ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

ئانا ۋەتەن شەيداسىدۇرمىز

تۇرغۇن پەيزۇللا

2018.01.15 16:46 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

             ۋەتەن ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز،
             ھەردەم سەگەك، ئويغاق روھىمىز.
             ھالال ئىشلەپ تەرلەر تۆكىمىز،
             ئانا ۋەتەن شەيداسىدۇرمىز.

             يۈرىكىمىز مېھىرگە تولغان،
             شۇنچە بۈيۈك بىزدىكى نىشان،
             ھەمراھ بىزگە ئار- نومۇس، ۋىجدان،
             ئانا ۋەتەن شەيداسىدۇرمىز.

             ساداقەتتىن سۆيگۈ ئۇلغىيار،
             قەلبلەردە يانار گۈلخانلار،
             يۈرىكىمىز شۇنداق شىۋىرلار:
             ئانا ۋەتەن شەيداسىدۇرمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر