ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

يەكەن دەرياسى بويىدا

تۇراپ ھەسەن

2017.12.28 17:24 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

يەكەن دەرياسى ئاقىدۇ بىرخىل،
ئەتراپى يېزا ـ كەنت، مېۋىزار سەرخىل.

ئۈرۈك، شاپتۇل، بادام، چىلان ۋە ياڭاق،
ئارىسى سەي ـ كۆكتات، بۇغداي ۋە قوناق.

كەچ قايتساق ئېتىزدىن موتو، سوپەكتە،
كۈتىدۇ جانانلار پىشۇرۇپ بەتتە.

قارىسام، نۇر چاچقاچ ئادىل سىياسەت،
يىلسېرى كۆپەيدى كىرىم ـ تاپاۋەت.

پۇل ئاۋۇپ چارۋا، ئاش، كۆكتات، مېۋىدىن،
قۇتۇلدۇق بەش يىلدا تۇرمۇش غېمىدىن.

سۇ، توك، پار، تېلېفون، تېلېۋىزور قوش،
بولدۇق بىز نۇرانە پارتىيەدىن خۇش.

ياشىغاچ باياشات بارچە خەلقىمىز،
سۇ ئىچكەن قۇدۇقنى ئۇنتۇماس ھەرگىز...
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر