قاتتىق بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، يەر ئاستى سۇ بايلىقىنى قوغداش، باشقۇرۇش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە تەكشۈرۈپ باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، يەر ئاستى سۇ بايلىقىنى قوغداش، باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلىرىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئۇنىۋېرسال باھالاش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.
  7- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى يەر ئاستى سۇ بايلىقىغا دائىر ئىلغار پەن- تېخنىكىنى تەتقىق قىلىش، كېڭەيتىش ۋە قوللىنىشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، يەر ئاستى سۇ بايلىقىنى قوغداش تەشۋىق- تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ يەر ئاستى سۇ بايلىقىنى قوغداش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
  8- ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ يەر ئاستى سۇ بايلىقىنى تېجەش، قوغداش مەجبۇرىيىتى بار، يەر ئاستى سۈيىنى قانۇنغا خىلاپ ئېچىش، يەر ئاستىدىكى سۇ ئېلىش قۇرۇلۇشى ئەسلىھەسىنى بۇزۇۋېتىش، سۇ بايلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە ئۇنى بۇلغاش قىلمىشلىرىنى پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
  مەمۇرىي مەسئۇل تارماق پاش قىلىش مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغان ھامان ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى ھەم بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى پاش قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى؛ قانۇنغا خىلاپ قىلمىش بولسا، بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلىشى كېرەك. ئەرز قىلىنغان ۋە پاش قىلىنغان مەزمۇننىڭ راستلىقى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان بولسا، باشقۇرۇش تەۋەلىك ھوقۇقى بار مەمۇرىي مەسئۇل تارماق پاش قىلغۇچىنى ئەھۋالغا قاراپ مۇكاپاتلىسا بولىدۇ.
    2- باب پىلانلاش ۋە پايدىلىنىش
  9- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى يەر ئاستى سۇ بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئەھۋالى ۋە ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى ھەر بەش يىلدىن ئون يىلغىچە تەكشۈرۈپ باھالىشى ھەم بىر دەرىجە يۇقىرى سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.
  يەر ئاستى سۇ بايلىقىنى تەكشۈرۈپ باھالاش نەتىجىسى يەر ئاستى سۇ بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانىنى تۈزۈشنىڭ ئاساسى قىلىنىدۇ.
  10- ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئاپتونوم رايوننىڭ يەر ئاستى سۇ بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويىدۇ. ئوبلاست (شەھەر، ۋىلايەت)، ناھىيە (شەھەر، رايون) نىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىر دەرىجە يۇقىرى ئورۇننىڭ يەر ئاستى سۇ بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانى بويىچە، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ يەر ئاستى سۇ بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويىدۇ ھەم بىر دەرىجە يۇقىرى سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.
  11- ماددا تەستىقلانغان يەر ئاستى سۇ بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىش كېرەك. يىرىك پىلاننى تەستىقلىغان ئورگان يىرىك پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى نازارەت قىلىشى ھەم يىرىك پىلاننى يولغا قويۇش ئەھۋالىنى باھالاشقا قەرەللىك تەشكىللىشى كېرەك. يەر ئاستى سۇ بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتمەسلىك كېرەك. ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، يىرىك پىلان تۈزۈش تەرتىپى بويىچە، ئەسلىي تەستىقلىغان ئورگانغا تەستىقلىتىش كېرەك.
  12- ماددا يەر ئاستى سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىشتا ئومۇمىي مىقدار ۋە سۇ ئورنىنى تىزگىنلەش يولغا قويۇلىدۇ.
  ئوبلاست (شەھەر، ۋىلايەت)، ناھىيە (شەھەر، رايون)نىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى يەر ئاستى سۇ بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانى، شۇنىڭدەك تەستىقلانغان يەر ئاستى سۇ بايلىقىنى ئېچىش ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچىگە ئاساسەن، يىللىق ئېچىش پىلانىنى تۈزۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويىدۇ ھەم بىر دەرىجە يۇقىرى سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ. ئىستراتېگىيەلىك زاپاس ساقلاش، قۇرغاقچىلىق ئاپىتى، ئوت ئاپىتى، يەر تەۋرەش قاتارلىق جىددىي ئېھتىياجنى قاندۇرۇشنى ھېسابقا ئالمىغاندا، يەر ئاستى سۇ بايلىقىنى يىللىق قېزىش ئومۇمىي مىقدارىنى تەستىقلىغان يەر ئاستى سۈيىنى قېزىش ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچىدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ.
  ئوبلاست (شەھەر، ۋىلايەت)، ناھىيە (شەھەر، رايون) نىڭ يەر ئاستى سۇ ئورنى يىرىك پىلاندىكى سۇ ئورنىنى تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچىدىن تۆۋەن بولسا بولمايدۇ.
  13- ماددا رايون ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى ۋە شەھەرنىڭ ئومۇمىي پىلانىنى تۈزگەندە ياكى چوڭ- چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغاندا، يەر ئاستى سۇ بايلىقىنى ئىشلىتىشكە مۇناسىۋەتلىك بولسا، يىرىك پىلاندىكى سۇ بايلىقىنى دەلىللەش كېرەك.
  14- ماددا يەر ئاستى سۇ بايلىقىنى ئىشلىتىشتە، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە سۇ ئېلىش ئىجازىتى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش كېرەك. قۇرۇلۇشقا يەر ئاستى سۇ بايلىقىنى ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، قۇرۇلۇشقا كېتىدىغان سۇ بايلىقىنى دەلىللەش بەلگىلىمىسى بويىچە، قۇرۇلۇشقا كېتىدىغان سۇ بايلىقىنى دەلىللەش دوكلاتىنىمۇ تەييارلاش كېرەك.
  15- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى سۇ ئېلىش ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچىدىن ئېشىپ كەتكەن رايونلارنىڭ قۇرۇلۇشقا سۇ ئېلىشنى يېڭىدىن كۆپەيتىشىنى تەستىقلىماي تۇرۇشى؛ سۇ ئېلىش ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچىگە يېتىپ قالاي دەپ قالغان رايونلارنىڭ يېڭىدىن كۆپەيتىدىغان سۇ ئېلىش مىقدارىغا چەك قويۇشى كېرەك.
  16- ماددا ئوخشاش بىر ھىدروگېئولوگىيەلىك بۆلەك ئىچىدىكى قوشنا مەمۇرىي رايونلاردا يەر ئاستى سۈيىنى ئېچىشتا، سۇ ئاچقۇچى تۇرۇشلۇق جايدىكى سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى سۇ ئېلىش ئىجازىتى ئىلتىماسى تەستىقلىنىشتىن بۇرۇن، قوشنا تەرەپتىكى سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىدىن پىكىر ئېلىشى كېرەك؛ پىكىردە بىرلىككە كېلەلمىسە، سۇ ئاچقۇچى تەرەپتىكى سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى يەر ئاستى سۈيىنى قېزىشنى ئۆز ئالدىغا تەستىقلىسا بولمايدۇ. يەر ئاستى سۈيىنى ئېچىش زۆرۈر بولسا، سۇ ئېلىش ئىجازىتى ئىلتىماسىنى ئۇلارغا ئورتاق بولغان بىر دەرىجە يۇقىرى سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قوبۇل قىلىدۇ ھەم تەستىقلايدۇ.
  17- ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، يەر ئاستى سۈيى ئېلىش قۇرۇلۇشىنى يېڭىدىن قىلىشقا، كېڭەيتىشكە ۋە ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ:
  (1) يەر ئاستى سۇ بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانىغا ئۇيغۇن كەلمىسە؛
  (2) يەر ئاستى سۈيىنى ئېچىش مىقدارى يىللىق پىلاندىكى قېزىش ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچىگە يەتسە ياكى ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتسە؛
  (3) يەر ئاستى سۈيىنى ئېچىش تۈپەيلىدىن يەر يۈزى ئولتۇرۇشۇپ كېتىش قاتارلىق ئېغىر گېئولوگىيەلىك ئاپەت كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى بولسا؛
  (4) يەر ئاستى سۇ بايلىقىنى بۇلغاش ئېھتىمالى بولسا؛
  (5) سۇ بېرىش تۇرۇبا تورىنىڭ قاپلاش دائىرىسىدە تۇرۇبا سۈيى ئېھتىياجنى قاندۇرالىسا؛
  (6) سۇ بېرىشتە، يەر ئۈستى سۈيىدىن پايدىلانغان، يەنە كېلىپ سۇ ئىشلىتىش ئېھتىياجنى قاندۇرالىغان بولسا؛
  (7) ئېكولوگىيە سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىمالى بولسا.قۇرۇلۇپ بولغان سۇ ئېلىش قۇرۇلۇشى چۇۋۇۋېتىلىدۇ.
  18- ماددا سۇ ئېلىش ئىجازەت ئىلتىماسى تەستىقلانغاندىن كېيىن، يەر ئاستى سۈيىنى ئېلىش قۇرۇلۇشى قىلىشقا توغرا كەلسە، سۇ ئېلىش قۇرۇلۇشىنى قىلغۇچى ئورۇن قۇرۇلۇش قىلىشتىن بۇرۇن، شۇ جايدىكى ناھىيە (شەھەر، رايون)نىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ساپا ئىسپاتى ۋە قۇرۇلۇش قىلىش لايىھەسىنى تاپشۇرۇپ، نازارەت ۋە تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.
  قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن تەستىقلانغان سۇ ئېلىش ئورنى، ئېچىش چوڭقۇرلۇقى، قاتلىمى، شۇنىڭدەك ئالاقىدار تېخنىكىلىق قائىدە بويىچە قۇرۇلۇش قىلىشى كېرەك.
  19- ماددا يەر ئاستى سۈيىنى ئېلىش قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن، سۇ ئالىدىغان ئورۇن ياكى شەخس ئۆلچەمگە توشىدىغان ئۆلچەش ئەسلىھەلىرىنى ئورنىتىپ، ئۆلچەش ئەسلىھەلىرىنىڭ نورمال ئىشلىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك ھەم دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنى تەشكىللىشى كېرەك.
  سۇ ئالغۇچى ئورۇن ياكى شەخس تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنى تەشكىللىگەندىن كېيىنكى 30 كۈن ئىچىدە، يەر ئاستى سۈيىنى ئېلىش قۇرۇلۇشىنى سىناپ ئىشلىتىش ماتېرىيالى ۋە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالغانلىق ئەھۋالى توغرىسىدىكى ماتېرىيالنى سۇ ئېلىش ئىجازىتى بەرگەن ئورگانغا يوللىشى كېرەك؛ سۇ ئېلىش ئىجازىتى بەرگەن ئورگان ئالاقىدار ماتېرىيالنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 20 ئىش كۈنى ئىچىدە، سۇ ئېلىش قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ ئۆلچەش ئەسلىھەسى، سۇ تېجەش ئەسلىھەسى، شۇنىڭدەك پاسكىنا، كېرەكسىز سۇنى چىقىرىۋېتىش ئەھۋاللىرىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ، لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن، سۇ ئېلىش ئىجازەتنامىسى بېرىشى كېرەك.
  سۇ ئالغۇچى ئورۇن ياكى شەخس يەر ئاستى سۈيىنى تەستىقلانغان ئىشلىتىش ئورنى بويىچە ئىشلىتىشى كېرەك.
  20- ماددا يەر ئاستى سۈيىنى ئىشلىتىشتە تېيىز قاتلامدىكى يەر ئاستى سۈيىنى ئىشلىتىشنى ئاساس قىلىش كېرەك.
  تۇرمۇشقا ئىشلىتىش زۆرۈر بولغان سۇ ۋە تاسادىپىي ۋەقەگە جىددىي تاقابىل تۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇنى ئېلىشنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بېسىملىق سۇنى ئىچىملىك سۇ مەنبەسى، ئىستراتېگىيەلىك زاپاس سۇ مەنبەسى ياكى جىددىي ئىشلارغا ئىشلىتىلىدىغان سۇ مەنبەسى قىلىپ، ئېچىشنى تىزگىنلەش كېرەك. ئېچىلىپ بولغانلىرىدا، شۇ جايدىكى ناھىيەلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) خەلق ھۆكۈمىتى سەپلىمە سۇ مەنبەسىنى بەرپا قىلىپ، ئېچىشنى ئازايتىش پىلانىنى تۈزۈپ، سۇ ئېلىش قۇرۇلۇشىنى تەدرىجىي توختىتىشى كېرەك.
  كۆپ قاتلاملىق يەر ئاستى سۈيىنىڭ سۇ قاتلاملىرىنىڭ سۇ سۈپىتىدە پەرق چوڭ بولسا، قاتلام بويىچە ئېچىش كېرەك؛ بۇلغىنىپ كەتكەن تېيىز قاتلامدىكى يەر ئاستى سۈيى ۋە بېسىملىق سۇنى ئارىلاش ئېچىشقا يول قويۇلمايدۇ.
  21- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى يەر ئاستى سۈيى ئېلىش قۇرۇلۇشىنى تىزىملاپ باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىپ، يەر ئاستى سۈيى ئېلىش قۇرۇلۇشىنىڭ سانى، ئورنى، ئۈسكۈنىلىرىنىڭ يۈرۈشۈشى ۋە باشقۇرۇش، ئىشلىتىش ئەھۋالىنى تىزىملاپ، ئۇچۇرلارنى جانلىق باشقۇرۇشى كېرەك.
  قۇدۇقنى يېڭىلاپ، چارلاش قۇدۇقىنى سۇ ئېلىش قۇدۇقى ئورنىدا ئىشلىتىدىغانلار تەۋەلىك ھوقۇقىغا ئىگە سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك، تەستىقلاتماي تۇرۇپ يېڭىلىسا ۋە ئىشلەتسە بولمايدۇ.
  يەر ئاستى سۈيىنى ئېلىش قۇرۇلۇشىنى توختىتىش، بىكار قىلىشتا، مۈلۈك ھوقۇقى ئىگىسى ئىشنى توختاتقان ياكى سۇ ئېلىشنى توختاتقان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، يەر ئاستى سۈيى ئېلىش قۇرۇلۇشى بار جايدىكى ناھىيە(شەھەر، رايون)نىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا بېرىپ رويخەتتىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتىنى ئۆتىشى ھەم بەلگىلىمە بويىچە تىندۇرۇۋېتىشى كېرەك.
  22- ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قۇدۇق قېزىپ يەر ئاستى سۈيىنى ئېچىشىغا، يەر ئاستى سۈيىنى ئېلىش قۇرۇلۇش ئەسلىھەسىنى نابۇت قىلىشىغا، يەر ئاستى سۇ بايلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا ۋە ئۇنى بۇلغىشىغا يول قويۇلمايدۇ. دۆلەتنىڭ تېخنىكىلىق ئۆلچەمدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۆلچەش ئەسلىھەسى ئورنىتىلمىغان ماشىنا قۇدۇققا سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى سۇ ئېلىش ئىجازەتنامىسى بەرمەيدۇ، توك بېرىش تارمىقى توك بەرمەيدۇ.
    3- باب قوغداش
  23- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى تۇرمۇش سۈيى مەنبەسى، مۇھىم سانائەت تۈرلىرىگە ئىشلىتىلىدىغان سۇ مەنبەسى، بوستانلىق بويىدىكى ئېكولوگىيەگە ئىشلىتىلىدىغان سۇ مەنبەسىنى نۇقتىلىق رايون قىلىپ، يەر ئاستى سۇ مەنبەسى قوغدىلىدىغان رايونلارنى ئايرىپ، قوغداش ۋە باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى تۈزۈشى ھەم يولغا قويۇشى كېرەك.
  24- ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون بېكىتكەن تېخنىكىلىق ئۆلچەم بويىچە، يەر ئاستى سۈيىنى ئېچىشقا باب كېلىدىغان رايون، ئېچىشقا چەك قويۇلىدىغان رايون، يەر ئاستى سۈيى زىيادە ئېچىلغان رايون ۋە يەر ئاستى سۈيىنى ئېچىش چەكلەنگەن رايوننى ئايرىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن، جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك.
  25- ماددا يەر ئاستى سۈيىنى ئېچىشقا باب كېلىدىغان رايوندا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەستىقلانغان سۇ ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش لايىھەسى بويىچە، يەر ئاستى سۈيىدىن مۇۋاپىق ئېچىپ پايدىلىنىشى كېرەك.
  26- ماددا يەر ئاستى سۈيىنى ئېچىشقا چەك قويۇلغان رايوندا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى يەر ئۈستى سۈيى بىلەن يەر ئاستى سۈيىنى مۇۋاپىق تەقسىملەپ، يەر ئاستى سۈيىنى ئېلىش ئومۇمىي مىقدارىنى قاتتىق تىزگىنلىشى كېرەك.
  27- ماددا يەر ئاستى سۈيى زىيادە ئېچىلغان رايوندا، يەر ئاستى سۈيىنى ئېلىش قۇرۇلۇشى چەكلىنىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە يەر ئاستى سۈيى زىيادە ئېچىلغان رايوننى تۈزەش لايىھەسىنى تۈزۈپ، يەر ئاستى سۈيىنى ئېچىش مىقدارىنى تەڭشەش- ئازايتىش نىشانىنى بېكىتىپ، نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئېچىش مىقدارىنى بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە ئازايتىشى كېرەك.
  28- ماددا يەر ئاستى سۈيىنى ئېچىش چەكلەنگەن رايوندا، شەھەر- يېزىلارنىڭ تۇرمۇش سۈيى ئۈچۈن ياكى ئىستراتېگىيەلىك زاپاس ساقلاش، قۇرغاقچىلىق ئاپىتى، ئوت ئاپىتى، يەر تەۋرەش قاتارلىق جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئېھتىياجى ئۈچۈن سۇ ئىشلەتكەننى ھېسابقا ئالمىغاندا، بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە توختىتىش كېرەك.
  توختىتىش لايىھەسىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تۈزۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويۇشى كېرەك.
  29- ماددا كۆمۈلگەن تۇرۇبا ياكى سىڭىش قۇدۇقى، سىڭىش ئازگىلى ۋە يېرىقلاردىن پايدىلىنىپ، تەركىبىدە زەھەرلىك بۇلغىما بار كېرەكسىز سۇ، تەركىبىدە كېسەل قوزغاتقۇچ بار پاسكىنا سۇنى چىقىرىش ۋە باشقا تاشلاندۇقلارنى تۆكۈش مەنئى قىلىنىدۇ.
  سىڭىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى قوللىنىلمىغان ئۆستەڭ، ئورەكلەردىن پايدىلىنىپ، تەركىبىدە زەھەرلىك بۇلغىما بار كېرەكسىز سۇ، تەركىبىدە كېسەل قوزغاتقۇچ بار پاسكىنا سۇ ۋە باشقا تاشلاندۇقلارنى ماڭدۇرۇش ۋە ئۇنىڭدا ساقلاش مەنئى قىلىنىدۇ.
  30- ماددا يەر يۈزىگە ۋە سۇغا تۆۋەندىكى ماددىلارنى چىقىرىش، تۆكۈش مەنئى قىلىنىدۇ:
  (1) ماي، كىسلاتالىق سۇيۇقلۇق، ئىشقارلىق سۇيۇقلۇق ياكى ئۆتكۈر زەھەرلىك كېرەكسىز سۇيۇقلۇق، شۇنىڭدەك سانائەت ۋە تۇرمۇشتىن چىققان ئۆلچەمگە يەتمەيدىغان كېرەكسىز سۇ؛
  (2) رادىيوئاكتىپلىق قاتتىق تاشلاندۇق ياكى تەركىبىدە يۇقىرى رادىيوئاكتىپلىق ۋە ئوتتۇراھال رادىيوئاكتىپلىق ماددا بار كېرەكسىز سۇ؛
  (3) سانائەت داشقىلى، شەھەر- بازار ئەخلىتى ۋە باشقا تاشلاندۇق.
  31- ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى دۆۋىلەش مەيدانى، ئەخلەت كۆمۈش مەيدانى، كان داشقىلى مەيدانى ( تاشلاندۇق كاننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، كۈل مەيدانى، ماي پونكىتى، زەھەرلىك، زىيانلىق ماددىلارنى ساقلاش سورۇنى قۇرۇشتا، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە، سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە ئالاقىدار تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، سىڭىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لايىھەسىنى تۈزۈشى ھەم بەلگىلىمە بويىچە، مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ۋە سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا سۇ سۈپىتىنى ئۆلچەش مەلۇماتىنى قەرەللىك دوكلات قىلىشى كېرەك.
  تەركىبىدە سىماب، كادمىي، ئارسېن، خىروم، قوغۇشۇن، سىيانىد، سېرىق فوسفور قاتارلىق ئېرىشچان، ئۆتكۈر زەھەرلىك داشقال ۋە ئاسان پارچىلانمايدىغان ئورگانىك ماددا بار ياكى تەركىبىدە ماي بار تاشلاندۇقلارنى يەر ئاستىغا بىۋاسىتە كۆمۈش مەنئى قىلىنىدۇ.
  32- ماددا زاۋۇت- كان- كارخانىلار ئاساسىي خاڭدىكى سۇدىن، خاڭدىكى سۇدىن ۋە سىڭىپ چىققان سۇدىن ئاۋۋال پايدىلىنىشى كېرەك. ھەممىسىدىن پايدىلىنىپ بولالمىسا، بىر تەرەپ قىلىپ ئۆلچەمگە يەتكۈزگەندىن كېيىن چىقىرىشى كېرەك.
  33- ماددا يەر ئاستىغا سۇ قايتۇرغاندا، يەر ئاستى سۈيىنىڭ سۈپىتىنى ناچارلاشتۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ.
    4- باب ئۆلچەش ۋە نازارەت قىلىش
  34- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى يەر ئاستى سۈيىنى ئۆلچەش پونكىت تورىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مۇۋاپىق جايلاشتۇرۇشى، يەر ئاستى سۈيىنى ئۆلچەش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يەر ئاستى سۈيىنىڭ ئورنى، مىقدارى، سۈپىتى، تېمپېراتۇرىسى قاتارلىقلارنى جانلىق نازارەت قىلىش- ئۆلچەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۆلچەش مەلۇماتىنى ۋاقتىدا توپلىشى، يوللىشى، بىر تەرەپ قىلىشى، ساقلىشى، ئۆلچەش نەتىجىسىنى جەمئىيەتكە قەرەللىك ئېلان قىلىشى كېرەك.
  35- ماددا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ يەر ئاستى سۈيىنى ئۆلچەش ئەسلىھەسى ۋە ئۆلچەش بەلگىسىنى يۆتكىۋېتىشىگە، بۇزۇۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
  36- ماددا يەر ئاستى سۈيىنى ئۆلچەيدىغان، سۇ ئالىدىغان ۋە ئىشلىتىدىغان ئورۇنلاردىن يەر ئاستى سۈيىنىڭ بۇلغىنىش ئېھتىمالىنى بايقىغانلىرى شۇ جايدىكى مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى؛ يەر ئاستى سۇ ئورنىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى بايقىغانلىرى شۇ جايدىكى سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك.
  مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغان مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ياكى سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قۇتقۇزۇش تەدبىرى ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى ۋاقتىدا قوللىنىشى ھەم شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋە بىر دەرىجە يۇقىرى مەسئۇل تارماققا مەلۇم قىلىشى كېرەك.
  37- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى زېمىن بايلىقى، مۇھىت ئاسراش تارمىقى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، يەر ئاستى سۈيىنى ئۆلچەش مەلۇمات ماتېرىياللىرىدىن تەڭ پايدىلىنىش مېخانىزمى ۋە ئۆزئارا خەۋەرلەندۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، يەر ئاستى سۈيىنى باشقۇرۇش ئۇچۇرلىرىدىن تەڭ پايدىلىنىشى كېرەك.
  38- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى يەر ئاستى سۇ بايلىقىنى قوغداش ۋە پايدىلىنىشنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك. كۆرسەتكۈچتىن ئاشۇرۇپ سۇ ئالغانلارنى بايقىسا، ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇشى كېرەك، مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرگە توك مەسئۇل تارمىقى توك بېرىشنى توختىتىدۇ.
  تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇن ياكى شەخس ئەھۋالنى ئەينەن دوكلات قىلىشى ھەم زۆرۈر مەلۇمات ماتېرىياللىرىنى بېرىشى كېرەك.
    5- باب قانۇن جاۋابكارلىقى
  39- ماددا سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ خادىملىرىدىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرىگە ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارمىقى قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:
  (1) سۇ ئېلىش ئىجازىتى ئىلتىماسىنى قانۇنغا خىلاپ تەستىقلاپ، سۇ ئېلىش ئىجازەتنامىسى بەرگەنلەر؛
  (2) يەر ئاستى سۇ بايلىقى ھەققىنى قانۇنغا خىلاپ ئالغان ۋە ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن كەچۈرۈم قىلغان، كېمەيتكەنلەر؛
  (3) سۇ ئېلىش قۇرۇلۇشى تۈرىنى تەستىقلاش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاشتا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلار؛
  (4) قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى بايقاپ تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلمىغانلار؛
  (5) سۇ ئېلىش پىلان- كۆرسەتكۈچىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتكەنلەر؛
  (6) خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە- كەلمەس پايدىلىنىش، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىشتەك باشقا قىلمىشلار.
  40- ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ:
  (1) بېسىملىق سۇ ئېلىش قۇرۇلۇشىنى تاقاش، توختىتىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛
  (2) قۇدۇقنى يېڭىلىغان، چارلاش قۇدۇقىنى سۇ ئېلىش قۇدۇقى ئورنىدا ئىشلەتكەنلەر؛
  (3) يەر ئاستى سۈيىنى ئېلىش قۇرۇلۇشىنى توختىتىش، بىكار قىلىشتا رويخەتتىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتىنى ئۆتىمىگەن ياكى بىكار قىلىنغان يەر ئاستى سۈيى ئېلىش قۇرۇلۇشىنى تىندۇرۇۋېتىشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛
  (4) ئېلىنغان سۇنى ئۆلچەش ئەسلىھەسى ئورناتمىغان ياكى ئېلىنغان سۇنى ئۆلچەش ئەسلىھەسى نورمال ئىشلىمىگەنلەر؛
  (5) سۇ ئالغۇچى ئورۇن ياكى شەخسلەردىن سۇ ئېلىش مەلۇمات ماتېرىياللىرىنى بەرمەي تۇرۇۋالغانلار ياكى ئەينەن بەرمىگەنلەر؛
  (6) ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قۇدۇق كولىغان، سۇ ئېلىش قۇرۇلۇشى قىلغانلار؛
  (7) يەر ئاستى سۇ ئېلىش قۇرۇلۇشىنى نابۇت قىلىۋەتكەنلەر.
  ئالدىنقى تارماقنىڭ (2)، (4)، (5)، (6) تارماقچىلىرىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ سۇ ئېلىش مىقدارىنى، سۇ ئېلىش قۇرۇلۇشى ياكى ئەسلىھەسىنىڭ ئەڭ كۆپ سۇ ئېلىش ئىقتىدارى بويىچە ھېسابلاپ سۇ بايلىقى ھەققى ئېلىش كېرەك.
  41- ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، يەر ئاستى سۈيىنى ئۆلچەش ئەسلىھەسى ۋە ئۆلچەش بەلگىسىنى قەستەن يۆتكىۋەتكەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ ئۆلچەش ئەسلىھەسى ۋە ئۆلچەش بەلگىسىنى نابۇت قىلىۋەتكەنلەرگە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ھەم ئۇلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
  42- ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تەستىقلاتماي تۇرۇپ، سۇنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتكەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.
  43- ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، يەر ئاستى سۈيىنى تەستىقلانغان سۇ ئېلىش ئورنى، ئېچىش چوڭقۇرلۇقى، قاتلىمى بويىچە ئاچمىغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.
  44- ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، يەر ئاستى سۈيى زىيادە ئېچىلغان رايون، ئېچىش مەنئى قىلىنغان رايوندا يەر ئاستى سۈيى ئېلىش قۇرۇلۇشى قىلغانلار ياكى ئېچىش مەنئى قىلىنغان رايوندا توختىتىش لايىھەسىنى ئىجرا قىلمىغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.
  45- ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا، بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە تۈزەش تەدبىرى قوللىنىشقا، بۇلغىنىشنى تۈگىتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەم قىلمىشىنىڭ ئېغىر- يېنىكلىكىگە قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جازالايدۇ:
  (1) سۇ مەنبەسى قوغدىلىدىغان رايونغا تۇرۇبا كۆمگەنلەر؛
  (2) سىڭىش قۇدۇقى، سىڭىش ئازگىلى ۋە يېرىقتىن پايدىلىنىپ تەركىبىدە زەھەرلىك بۇلغىما بار كېرەكسىز سۇ، تەركىبىدە كېسەل قوزغاتقۇچ بار يۇندى چىقارغان ۋە باشقا تاشلاندۇقلارنى تۆككەنلەر؛
  (3) سىڭىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللىنىلمىغان ئۆستەڭ، ئورەكلەردىن پايدىلىنىپ تەركىبىدە زەھەرلىك، زىيانلىق بۇلغىما بار كېرەكسىز سۇ، تەركىبىدە كېسەل قوزغاتقۇچ بار يۇندى ۋە باشقا تاشلاندۇقلارنى ماڭدۇرغان ياكى ئۇنىڭدا ساقلىغانلار؛
  (4) خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى دۆۋىلەش مەيدانى، ئەخلەت كۆمۈش مەيدانى، كان داشقىلى مەيدانى (جۈملىدىن تاشلاندۇق كاننى)، كۈل مەيدانى، ماي پونكىتى، زەھەرلىك، زىيانلىق ماددىلارنى ساقلاش ئورنى قۇرۇشتا، يەر ئاستى سۈيى بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، سىڭىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسىنى تۈزۈش ھەم بەلگىلەنگەن سۇ سۈپىتىنى ئۆلچەش مەلۇماتىنى ۋاقتىدا دوكلات قىلىشتا ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛
  (5) يەر يۈزىگە ۋە سۇغا ماي، كىسلاتالىق سۇيۇقلۇق، ئىشقارلىق سۇيۇقلۇق ياكى ئۆتكۈر زەھەرلىك كېرەكسىز سۇيۇقلۇق، شۇنىڭدەك سانائەت ۋە تۇرمۇشتىن چىققان ئۆلچەمگە يەتمىگەن كېرەكسىز سۇ تۆككەن ياكى رادىيوئاكتىپلىق قاتتىق تاشلاندۇق، تەركىبىدە يۇقىرى رادىيوئاكتىپلىق ۋە ئوتتۇراھال رادىيوئاكتىپلىق ماددا بار كېرەكسىز سۇ تۆككەن ۋە ياكى سانائەت داشقىلى، شەھەر- بازار ئەخلىتى ۋە باشقا تاشلاندۇقلارنى تۆككەنلەر؛
  (6) سىماب، كادمىي، ئارسېن، خىروم، قوغۇشۇن، سىيانىد، سېرىق فوسفور قاتارلىق ئاسان ئېرىيدىغان، ئۆتكۈر زەھەرلىك داشقال ۋە ئاسان پارچىلانمايدىغان ئورگانىك ماددىلارنى ياكى تەركىبىدە ماي بار تاشلاندۇقلارنى يەر ئاستىغا بىۋاسىتە كۆمگەنلەر.
  46- ماددا ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى كارخانىلىرىدىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تەستىقلىتىلمىغان ياكى دۆلەتنىڭ تېخنىكىلىق ئۆلچىمىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۆلچەم بىرلىكى ئەسلىھەسى ئورنىتىلمىغان ماشىنا قۇدۇققا توك بەرگەنلىرىنى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى مەسئۇل تارمىقى توك بېرىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ ھەم ئۇلارغا قانۇن بويىچە جەرىمانە قويىدۇ.
  47- ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغان باشقا قىلمىشلارغا ئالاقىدار قانۇن- نىزاملار تەتبىقلىنىدۇ.
    6- باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
  48- ماددا بۇ نىزام 2017- يىل 7- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
  (تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن- نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلېلىم ئېزىز