ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

ۋەتەن سۆيگۈسى

تۇرغۇن پەيزۇللا

2017.12.31 13:17 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

                 1          
           ۋەتەن ئوغلىمەن، گۈزەل ۋەتىنىم،
           تەسەددۇق ئاڭا جانۇ ھەم تېنىم.
           ياشايمەن ھەردەم ساداقەت بىلەن،
           يۈرەك سۆزۈم بۇ، ياڭراق قەسىمىم.
          
           ۋەتەن ئانامدىن پەخىرلىنىمەن،
           ئىللىق باغرىدا قەدىرلىنىمەن.
           تاش- چالمىسىنى تۇتىيا بىلىپ،
           نېمەتلىرىدىن بەھرىلىنىمەن.
          
           ئەلگە نۇرىنى چاچقان ۋەتىنىم،
           بەخت باغىنى ئاچقان ۋەتىنىم.
           بۈگۈنىمىز ھەم كەلگۈسىمىزدۇر،
           كۆڭۈل رىشتىنى چاتقان ۋەتىنىم.
          
           ۋەتىنىم ئانام بەختىم ئاساسى،
           ئۇلۇغ ۋەتىنىم يۈرەك ساداسى.
           مەڭگۈلۈك باھار قوينى ھەر قاچان،
           قاناتلىق ئارزۇ نەغمە- ناۋاسى.

                2
           ۋەتەن غورۇر ئەرگە جاسارەت،
           ۋەتەن ۋىجدان يىگىتكە قانات.
           تۇپرىقى گۈل، ئەنبەر پۇرايدۇ،
           ئىناقلىقتىن خۇشال، باياشاد.
          
           ۋەتەن مېھرى گۈلخاندۇر، چوغدۇر،
           يالقۇنلۇق ئوت، مەڭڭۈلۈك باھار.
           جانۇ تېنىم بىر ئاڭا تالىق،
           بەك مېھرىبان، بەكمۇ غەمگۈزار.
          
           گۈللەر سۇنار باغلىرى گۈزەل،
           بايلىق كانى تاغلىرى ھەمدە...
           توغرىلىققا باشلايدۇ ھەردەم،
           يۈكسەك ئىشەنچ بېرىدۇ بىزگە.

           غەمگۈزارىم جانىجان ۋەتەن،
           ماھى تابان ھەرقاچان ۋەتەن!
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر