ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

تېپىپتۇ

زوردۇن ئىمىر

2018.01.15 16:47 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

            بۈگۈن گۈللەپ يېزام ئۆز قىممىتىنى تېپىپتۇ،
            «بېھىشباغ» دەپ خاس ئاتاق نام- ئېتىنى تېپىپتۇ.

            قېرى- ياشلار يار ئىكەن ئۇز پەزىلەت- خىسلەتكە،
            چوڭلار ھۆرمەت، كىچىكلەر ئىززىتىنى تېپىپتۇ.

             مېھىر- شەپقەت، ئىناقلىق بېغىشلاپتۇ كۈچ- مادار،
            سىن قوشۇلۇپ ھۆسنىگە زىننىتىنى تېپىپتۇ.

            ئىلمىي ئۇسۇل، تېخنىكا نەپ بېرىپتۇ ھەممىگە،
            مېھنىتىدىن قۇچۇپ شان- شۆھرىتىنى تېپىپتۇ.

            تەرلەر تۆكۈپ ئىشلەپتۇ، ئىشلىگەن قەنت چىشلەپتۇ،
            ھالال تەردە ئۆز رىزقى- نېمىتىنى تېپىپتۇ.

            ئىجادقا گۈل چەككەنلەر ئېرىشىپتۇ قوللاشقا،
            بەيگىلەردە ماھارەت- رىغبىتىنى تېپىپتۇ.

            بۈگۈن ياشناپ يېزام ئۆز سەپ- رىتىنى تېپىپتۇ،
            يۈكسەكلەرگە ئۆرلەشنىڭ پۇرسىتىنى تېپىپتۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر