ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

گېزىت ھەققىدە غەزەل

مەمەت مۇسا  

2017.12.28 17:22 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

قانات پۈتۈپ ئارمانلىرىمغا، دىلغا ئوتلار ياقارسەن گېزىت
دەريا ـ دەريا سۆيگۈنى باشلاپ ۋۇجۇدۇمغا ئاقارسەن گېزىت.

ئۇچۇر بېرىپ جاھان ئىشىدىن سېلىپ مېنى زوق ـ ھاياجانغا،
نۇرلاندۇرۇپ ئەقىل كۆزۈمنى بىغۇبار قىپ ئاچارسەن گېزىت.

كۆرسىتىسەن گۈزەل ئەتەمنى، ئىلھام بېرىپ مەغرۇر ياشاشقا،
سائادەتلىك بەخت يولۇمغا قىزىل گۈللەر تاقارسەن گېزىت.

سەندىن يۇلتۇز، چولپان سانايمەن، دەيمەن گۈلخان بولۇپ يانايمەن،
تەشنالىققا قاندۇرۇپ مېنى، چەكسىز غەيرەت قوشارسەن گېزىت.

يېڭىلىققا ئىنتىلگەن كۆڭلۈم، سەندىن كۆرەر كارامەتلەرنى،
مۆجىزاتلار نامايان سەندە، داۋانلاردىن ئاشارسەن گېزىت.

تەشنالىققا قاندۇرۇپ ئەلنى، قويۇۋەتمەي دەقىقە بەلنى،
نائىل بولۇپ ئىشەنچ ـ ھۆرمەتكە، قىرغاقلاردىن تاشارسەن گېزىت.

تارىخ پۈتۈپ، تارىخنى سۆزلەپ، ھەقىقەتنى داۋاملىق كۆزلەپ،
چىمەنلەردە بۇلبۇلگويادەك شوخ قاناتلار قاقارسەن گېزىت.

ئەل ـ ئاۋامنى توغرا يېتەكلەپ، قىزىلگۈلدەك كۈلۈپ پورەكلەپ،
كۆڭۈللەرنىڭ ئاسمانلىرىدا چولپان بولۇپ چاقنارسەن گېزىت.

تۇتاشتۇرۇپ بارچە دىللارنى، قايىل قىلىپ ئۇچقۇر يىللارنى،
ئاۋام بىلەن كەلگۈسى تامان ئۆتكۈر كۆزدە باقارسەن گېزىت.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر