ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

كومپارتىيەگە مۇھەببەت

ئابدۇرېھىم سىدىق نۇرى

2017.12.31 13:18 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

          ئۇلۇغ كومپارتىيەم دىلدا قۇياشتەك تۇرىسەن چاقناپ،
          يېزىپ چىقتىم مۇخەممەسنى، ساڭا چىن ئەقىدە باغلاپ،
          سېنى تىلدىن چۈشۈرمەيمىز، يۈرەكتىن تېۋىنىپ، يادلاپ،
          ئۆزۈڭ ماڭماقتىسەن بىزنى كۈرەشتە غەلبىگە باشلاپ،
          ياراتتىڭ زەپ گۈزەل دەۋران، زۇلۇمنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ.

          بۈگۈنكى بەختىمىز بولماس ئۇلۇغ كومپارتىيەم سەنسىز،
          ئادالەت چىرىغى يانماس ئۇلۇغ كومپارتىيەم سەنسىز،
          بۈيۈك ئارزۇ چېچەك ئاچماس ئۇلۇغ كومپارتىيەم سەنسىز،
          ئىشىمىز زەررىچە ئاقماس ئۇلۇغ كومپارتىيەم سەنسىز،
          ھارارەتلىك سېنىڭ مېھرىڭ قۇياش چاچقان زىيا، ئاپتاپ.

          ئەزىز قىلدىڭ مېنى شۇنچە ۋىسال بوستانىنى تاپتىم،
          ھالال تەر ئاققۇزۇپ ئىشلەپ، ئەجىرنىڭ قەنتىنى چاقتىم،
          ئىلىم ئاسمانىدا ئەركىن ئۇچۇپ مەغرۇر قانات قاقتىم،
          قىلىپ ئىخلاس ئەقىدەمگە كۆيۈپ ئوتتا، سۇدا ئاقتىم،
          بارار شەنىڭگە مەڭگۈگە يۈرەكتىن كۈيلىرىم ياڭراپ.

          بولۇپ كەلدىڭ ۋەتەن- ئەلنىڭ ھەمىشە دەردىگە دەرمان،
          چۆمۈپ مېھىر بۇلاقىغا كۆڭۈلدە قالمىدى ئارمان،
          ھەقىقەت تۇغىنى كۆكتە تىنىمسىز قىلدۇرۇپ جەۋلان،
          كۈرەشتە تاۋلىنىپ بولدۇڭ يېڭىلمەس جەڭگىۋار قورغان،
          گۈزەل ئىقبالغا ئات سالدىڭ، ھاياتلىق گۈل كەبى ياشناپ.

          زامان بىزگە كۈلۈپ باقتى، ئىشچانلار قەدرىنى تاپتى،
          ئىلىم- پەنگە تايانغانلار دەۋرنىڭ ئالدىدا چاپتى،
          سەن تۈزگەن زور سىياسەتلەر بېيىش يولىنى كەڭ ئاچتى،
          ئىسلاھات دۇمبىقى ياڭراپ، خەلقنىڭ كۆڭلىگە ياقتى،
          سېنى كۈيلەپ تىنىم تاپماس باھارنىڭ بۇلبۇلى سايراپ.

          چۆكۈپ چوڭقۇر ئەمەلىيەتكە، خەلق مەنپەتىنى كۆزلەپ،
          قىلدىڭ تەنقىد خاتالىقنى، ئۆزۈڭنى يىگ كەبى تۈزلەپ،
          تاپتىڭ ئابرۇي- ئىناۋەتنى، بولۇپ كەمتەر، لىللا سۆزلەپ،
          ئېچىپ ئوتنى چىرىكلىككە، ناپاكلىقنى تۇردۇڭ چەكلەپ،
          بولدۇڭ سەن پاك- دىيانەتلىك، خەلق ئۈمىدىنى ئاقلاپ.

          نامراتقا يار- يۆلەك بولدۇڭ، ئۇلارغا كۆرسىتىپ نىشان،
          بېشىنى سىلىدىڭ ھەر چاغ، بولۇپ سەن دەردىگە دەرمان،
          خەلقنى باي قىلىش بولدى ئۆزۈڭ كۈتكەن بۈيۈك ئارمان،
          سېنىڭ مېھرىڭ بىلەن يايراپ كۈلۈپ كەتتى ئىشچى- دېھقان،
          ئېرىشتى ياخشى تۇرمۇشقا سۆزۈڭنى ئەستە چىڭ ساقلاپ.

          ئۆزۈڭ يول باشچىسەن، ماڭدۇق گۈزەل ئىقبالغا ھەر مىللەت،
          بولۇپ ھەمدەم سەپەرلەردە، ئىناقلىقنى بىلىپ قىممەت،
          ئۇلۇغ بىرلىك بىلەن قۇچتۇق قەدەمدە ھەرقاچان نۇسرەت،
          سېنىڭ بىرلە ۋەتەن تاپتى جاھانغا تونۇلۇپ قۇدرەت،
          بۈيۈك مەقسەتكە يەتكەيمىز سەپەردە تاغ- داۋان ئاتلاپ.
          
          سېنىڭ ھەربىر كۈنۈڭ ئۆتتى جاپالىق جەڭ- كۈرەشلەردە،
          ئۇلۇغ، دانالىقىڭ چوڭقۇر ئورۇن ئالدى يۈرەكلەردە،
          تارالدى شۆھرىتىڭ- نامىڭ سەپەرلەردە، كۆرەكلەردە،
          سېنىڭ مېھرىڭدە پۈركەيمىز ۋەتەننى گۈل- چېچەكلەرگە،
          ياشايسەن پارتىيە دىلدا قۇياشتەك نۇرلىنىپ چاقناپ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر