ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

«ئۈچ ئەل» خىزمىتى

تۇراپ ھەسەن شېئىرى، ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

2018.01.15 16:43 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

             تۇتۇندۇم ئۇلۇغ ھەم جاپالىق ئىشقا −
             «ئۈچ ئەل» خىزمىتى.
             ئەلنى باققان،
             بىز ئۈچۈن دۈمبىسىدىن دەريالار ئاققان،
             سۆيۈملۈك، جاپاكەش، مۇلايىم دېھقان،
             بوپقالدى بىز بىلەن بۇرادەر، تۇغقان.
             ئىشىمىز جاپالىق، ئاددىي ھەم ئۇلۇغ،
             ياغسا قار، يامغۇر، بولسا جۇت- سوغۇق،

             توڭغانغا ئوت بېرىپ، چاڭقىغانغا چاي،
             تۇرمۇشى قىيىنغا كۆمۈر، ئاش، گۆش، ماي،
             توك، سۇ، يول، تېلېفوننى ئەيلىدۇق راۋان،
             ئۆي، يەسلى، مەكتەپنى سالدۇق خىيابان.
             نامراتقا تارقاتتۇق توخۇ، كالا، قوي،
             تۇرمۇشى گۈللىسە قىلار بەلكى توي...
             شۇ دېھقان بۇرادەر بولسا تېزرەك باي،
             قايتىمىز شۇندىلا ئۆيگە خۇش چىراي!
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر