ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

دەۋر ساداسى، يېڭى يىل ناۋاسى

گۈلبوستان ئابدۇرېھىم

2017.12.31 13:16 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئىنسان ئۈچۈن ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئەڭ سۆيۈملۈك، ئەڭ كۆيۈملۈك ئەزىز ۋەتىنىنىڭ ئىللىق باغرىدا شادىيانە كۈلكىسىنى ياڭرىتىپ، غەمسىز، خاتىرجەم ياشاپ، ئۆز غايىسى ئۈچۈن زەبەردەست قەدەملەر بىلەن ئالغا قاراپ مېڭىشتىن ئارتۇق بەخت بولمىسا كېرەك.

  ئانا ۋەتىنىم جۇڭگۇدىكى باتۇر، ئەمگەكچان، ئەقىللىق 1 مىليارد 300 مىليون ھەر مىللەت خەلق شەپقەتچىمىز، نىجاتچىمىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە دىللارنى دىللارغا، يىللارنى يىللارغا تۇتاشتۇرۇپ، دەۋردىن دەۋرگە ھالقىپ، بوران- چاپقۇنلۇق سىناقلارنى بېشىدىن كەچۈرۈپ، ئالەمشۇمۇل نەتىجىلىرى بىلەن بۈگۈنكى خىرىسقا، رىقابەتكە تولغان دۇنيادا گىگانت قەددىنى تېخىمۇ ئېگىز كۆتۈرۈپ، سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى بىر دەۋرىگە قەدەم قويدى.

  مەن شانلىق تارىخ، مول نەتىجىلەر بىلەن تۈگەللەنگەن پارتىيەمىزنىڭ 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىلنىڭ ئاخىرىغا ئۇلىشىپلا ئېچىلغان 19- قۇرۇلتاينىڭ پۈتۈن دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىپ، خەلقىمىزنىڭ ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق گۈللىرى پورەك ئاچقان سۈزۈك قەلبىگە چەكسىز ئىپتىخار، سۆيۈنۈش ھېسلىرىنى ئاتا قىلغانلىقىدىن سۆيۈندۈم؛ پۈتۈن دۇنيا كۆز تىككەن قۇرۇلتاينىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت «جۇڭگو ئارزۇسى»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنى بەختىيار، گۈزەل، باياشات تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشنى يەنە بىر قېتىم مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىگە تەنتەنە قىلىۋاتقان ھەر مىللەت خەلقى بىلەن تەڭ ئىپتىخارلاندىم؛ يۈرىكى ھەر ۋاقىت ۋەتەنگە تەلپۈنۈپ، قەدەملىرى ھەر ۋاقىت ۋەتەنگە ئەگىشىپ ئالغا كېتىۋاتقان جەسۇر ۋەتەن ئوغۇل- قىزلىرىغا ئوخشاش ھاياجانلاندىم، ئۈمىدلەندىم ۋە ئىشەنچكە تولدۇم.

  مانا، 19- قۇرۇلتاينىڭ روھى، رىغبىتى شەھەرلەردىن ھالقىپ يېزا- قىشلاق، مەھەللىلەرگىچە يېتىپ كەلمەكتە، يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە ھەممىنىڭ قەلبىگە خاسىيەتلىك نۇرىنى چېچىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقنى، مۇقىملىقنى، ئۇلۇغ گۈللىنىشنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشىنىڭ گۈدۈكىنى چالماقتا... بۈگۈنكىدەك ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش، ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن مويسىپىتلىرىمىز باش شۇجىغا ئىچ- ئىچىدىن قايىل بولۇپ، «ياشىسۇن باش شۇجى شى جىنپىڭ، ياشىسۇن ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى!» دەپ ھاياجان بىلەن باش بارمىقىنى چىقىرىشىپ، سوتسىيالىستىك ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان مەدھىيە، كۈي، قەسىدىلىرىنى ياڭرىتىشماقتا...

  تولىمۇ خاسىيەتلىك ھەم بەرىكەتلىك 2017- يىلىنى غەلىبىلىك ئۇزىتىپ، قاردەك ئاق تىلەكلىرىمىز، سۇلماس ئۈمىدلىرىمىز بىلەن يېڭى دەۋر، يېڭى نىشان، يېڭى مۇساپىنىڭ باشلىنىش نوقتىسى بولغان 2018- يىلىنى كۈتىۋالماقتىمىز.

  ئەنە، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ چېھرىدە شادىيانە تەبەسسۇم، چەكسىز مىننەتدارلىق پارلىماقتا، ۋەتەنگە تەلپۈنگەن ئوتلۇق قەلبى 19- قۇرۇلتاي روھى بىلەن تېخىمۇ نۇرلانماقتا، ياشارماقتا. ئۇلار ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنۇتماي، مەسئۇلىيەتنى زېممىسىگە ئېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەن ئالدىدىكى مۇقەددەس بۇرچىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن تىرىشماقتا. پارتىيەگە، ۋەتەنگە مەڭگۈ سادىق بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە جۇڭگۇچە سوتسىيالىزم قۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ئېچىش يولىدا ئىگىلمەس ئىرادە بىلەن غالىبانە قەدەم تاشلاپ مەردانە ماڭماقتا. ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، قەلبىدىكى تىلەكلىرىنى، سەمىمىي پوزىتسىيەلىرىنى مەردانىلىق بىلەن بىلدۈرۈپ، ۋەتەن ئوغۇل- قىزلىرىنىڭ تەۋرەنمەس جاسارىتىنى نامايان قىلماقتا.

  ئەنە، قىشنىڭ ئاچچىق سوغۇقى يۈزلەرنى چاقماقتا، لېكىن ھەممىنىڭ قەلبىدە ئوت- يالقۇن كۆيمەكتە. 19- قۇرۇلتاينىڭ باھار شامىلى، قايناق، شاد- خۇراملىققا چۆمگەن يېڭى يىل ناۋاسى ئېلىپ كەلگەن بەختىيار تۇيغۇلار مەۋج ئۇرماقتا. ئەنە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئوتلۇق يۈرەكلىرى يېڭى دەۋر ئۈچۈن، گۈزەل كېلىچەك ئۈچۈن، جانىجان ۋەتەننىڭ پارلاق ئەتىسى ئۈچۈن بىردەك گۈپۈلدەپ سوقماقتا.

  ئەنە، يېڭى يىلنىڭ تۇنجى كۈنىدە، دىيارىمىزنىڭ ھەممىلا يېرىدە «كومپارتىيە بولمىسا، يېڭى جۇڭگو بولمايتتى» دېگەن ئەڭ ياڭراق سادا ياڭرىماقتا. يۇرت- يۇرتلاردا، يېزا- كەنتلەردە بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق كۆككە كۆتۈرۈلمەكتە، كىشىلەر قەلبىدە شادلىق ئۆركىشى ئانا تارىمدەك ئاقماقتا...
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر