ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

يېڭى يىلغا يېڭىچە قەدەم تاشلىدۇق

زوردۇن ئىمىر

2017.12.31 13:15 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

           يېڭى يىلغا يېڭىچە كۈلۈپ قەدەم تاشلىدۇق،
           يېڭىلىقنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ قەدەم تاشلىدۇق.
          
           شۇڭقارلاردەك پەر قېقىپ، دۇلدۇللارغا ئايلىنىپ،
           بەيگىلەردە كاراپتەك ئۈزۈپ قەدەم تاشلىدۇق.

           كونا يىلنى ئۇزاتتۇق سوۋغا قىلىپ ئۇتۇقنى،
           زەر ئىچىدىن جاۋاھىر سۈزۈپ قەدەم تاشلىدۇق.

           ئۆتكەللەردىن ئاتلىدۇق، بەلنى مەھكەم باغلىدۇق،
           جاسارەتتە يەڭلەرنى تۈرۈپ قەدەم تاشلىدۇق.

           ئۆم- ئىناقلىق ئىلكىدە خۇشاللاندۇق- يايرىدۇق،
           ياغ ئىچىدە بۆرەكتەك يۈرۈپ قەدەم تاشلىدۇق.

           ئەقىل- زېھىن كۆزىدە نەزەر سالدۇق تاڭلارغا،
           گۈزەل پارلاق ئەتىنى كۆرۈپ قەدەم تاشلىدۇق.

           يېڭى يىلدا يېڭىچە شان قۇچۇشقا راسلاندۇق،
           دىلدا يۈكسەك پىلاننى تۈزۈپ قەدەم تاشلىدۇق.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر