ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدۇق، شادلاندۇق

گۈلبوستان ئابدۇرېھىم

2018.01.15 16:45 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

             قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدۇق، شادلاندۇق،
             مېھرىمىزنى چاچقۇ قىلىپ چېچىشىپ.
             پەرۋىش قىلدۇق چىن دوستلۇقنىڭ بېغىنى،
             ئەقىدىنىڭ گۈللىرىنى تېرىشىپ.

             قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدۇق، شادلاندۇق،
             ھەر كۆرۈشسەك تۈگىمىدى سۆزىمىز.
             سەلكىن بولۇپ قۇچتى سانسىز دىللارنى،
             ۋۇجۇدىمىز تۆككەن تاتلىق كۈيىمىز.

             قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدۇق، شادلاندۇق،
             سۆيۈنۈشتىن بارچە قەلب نۇرلاندى.
             جاپادىمۇ، راھەتتىمۇ بىر بولۇپ،
             قەدىمىمىز غەلبىسېرى تاشلاندى.
            
             قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدۇق، شادلاندۇق،
             ئەسرالىشىپ كەلگۈسىمىز ھەققىدە.
             «خەير- خوش!» دەپ ئايرىلغاندا كۆزلەرگە
             ھاياجاننىڭ يېشى تولدى لىققىدە.

             قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدۇق، شادلاندۇق،
             ساداقەتتىن تىزىپ يەنە گۈلدەستە.
             ئەسلەپ تۇردۇق بىللە ئۆتكەن چاغلارنى،
             سېغىنىشنى چوغلىتىپ ھەر نەپەستە.

             قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدۇق، شادلاندۇق،
             رىشتىلەرنى يۈرەكلەرگە چىڭ تېڭىپ.
             ئارمىنىمىز مەڭگۈ ئېجىل ئۆتۈشتۇر،
             ئىناقلىقنىڭ يوللىرىدا تەڭ مېڭىپ.

             قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدۇق، شادلاندۇق،
             ئەڭ تېتىملىق ھېكايىلەر يېزىشىپ.
             سىڭدى ئاڭا زىلال سۇدەك مېھرىمىز،
             ھەر بېتىگە ئۈنچىلەرنى تىزىشىپ.

             قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدۇق، شادلاندۇق،
             بالىلارمۇ ئاكا، ئۇكا دېيىشتى.
             ئۆگىنىشتە مەدەت بېرىپ ئۆزئارا،
             ھېكمەتلەرگە تولۇپ روھى تىرىشتى.

             قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدۇق، شادلاندۇق،
             يېزا- قىشلاق، شەھەرلەردە ئىزىمىز.
             بىزگە مەدەت ۋەتەن ئانا دەۋىتى،
             ئارزۇلارغا بىر مەقسەتتە يېتىمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر