ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

گۈللە مەڭگۈ ۋەتىنىم

جامالىدىن يۈسۈپ  

2017.12.28 17:25 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شۆھرىتىڭنى بايان ئەيلەي تىلىمدا،
سەندىن ئۆزگە ۋەتەن يوقتۇر دىلىمدا،
مېھرىڭ چەكسىز ۋۇجۇدۇمدا، قېنىمدا،
جانۇ ـ جانىم گۈللە مەڭگۈ ۋەتىنىم.

شانلىق سەپەر، كۈرەشلەردە تاۋلاندىڭ،
ئىسلاھاتتا كۈندىن ـ كۈنگە گۈللەندىڭ،
سانائەتتە، ئىقتىسادتا جانلاندىڭ،
ئىپتىخارىم گۈللە مەڭگۈ ۋەتىنىم.

پۈتكۈل دۇنيا ساڭا قاراپ ھەيرەتتە،
شەرەپ ـ شاندىن ئاۋام، پۇقرا غەيرەتتە،
يات ئەل باقتى شەۋكىتىڭگە ھەۋەستە،
مەدەتكارىم گۈللە مەڭگۈ ۋەتىنىم.

ئەل قەلبىدە مەشئەل بولۇپ ياندىڭ سەن،
باشلاپ ئاۋام داغدام يولدا ماڭدىڭ سەن،
تارىخقا ھەم ئۆچمەس ئىزلار سالدىڭ سەن،
غەمگۈزارىم گۈللە مەڭگۈ ۋەتىنىم.

نامىڭنى ياد ئەتتىم كۈن ۋە تۈنۈمدە،
قۇت تىلىدىم ئەڭ جاراڭلىق ئۈنۈمدە،
ساڭا ئاتاپ ناخشا ئېيتتىم كۈيۈمدە،
باش پاناھىم گۈللە مەڭگۈ ۋەتىنىم.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر