ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سۇ رايىنى باشقۇرۇش چارىسى

2017.08.11 13:30 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پەرمانى

    206- نومۇرلۇق

    «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سۇ رايىنى باشقۇرۇش چارىسى» 2017- يىل 7- ئاينىڭ 5- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 52- قېتىملىق دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللاندى. ئۇنى ئېلان قىلدۇق، 2017- يىل 9- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

              ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر

                2017- يىل 7- ئاينىڭ 10- كۈنى


  1- ماددا بۇ چارە سۇ رايى خىزمىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سۇ بايلىقىنى قوغداش ۋە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىشقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك، سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ رايى نىزامى»غا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈلگەن ئاساستا تۈزۈلدى.

  2- ماددا بۇ چارە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي رايون تەۋەلىكىدە سۇ رايى پونكىتى ۋە تورىنىڭ يىرىك پىلانى ھەمدە قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش، سۇ رايىنى كۆزىتىش ۋە ئۇنىڭدىن مەلۇمات بېرىش، سۇ رايىنى كۆزىتىش ماتېرىياللىرىنى ئالماشتۇرۇش، ساقلاش ۋە ئىشلىتىش، سۇ رايى ئەسلىھەلىرى ۋە سۇ رايىنى كۆزىتىپ مۇھىت ئاسراش قاتارلىق پائالىيەتلىرىگە تەتبىقلىنىدۇ.

  3- ماددا سۇ رايى ئىشلىرى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئۇل خاراكتېرلىك جامائەت پاراۋانلىقى ئىشىدۇر. سۇ رايى ئىشلىرىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلان دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، كېتەرلىك خىراجەتنى شۇ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىدىن كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.

  4- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايوننىڭ سۇ رايى خىزمىتىگە ئاساسلىق مەسئۇل بولىدۇ، سۇ رايى ئاپپاراتى كونكرېت خىزمەتلەرنى تەشكىللەشكە ۋە يولغا قويۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

  تەرەققىيات- ئىسلاھات، مالىيە، مۇھىت ئاسراش، قاتناش- تىرانسپورت، زېمىن بايلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى، دېھقانچىلىق، مېتېئورولوگىيە قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدىكى سۇ رايىنى باشقۇرۇشقا دائىر خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.

  5- ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى سۇ رايىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سۇ رايىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇپ مۇلازىمەت قىلىش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۇ رايى ئۇچۇرلىرىنى توپلاش، يەتكۈزۈش، بىر تەرەپ قىلىش ۋە مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  6- ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ سۇ رايى ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ سۇ رايى ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانىنى تۈزۈشكە تەشكىللەپ، ئۇنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقلىغاندىن كېيىن يولغا قويىدۇ ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

  7- ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ سۇ رايى ئاپپاراتى ئاپتونوم رايوننىڭ سۇ رايى ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، مۇۋاپىق جايلاشتۇرۇش، ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، تەكرارلىقتىن ساقلىنىش، ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى ئېھتىياجغا تەڭ ئېتىبار بېرىش پىرىنسىپى بويىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ سۇ رايىنى ئۆلچەش پونكىتى تورى قۇرۇلۇشىنىڭ يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەستىقلىغاندىن كېيىن يولغا قويۇشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايوننىڭ سۇ رايىنى ئۆلچەش پونكىتى تورىنىڭ قۇرۇلۇش يىرىك پىلانىنى تەڭشەش ياكى ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە، ئەسلىدە تەستىقلىغان ئورگاننىڭ تەستىقىنى ئېلىش كېرەك.

  8- ماددا سۇ رايىنى ئۆلچەش پونكىتى تورىنىڭ قۇرۇلۇش يىرىك پىلانى ئاساسلىقى پونكىت تورىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە ئۇنى تەھلىل قىلىش ئەھۋالى، يىرىك پىلان پىرىنسىپى ۋە نىشانى، پونكىت تورىنىڭ ئىقتىدارى، پونكىت تورىنىڭ تەشكىللىنىش ئەھۋالى، پونكىت تورىنىڭ جايلىشىشى، كۆزىتىش تۈرى، تەكشۈرۈش شەكلى، باشقۇرۇش شەكلى، كاپالەت تەدبىرى ۋە ئۈنۈمنى باھالاش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  9- ماددا كەلكۈن ئاپىتى كۆپ يۈز بېرىدىغان ۋادا، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش مۇھىم شەھەر- بازارلىرى، چوڭ ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى سۇغىرىش رايونلىرى، سۇ ئامبارلىرى، توما ۋە سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى، مۇھىم سۇ باشلاش (چىقىرىش) ئېغىزلىرى سۇ رايى پونكىتىنىڭ تور قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، سۇ رايىنى ئۆلچەش پونكىتى تەسىس قىلىشى كېرەك.

  كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان كىچىك تىپتىكى سۇ ئامبارلىرى ۋە سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىلىرى سۇ رايىنى ئۆلچەش ئەسلىھەلىرىنى ئورنىتىشى كېرەك.

  10- ماددا سۇ رايىنى ئۆلچەش پونكىتى دۆلەتنىڭ ئاساسىي سۇ رايىنى ئۆلچەش پونكىتى ۋە مەخسۇس سۇ رايىنى ئۆلچەش پونكىتى دەپ ئايرىلىدۇ.

  مەخسۇس سۇ رايىنى ئۆلچەش پونكىتى تەسىس قىلىشتا دۆلەتنىڭ ئاساسىي سۇ رايىنى ئۆلچەش پونكىتى بىلەن تەكرار قۇرۇشقا بولمايدۇ. دۆلەتنىڭ ئاساسىي سۇ رايىنى ئۆلچەش پونكىتى قاپلايدىغان رايونلاردا ھەقىقەتەن مەخسۇس سۇ رايىنى ئۆلچەش پونكىتى تەسىس قىلىشقا توغرا كەلسە، ئاپتونوم رايوندىكى سۇ رايى ئاپپاراتلىرىنىڭ تەستىقىنى ئېلىش كېرەك.

  مۇھىت ئاسراش، قاتناش- تىرانسپورت، مېتېئورولوگىيە، گېئولوگىيەلىك ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىقلاردا ھەقىقەتەن مەخسۇس سۇ رايىنى ئۆلچەش پونكىتى قۇرۇشقا توغرا كەلسە، ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلار تەستىقلىغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايوندىكى سۇ رايى ئاپپاراتىنىڭ پىكرىنى ئېلىش كېرەك.

  مەخسۇس سۇ رايىنى ئۆلچەش پونكىتىنى بىكار قىلىش ئىشلىرىنى ئەسلىدىكى تەستىقلىغان ئورگان تەستىقلىشى كېرەك.

  11- ماددا سۇ رايى پونكىتى تورى قۇرۇلۇشىنى ئاساسىي قۇرۇلۇش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، مۇقىم مۈلۈك سېلىنما قۇرۇلۇشىنىڭ تەستىقى بويىچە يولغا قويۇش كېرەك.

  دۆلەتنىڭ ئاساسىي سۇ رايىنى ئۆلچەش پونكىتى ۋە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش، قوغداش، سۇ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان مەخسۇس سۇ رايىنى ئۆلچەش پونكىتى، سۇ رايىنى ئۆلچەش ئەسلىھەسىنى قۇرۇش ۋە ئىشقا كىرىشتۈرۈش بويىچە باشقۇرۇش خىراجىتىنى شۇ دەرىجىلىلىك مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈش كېرەك.

  سۇچىلىق، سۇ ئېلېكتىر قاتارلىق ئاساسىي قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان سۇ رايىنى ئۆلچەش پونكىتى، سۇ رايىنى ئۆلچەش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا ئۇنى يۈرۈشتۈرۈش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش خىراجىتىنى قۇرۇلۇش ۋە يۈرۈشتۈرۈش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش خىراجىتىگە كىرگۈزۈش كېرەك.

  12- ماددا سۇ رايى ئاساسىي ئەسلىھەلىرىگە يەر ئىشلىتىشتە، جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرى قۇرۇلۇشىغا يەر ئىشلىتىشكە دائىر بەلگىلىمىلەر ئىجرا قىلىنىدۇ.

  13- ماددا سۇ رايى ئاپپاراتلىرى سۇ رايىنى ئۆلچەش ۋاسىتىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، شەھەر سۇ رايى، ئېكولوگىيەلىك سۇ رايى، سۇغىرىش رايونلىرىنىڭ سۇ رايى ۋە يېزىلاردىكى ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردە ئۆلچەش ۋە ئىلمىي تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، سۇ رايى بويىچە جامائەت مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  14- ماددا سۇ رايى ئاپپاراتلىرى دەريا ئېقىنى، كۆل، ئۆستەڭ، سۇ ئامبىرىنىڭ سۇ ئورنى، ئېقىم مىقدارى، سۇنىڭ سۈپىتى، سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى، لاتقا، سۇ ئاستىدىكى يەر شەكلى ۋە يەر ئاستى سۇ بايلىقى ھەمدە ھۆل- يېغىن مىقدارى، پارغا ئايلىنىش مىقدارى، ھاۋا تېمپېراتۇرىسى، نەملىك ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئۆلچەشكە، تەھلىل قىلىشقا ۋە ھېسابلاشقا مەسئۇل بولىدۇ.

  15- ماددا سۇ رايىنى ئۆلچەش خىزمىتىنى يولغا قويۇشتا دۆلەتنىڭ سۇ رايى تېخنىكا قائىدىسىگە رىئايە قىلىپ، ئۆلچەش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، سۇ رايىنى ئۆلچەش ماتېرىياللىرىنى ئويدۇرۇپ چىقارماسلىق كېرەك.

  16- ماددا سۇ رايى ئاپپاراتى يەر ئۈستى سۈيى ۋە يەر ئاستى سۈيىنىڭ سۈپىتى ۋە مىقدارىنى جانلىق ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، سۇ فۇنكسىيە رايونلىرى، شەھەر- يېزىلاردىكى ئىچىملىك سۇ مەنبەسى، مۇھىم سۇ ئېلىش ئېغىزى ۋە دەرياغا قويۇلىدىغان بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزىدىكى سۇنىڭ سۈپىتى ۋە سۇنىڭ مقدارىنى قانۇن بويىچە ئۆلچەپ ۋە باھالاپ، ئۆز رايونىنىڭ سۇ فۇنكسىيە رايونلىرى ۋە ئىچىملىك سۇ مەنبەلىرىنىڭ سۇ سۈپىتى، سۇ مىقدارى ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىشى ھەمدە ئۇنى شۇ جاينىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا مۇھىت ئاسراش ۋە شەھەر- بازارلارنىڭ سۇ تەمىنلەش، بۇلغىما چىقىرىش مەسئۇل تارمىقىغا يوللىشى كېرەك.

  17- ماددا سۇ ئەھۋالى ئۇچۇرلىرىنى يىغىش ۋە سۇ رايى ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان سۇ رايىنى ئۆلچەش پونكىتلىرى باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئاپپاراتلىرى، سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك سۇ رايى ئاپپاراتىغا سۇ رايى ئەمەلىي ئەھۋالىنى ۋاقتىدا، توغرا دوكلات قىلىشى، كەم مەلۇم قىلماسلىقى، كېچىكتۈرۈپ مەلۇم قىلماسلىقى، يوشۇرۇپ مەلۇم قىلماسلىقى كېرەك.

  سۇ رايى ئاپپاراتى ئالاقىدار تەلەپلەر بويىچە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئاپپاراتى، مېتېئورولوگىيە ئاپپاراتى بىلەن بىرلىكتە سۇ ئەھۋالى، يامغۇر ئەھۋالى، قۇرغاقچىلىق ئەھۋالىنى كېڭىشىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئاپەتتىن سىگنال بېرىش ۋە ئۇنى مەلۇم قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  18- ماددا سۇ رايى ئاپپاراتلىرى تاسادىپىي سۇ مىقدارى ئۆزگىرىش ياكى سۇ بۇلغىنىش ۋەقەسىنى جىددىي ئۆلچەش تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جىددىي ئۆلچەش لايىھەسىنى تۈزۈشى كېرەك.

  سۇ سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن تاسادىپىي سۇ بۇلغىنىش ۋەقەسى يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولغاندا ياكى سۇنىڭ مىقدارى ئۆزگىرىش تۈپەيلىدىن كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، سۇ ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يېتىش مۇمكىنچىلىكى بولغاندا، سۇ رايى ئاپپاراتلىرى جىددىي ئۆلچەش لايىھەسىنى دەرھال يولغا قويۇپ، ئىز قوغلاپ كۆزىتىشى، تەكشۈرۈشى ھەمدە كۆزىتىش، تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى شۇ جايدىكى مەمۇرىي باشقۇرۇش، مۇھىت ئاسراش ۋە ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلارغا دوكلات قىلىشى كېرەك.

  19- ماددا سۇ رايى ئاپپاراتى سۇ رايى ئاخباراتىغا ئاساسەن، سۇ رايى ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىش ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا تۈزۈپ، باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئاپپاراتى ۋە سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا دوكلات قىلىشى ھەمدە بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسىدە جەمئىيەتكە بىر تۇتاش ئېلان قىلىشى كېرەك.

  تاراتقۇلار سۇ رايى ئاخباراتىنى ئېلان قىلىشتا، ئېلان قىلغان ئاپپاراتنى ۋە ئېلان قىلغان ۋاقىتنى ئېنىق يېزىشى كېرەك.

  20- ماددا سۇ رايى ماتېرىياللىرىنى تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە جەملەپ يوللاش كېرەك:

  1) باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە سۇ رايى ئاپپاراتى دۆلەتنىڭ ئاساسىي سۇ رايىنى ئۆلچەش پونكىتىنىڭ شۇ يىللىق ئۆلچەش ماتېرىياللىرىنى دۆلەتنىڭ تېخنىكا قائىدىسىگە ئاساسەن رەتلىگەندىن كېيىن، ئىككىنچى يىلى 3- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايوندىكى سۇ رايى ئاپپاراتىغا تاپشۇرىدۇ؛

  2) سۇ فۇنكسىيە رايونى، يەر ئاستى سۈيىنى كۆزىتىش ماتېرىياللىرى، شەھەر- يېزىلارنىڭ ئىچىملىك سۇ مەنبەسى، مۇھىم سۇ ئېلىش ئېغىزى ۋە بۇلغىمىنى دەرياغا قويۇپ بېرىش ئېغىزىنىڭ شۇ يىللىق سۇ رايىنى كۆزىتىش ماتېرىياللىرىنى كۆزىتىش ئورۇنلىرى دۆلەتنىڭ تېخنىكا قائىدىسىگە ئاساسەن تەييارلىغاندىن كېيىن، ئىككىنچى يىلى 3- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايوندىكى سۇ رايى ئاپپاراتىغا تاپشۇرىدۇ؛

  3) ئۆلچەش ئورۇنلىرى سۇ رايىنى ئۆلچەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان باشقا ئورۇنلارنىڭ شۇ يىللىق سۇ رايىنى ئۆلچەش ماتېرىياللىرىنى دۆلەتنىڭ تېخنىكا قائىدىسىگە ئاساسەن رەتلەپ توپلام تۈزۈپ، ماتېرىيال باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسىگە ئاساسەن، ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايدىكى ۋىلايەت، ئوبلاست (شەھەر)لەردىكى سۇ رايى ئاپپاراتى تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ، رەتلەپ توپلام تۈزۈپ، دەرىجىسىنى بېكىتكەندىن كېيىن، ئىككىنچى يىلى 3- ئاينىڭ ئاخىرىلىرىدىن بۇرۇن تاپشۇرىدۇ.

  21- ماددا تاپشۇرىدىغان سۇ رايى ماتېرىياللىرى سۇ رايى تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئاساسەن ئېرىشكەن ئەسلىي ماتېرىيال ۋە توپلام ماتېرىيالىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ماتېرىيال تاپشۇرىدىغان ئورۇنلار ماتېرىيالنىڭ چىنلىقى ۋە ئىشەنچلىكلىكىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك.

  22- ماددا سۇ رايى ئاپپاراتى سۇ رايىنى ئۆلچەش ماتېرىياللىرىنى بەلگىلىمە بويىچە ئوبدان ساقلىشى ھەمدە سۇ رايى سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ۋە سۇ رايىنى ئۆلچەش ماتېرىياللىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش سۇپىسى قۇرۇپ، دۆلەتنىڭ مەخپىيىتىگە چېتىلمايدىغان سۇ رايىنى ئۆلچەش نەتىجىسىنى قانۇن بويىچە ئاشكارىلاپ، جامائەتچىلىكنىڭ سۈرۈشتۈرۈشى ئۈچۈن قولايلىق يارىتىشى كېرەك.

  ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى، جامائەت بىخەتەرلىكى، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ئېھتىياجلار تۈپەيلىدىن، ئاشكارىلانمىغان سۇ رايى ماتېرىياللىرىنى ۋە نەتىجىسىنى ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، ھەقسىز تەمىنلەش كېرەك.

  23- ماددا سۇ رايى ئاپپاراتلىرى سۇ رايىنى ئۆلچەش ئەسلىھەلىرىنى يۈرۈشتۈرۈش ۋە ئۇنى قوغداشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ھەرقانداق ئورۇن ۋە ھەرقانداق شەخسنىڭ سۇ رايىنى ئۆلچەش ئەسلىھەلىرىنى ئىگىلىۋېلىشىغا، بۇزۇۋېتىشىگە، ئۆز مەيلىچە يۆتكىۋېتىشىگە ياكى ئۆز مەيلىچە ئىشلىتىشىگە، شۇنداقلا سۇ رايىنى ئۆلچەشكە توسقۇنلۇق قىلىشىغا، كاشىلا قىلىشىغا، قارشىلىق كۆرسىتىشكە بولمايدۇ.

  ھەرقانداق ئورۇن ۋە ھەرقانداق شەخس سۇ رايىنى ئۆلچەش ئەسلىھەلىرىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىش ۋە مۇھىتنى ئۆلچەشتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى بايقىغاندا، شۇ جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى، سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى، سۇ رايى ئاپپاراتىغا پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق. پاش قىلىش مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغان تارماقلار ئەھۋالنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى پاش قىلغۇچىغا يەتكۈزۈشى كېرەك.

  24- ماددا چوڭ- چوڭ قۇرۇلۇشلار تۈپەيلىدىن دۆلەتنىڭ ئاساسىي سۇ رايىنى ئۆلچەش پونكىتىنى ھەقىقەتەن يۆتكەشكە توغرا كەلسە، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن قۇرۇلۇش تۈرىنى تۇرغۇزۇشتىن بۇرۇن، باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا قانۇن بويىچە يوللاپ تەستىقلىتىشى كېرەك. كېتەرلىك خىراجەتنى قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن ئۈستىگە ئالىدۇ.

  سۇ رايىنى تەكشۈرۈش پونكىتىنى كۆچۈرۈشتە، ئاۋۋال سېلىپ كېيىن چېقىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك. كۆچۈرۈش جەريانىدا، سۇ رايى ئاپپاراتى جىددىي تەدبىر قوللىنىپ، سۇ رايىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ سىجىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  25- ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى تۆۋەندىكى ئۆلچەم بويىچە سۇ رايىنى ئۆلچەش، مۇھىت ئاسراش دائىرىسىنى بېكىتىپ، قوغداش دائىرىسىنىڭ چېگراسىدا قوغداش بەلگىسى تەسىس قىلىشى ھەمدە ئۇنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك:

  1) سۇ رايىنى ئۆلچەش دەريا بۆلىكىنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىتنى قوغداش دائىرىسى: دەريانى بويلاپ بويىغا سۇ رايىنى ئاساسىي ئۆلچەشتىكى كەسمە يۈزنىڭ يۇقىرىقى ۋە تۆۋەنكى ئېقىنىنىڭ 500 مېتىردىن يۇقىرى 1000 مېتىردىن تۆۋەن بۆلىكى چېگرا قىلىنىدۇ؛ دەريانى بويلاپ توغرىسىغا سۇ رايىنى ئۆلچەش بويىچە دەريادىن ئۆتىدىغان ئاسما ۋاگوننىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى مۇقىم ئىمارەتنىڭ سىرتىدىكى 20 مېتىر چېگرا قىلىنىدۇ ياكى دەريا يولىنى باشقۇرۇش دائىرىسىگە ئاساسەن بېكىتىلىدۇ. پونكىت ئۆيلىرى ۋە ئۆلچەش مەيدانلىرىغا بارىدىغان چېغىر يولنىڭ كەڭلىكى ئۈچ مېتىردىن تار بولمايدۇ؛

  2) سۇ رايىنى ئۆلچەش ئەسلىھەلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىتنى قوغداش دائىرىسى: سۇ رايىنى ئۆلچەش مەيدانى ئۆلچەش مەيدانىنىڭ ئەتراپىدا 30 مېتىر، باشقا ئۆلچەش ئەسلىھەلىرىنىڭ ئەتراپىدا 20 مېتىر كېلىدىغان ئارىلىق چېگرا قىلىنىدۇ.

  26- ماددا سۇ رايىنى ئۆلچەپ مۇھىتنى ئاسراش دائىرىسى ئىچىدە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ رايى نىزامى»دىكى بەلگىلىمىدە شۇغۇللىنىش چەكلەنگەن پائالىيەتلەردىن باشقا يەنە، تور ساندۇقتا باقمىچىلىق قىلىش، چارۋا ۋە ئۆي قۇشلىرىنى قوتاندا بېقىش پائالىيىتى چەكلىنىدۇ.

  27- ماددا سۇ رايىنى ئۆلچەش مەخسۇس ماشىنا (كېمە)لىرى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەردىن قۇتقۇزۇش، تاسادىپىي سۇ بۇلغىنىش ۋەقەلىرىنى ئۆلچەپ مەلۇمات بېرىش قاتارلىق جىددىي ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلغاندا، جامائەت خەۋپسىزلىكى، قاتناش- تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى ئۇلارغا ماسلىشىپ، ئالدىن يول يۈرۈشىگە ئىجازەت بېرىشى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقلىغان خەتەردىن ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرىدىن يول ھەققى ئالماسلىقى كېرەك.

  28- ماددا سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى، سۇ رايى ئاپپاراتى ياكى باشقا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى بۇ چارىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلەتكەن، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان، ساختىپەزلىك قىلغان، ئەمما جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەن بولسا، مەسئۇل تارماقلار ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئاپپاراتى قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

  29- ماددا بۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تور ساندۇقتا باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلار ۋە قوتاندا ئۆي قۇشلىرى باققانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ سۈرۈك ئىچىدە تۈزەتمىگەنلەرگە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

  30- ماددا بۇ چارىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، سۇ رايىنى ئۆلچەش ماتېرىياللىرىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ ياكى سۇ رايىنى ئۆلچەش پائالىيىتىگە دەخلى قىلىپ، توسقۇنلۇق قىلىپ، كاشىلا قىلىپ، ئامانلىق باشقۇرۇش قىلمىشى شەكىللەندۈرگەنلەرگە قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

  31- ماددا بۇ چارىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ بولغان، قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك باشقا قىلمىشلارغا ئالاقىدار قانۇن- نىزامدىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

  32- ماددا بۇ چارە 2017- يىل 9- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 1996- يىل 9- ئاينىڭ 12- كۈنى ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سۇ رايىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى» (ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 61- نومۇرلۇق پەرمانى) شۇ كۈنىدىن باشلاپ بىكار قىلىنىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر