ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

ئايرىلمايمىز ھېچقاچان

نۇرمەمەتجان ئىمىنروزى

2018.01.15 16:42 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

             ھەر مىللەت خەلقلىرى،
             بىر تۇغقاندەك ئىناق بىز.
             گۈللىتىپ جان ۋەتەننى،
             نۇرلاندۇرغان چىراغ بىز.

             ئارزۇيىمىز بىر بىزنىڭ،
             قاش- كىرپىكتەك يېقىن بىز.
             قانچە دەريا بىرلەشكەن،
             گويا چەكسىز ئېقىن بىز.

             بارچە مىللەت خەلقلىرى،
             ئۆزئارا دوست، كۆيۈمچان.
             ئالغا بىردەك چامدايمىز،
             ئايرىلمايمىز ھېچقاچان.

             ھەممە مىللەت باراۋەر،
             قېرىنداش، دوست- بۇرادەر.
             ئۆم بولغاچ سائادەتكە،
             بولدۇق بىزلەر سازاۋەر.

             ئىرادىمىز مۇستەھكەم،
             يىمىرىلمەس ئېگىز تاغ.
             يۈرىكىمىز- قەلبىمىز،
             گۈل- چىمەنلىك گۈزەل باغ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر