ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

خىزمەت ئەترىتى

ئۆمەرجان كېرىم

2017.12.31 13:15 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

           چىن مېھرىنى بەرگەن يېزىغا،
           تەپەككۇرى چەكسىز ئېتىزدا.
           قۇياش كۈلەر ھەر بىر ئىزىدا.
           بىلسەڭ ئۇدۇر خىزمەت ئەترىتى.
          
           كۆيدۈرسىمۇ تېنىنى ئاپتاپ،
           يامغۇر، بوران كەلسىمۇ قاپساپ،
           ۋايسىمىدى بىرەر رەت قاقشاپ،
           بىلسەڭ ئۇدۇر خىزمەت ئەترىتى.

           كېچىلىرى خىيالغا پېتىپ،
           پىلان تۈزەر تەرلىرى ئېقىپ،
           ئۇخلاپ قالدى جوزىدا قېتىپ،
           بىلسەڭ ئۇدۇر خىزمەت ئەترىتى.

           دېھقانلارغا پەرۋانە دائىم،
           نامراتلارغا غەمخانە دائىم.
           سەپ ئالدىدا مەردانە دائىم،
           بىلسەڭ ئۇدۇر خىزمەت ئەترىتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر