ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

يۈرۈش قىلغىن ئىلىم ـ پەنگە، ھۈنەرگە

ئازادجان ئىبراھىم  

2017.12.28 17:21 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئىلىم ـ پەننى، تېخنىكىنى، ھۈنەرنى،
كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىنىشتىن ئېرىنمە.
ھۈنەر، بىلىم يەتكۈزىدۇ ئارمانغا،
ئەل كۈتمىگەن ئىشلارغا كۆپ بېرىلمە.

ئىلىم ـ پەن ئۇ يۈكسىلىشنىڭ ئاساسى،
ئىلىم بىرلە پۇختا ئاساس سېلىپ تۇر،
تىرىكتاپلىق نابۇت قىلار ئادەمنى،
قېتىرقىنىپ كۆپلەپ بىلىم ئېلىپ تۇر.

ئىلىم ـ پەننىڭ سېھرىي كۈچى غايەتتۇر،
پەن ـ بىلىمنىڭ چىن سىرىنى بىلگەنگە.
بەخت ـ ئامەت باقمايدىكەن بىر ئۆمۈر،
قىممىتىنى يارىتالماي يۈرگەنگە.

كۆزلىگىنىڭ بولسا راھەت ـ پاراغەت،
ھامان بىر كۈن ئېغىر ئازاب چېكىسەن،
يۈرۈش قىلساڭ ئىلىم ـ پەنگە، ھۈنەرگە،
بۇ دۇنيادا خۇشال ـ خۇرام ئۆتىسەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر