ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

ئاق قار

مۇيەسسەر خېلىل نەسرى، غەيرەت مەمتىمىن فوتوسى

2018.01.15 16:40 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  قىشنىڭ كۆركى ئاپئاق قار، كۆكتىن چۈشكەن ئاق لىباستەك زېمىنغا ئاقتىن يوپۇق ياپقىنىڭدا، ئاياغلىرىم ئاستىدىن چىققان تونۇش ئاۋاز بىلەن ئاجايىپ ھېسلارغا تولىمەن.

  سەن قەلبىمدە پاكىزلىقنىڭ، پاكلىقنىڭ، گۈزەللىكنىڭ، زېمىننى ئەللەيلەپ ئۇخلىتىۋاتقان مېھرىبان ئانىنىڭ سىمۋولىسەن.

  سەن يەنە قەلبىمدىكى ئەڭ گۈزەل ئەسىلىمىلەرنىڭ شاھىتىسەن. سەن خۇددى ئانامنىڭ قەلبىدەك، خۇددى دادامنىڭ چاچلىرىدەكلا ئاق. سەن يەنە بالامنىڭ غۇبارسىز بالىلىقىدەك ئاق. سېنىڭ ئاقلىقىڭ بالامنىڭ گۈزەل ئارزۇلىرىنى، خىيالىي تەسەۋۋۇرلىرىنى سىزىۋاتقان ئاشۇ قەغەزگىلا ئوخشايدۇ.

  سەن ماڭا ئاشۇ شوخ، غۇبارسىز بالىلىق چاغلاردىكى ھەر مىللەت بالىلار بىلەن تالىشىپ تۇرۇپ چانا تېيىلغان، بىر- بىرىمىزگە قار ئېتىشىپ، قارلىق تاشلاپ ئوينىغان ئاشۇ گۈزەل چاغلارنى ئەسلىتىسەن.

  سەن ياشلىقىمدىكى شېرىن مىنۇتلارنى ئەسكە سالىسەن. دېكابىردىكى ئاپئاق قار كىملەرنىڭ شېرىن ئەسلىمىلىرىنىڭ شاھىتى ئەمەس دەيسەن؟

  سەن خىيال قۇشلىرىمنى بالام بىلەن قار دەسسەپ ئوينىغان ئاشۇ چاغلارغا قانات قاققۇزىسەن.

  سەن مېنى مانا مۇشۇنداق گۈزەل ئەسلىمىلەر قوينىغا باشلايسەن. شۇڭا مەن ساڭا تولىمۇ ئامراق. مانا، كۆكتىن چۈشۈۋاتىسەن. كۆز ئالدىمدا خۇددى ساماۋى چۆچەكلەردىكىدەك، گۈزەل سۈرەتلەردىكىدەك ئاجايىپ چىرايلىق مەنزىرە. يەلكەمدىكى تۈرلۈك بېسىملار، جىسمىمدىكى چارچاشلار خۇددى سەن بىلەن تەڭ ئۇچۇپ كەتكەندەك، يەرگە چۈشۈپ ئېرىپ كەتكەندەك يېنىك كېتىپ بارىمەن. سەن بىلەن مۇڭداشماقتىمەن.

  ئاق قار، ئاپئاق قار، ساڭا شۇنداق دېگۈم كېلىدۇ: سەن ئۆزۈڭ بىلەن تەڭ سوغۇققا قوشۇپ ئالەمچە مېھىرنى باشلاپ كېلىسەن. مانا، قىش كەلدى، قار ياغدى دېدۇق. قەلبلەردىن قەلبلەرگە تۇتاشقان ئاپئاق يوللاردا مېھىرلىك قوللار ئاجىزلارنىڭ، بىقۇۋۇللارنىڭ، قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ باشلىرىنى سىلىماقتا. دىللار مېھرىبانلىقتىن، غەمخورلۇقتىن ئىللىماقتا، سۆيۈنمەكتە.

  ئەنە، ئىككى كادىر ئاپئاق قاردا ئىز قالدۇرۇپ كۆمۈر بېسلغان ھارۋىنى ئىتتىرىپ ئىشىكلەرنى چەكمەكتە. مەشلەردە ئوت گۈرۈلدەپ كۆيمەكتە، ئۆيلەر ئىسسىماقتا، قەلبلەر قەلبلەردىن سۆيۈنمەكتە.

  ئاق قار، ئاپئاق قار، سېنى يەنە رىشتىلەرنى باغلىغۇچى دېگۈم كېلىدۇ. ئەنە، سەن مېھمان بولۇپ زېمىنغا ياغقان ئىدىڭ، ياشانغان، ئىگە- چاقىسىز موماينىڭ ئىشىكى سەھەردىلا چېكىلدى:

  − موما، قارلىرىڭىزنى تازىلاپ بېرەيلى، قانداق قىيىنچىلىقىڭىز بولسا بىزگە ئېيتىڭ!

  ئەنە، بىر ئاپتوموبىل يولنىڭ چېتىگە ئاستاغىنا توختىدى:

  − يوللار تېيىلغاق بولۇپ كەتتى، ماشىنىغا چىقىۋېلىڭ!

  ئاق قار، ئاپئاق قار، سەن زېمىنغا يېغىۋاتقان ئاشۇ دەملەردە، ئاساسىي قاتلامغا چۈشكەن كادىرلار، كەنت كادىرلىرى ئۆيمۇئۆي كىرىپ ئەھۋال ئىگىلىمەكتە، قوشماق تۇغقانلار مۇڭداشماقتا، قوللار قوللارنى تۇتماقتا، دىللار دىللاردىن سۆيۈنمەكتە، قىيىنچىلىقلار ئاسانلاشماقتا، قەلبلەر تېخىمۇ ئىللىماقتا... ئۇلار تونۇشمايتتى، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ يۈرىكى ئۆزئارا تونۇش ئىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ تومۇرىدا ئېقىۋاتقىنى ئۇلۇغ بىر مىللەتنىڭ قېنى ئىدى، يىلتىزى بولسا تومۇرداش ئىدى، ئۇنى دۇنيا ھەۋەس بىلەن «ئۇلۇغ جۇڭخۇا» دەيتتى.

  شۇنداق، بىز ھەممىمىز مۇشۇ زېمىندا ياشاپ، ئۇلۇغ بىر مېھىردىن تەڭ بەھرىلىنىۋاتقانلار ئىدۇق. ئۇلار ئەنە شۇنداق ئىللىقلىقى بىلەن زېمىننى، قەلبلەرنى ئىللىتىۋاتقانلار ئىدى.

  ياغقىن ئاپئاق قار. سەن قەلبىمدىكى گۈزەل مىنۇتسەن. سەن بالىلىق، ياشلىق مەزگىلىم ۋە بۈگۈنۈمدىكى گۈزەل ئەسلىمە سەن. ياغقىن، مېھىرلىك قەلبلەرنى باشلاپ كەل، گۈزەل تىلەكلەرگە تولغان داغدام يوللارنى، كۆڭۈللەردىن كۆڭۈللەرگە تۇتاشقان مېھىرلىك يوللارنى ئاچقاچ كەل.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر