ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

ئىككى دوست

قەلەمجان ئوبۇل  

2017.12.28 17:19 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ۋاڭ يىڭ بىلەن ئەخمەتجان
ئاغىنە ھەم ساۋاقداش.
بىر ـ بىرىگە يار ـ يۆلەك،
دوست ـ بۇرادەر ھەم ئاداش.

ئېسىن تاپقان كۈنىدىن،
بىللە ئويناپ چوڭ بولغان.
نانلىرىنى بىللە يەپ،
ئەقىل ـ كۈچكە تەڭ تولغان.

ئەخمەتجانمۇ سۆزلەيتتى
خەنزۇچىنى بەك راۋان.
ئۇيغۇرچىنى ۋاڭ يىڭمۇ
دەيتتى دائىم ئەڭ ئاسان.

بىر ـ بىرىنىڭ تىلىنى
ھەر ئىككىسى ئۇقاتتى.
پاك قەلبىگە ئىناقلىق
ئۇرۇقىنى چاچاتتى.

تەكرارلايتتى دەرسىنى
بىر ـ بىرىگە ئۆگىتىپ.
ئۆيلىرىگە قايتاتتى
تاپشۇرۇقنى تۈگىتىپ.

شۇنداق بولغاچ سىنىپنىڭ
ئىككىلىسى كۆزىتى.
ئوقۇتقۇچى بولمىسا
مۇئەللىمنىڭ ئۆزىتى.

كېتىۋېتىپ ئۆيىگە
ئىككىلىسى بىر كۈنى.
ئاڭلاپ قالدى بىراۋنىڭ
ئەنسىزگىنە ئۈنىنى.

ئاۋاز كەلگەن تەرەپكە
ئىككىسى تەڭ يۈگۈردى.
ئۆستەڭدىكى بالىنى
كۆرۈپمۇ ھەم ئۈلگۈردى.

«قۇتقۇزۇڭلار!» دەيتتى ئۇ
بىردە چۆكۈپ، بىر لەيلەپ.
ئويلاشمايلا ئىككى دوست
چۈشتى سۇغا بىر ـ بىرلەپ.

سۇ بىلەن كۆپ جەڭ قىلىپ
سوقۇشتۇردى ئۈزەڭگە.
سۈزۈپ چىقتى بالىنى
ئەڭ ئاخىرى تۈزلەڭگە.

شۇ ئارىدا بالىنىڭ
كەلدى ئاتا ـ ئانىسى.
«ۋاي بالام» دەپ پەلەككە
يەتتى ئاھۇ ـ نالىسى.

كۆرۈپ بالىنى ساپساق
بولدى ئۇلار شادىمان.
بەرمەك بولدى كۆپ پۇلنى
رەت قىلىندى شۇ ھامان.

ياخشىلىقنى كۆپ قېتىم
قىلدى ئۇلار ئىككىسى.
مىننەتسىز ھەم تاماسىز
بولدى قىلغان ھەر ئىشى.

ئىتتىپاقلىق ـ ئىناقلىق
نۇرلىرىنى چاچتى كەڭ.
يەڭدى بىللە جاپانى
مەنزىلىدە تەپمۇ تەڭ.

ھېكايىسى بۇلارنىڭ
سۆزلىگەنگە تۈگىمەس.
ۋاڭ يىڭ، ئەخمەتجانلارمۇ
بار يەنە، ئىككى ئەمەس.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر