ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

دېھقان كۈلدى قاقاقلاپ

مەمەت تۇراپ

2018.01.15 16:46 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

            غەم- دىشۋاردىن خوشلاشتى، دېھقان كۈلدى قاقاقلاپ،
            روھى ئۇرغۇپ بۆلەكچە، كۆڭلى ئۇنىڭ شاشلاشتى.
            نەق يەپ، نېسى تۈگىمەس ئەمگەك بىلەن خوشلىشىپ،
            بولدى ئەركىن- ئازادە، تۈزۈم- قانۇن خاسلاشتى.
            ئايلاپ تۈنەپ دالادا، ھېرىپ- چارچاپ ئۇھ تارتىپ،
            ئىشلەيدىغان ھاشارلار يوق بولدى، خالاسلاشتى.

            بۇندىن دېھقان روھلىنىپ تەڭ كۈلۈشتى خۇشلۇقتا،
            − ئىرادىمىز: قۇش بولۇپ ئۇچىمىز كەڭ بوشلۇقتا،
            مىڭ تەسەننە- تەشەككۈر، پارتىيەگە ھەشقاللا،
            ئەگىشىمىز مەركەزگە نىيەت- ئىقبال رۇسلۇقتا، −
            دېدى، قەتئىي قەسەمياد، چىن ئەھدىلەر قىلىشتى:
            ئەل- يۇرت بىلەن ئۆم- ئىناق بىز ئۆتىمىز دوستلۇقتا.

            «ئەمدى ئىشلەپ چىشلەيمىز، يىگىت يانماس لەۋزىدىن،
            بەربات بولدى مۈشكۈلات، غۇلاپ چۈشتى گەجگىدىن،
            مۇقىملىقنى قوغدايمىز ئانا يۇرتنى گۈللەشتە،
            ئەھلى شىرزات بولىمىز قورقماي جاپا- جەبىردىن»
            دېگەن بۈيۈك سادالار كۆكنى قۇچتى بەرق ئۇرۇپ،
            جان- جىسمىغا پاتمىغان شەرھى دېھقان قوۋمىدىن.

            ھەببەللىيا، كارامەت، بولدى قانۇن ئادالەت،
            ئىشلىگەنلەر ئالىدۇ ئەمدى نەق پۇل، دارامەت،
            ھەقسىز ئەمگەك يوق بولۇپ، كۆڭۈللەر ھەم توق بولۇپ،
            ئەمدى دېھقان سۈرىدۇ چەكسىز ھۇزۇر- ھالاۋەت،
            بارچىمىزگە جاكاركى: ھەرگىز نانكور بولمايلى،
            كۆز تەگمىسۇن ۋەتەنگە، ئەل- يۇرت بولسۇن سالامەت.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر