ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

قۇرۇلتايغا مەدھىيە

مۇبارەك پارتىيەم قۇرۇلتىيىڭغا

(مۇخەممەس)

ئابلىمىت قۇربان

2017.12.18 17:14 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

           ئۇلۇغ كومپارتىيە، مېھرىڭ گويا شەربەت- قىيام بىزگە،
           بولۇپ كەلدىڭ ئەزەلدىن سەن قاياش ھەم مېھرىبان بىزگە،
           چېلىش- جەڭلەردە كۆرسەتتىڭ ئەجەب نۇرلۇق نىشان بىزگە،
           بەخت- ئىقبالغا يول ئاچتىڭ ئازادە- كەڭ، راۋان بىزگە،
           ياراتتىڭ سەن پاراغەتلىك گۈزەل، ئاۋات زامان بىزگە.

           بېسىپ ئۆتتۈڭ ھاياتىڭدا تۈمەنمىڭ زور سەپەرلەرنى،
           شىجائەت- غەيرىتىڭ يەڭدى قىلىپ بەربات خەتەرلەرنى،
           گېزى كەلسە بەدەل بەردىڭ باھادىر، مەردۇ- مەردلەرنى،
           جاپايىڭ كەتمىدى زايە، ھامان قۇچتۇڭ زەپەرلەرنى،
           ۋەتەن- ئەل بەختىچۈن سىڭگەن تالاي ئەجرىڭ ئايان بىزگە.

           زىلال چەشمە بۇلاقىسەن ئەقىل- ئىدراك، پاراسەتنىڭ،
           دېڭىز- ئوكيانى سەن گويا مېھىر- شەپقەت، شاپائەتنىڭ،
           قولۇڭدا بايرىقى لەرزان لەپىلدەيدۇ ئادالەتنىڭ،
           دېمەك، سەن باركى، ھەر سەپتە نۇرى چاقنايدۇ ئامەتنىڭ،
           جىمى ئىشلارغا سەن قابىل، ئادىل ھەم مېھرىبان بىزگە.

           بولۇپ باش ئەلدە ئورناتتىڭ مۇقىملىق، ئىتتىپاقلىقنى،
           يوقاتتىڭ مەڭگۈ كەلمەسكە ئارازلىقنى- يىراقلىقنى،
           ئىجىلدۇر بارچە مىللەتلەر سۆيەر ئامراق- ئىناقلىقنى،
           قىلار مىزان شۇ دەم ھەركىم غۇبارسىز- كۆڭلى ئاقلىقنى،
           قۇرالماس پىتنىدىن قاپقان ھۇۋقۇشلار ھېچقاچان بىزگە.

           سېنىڭ دانالىقىڭ بىرلە قويۇلدى ئىسلاھات يولغا،
           ئېچىلدى ئىشكىمىز داغدام- راۋان چەتكە، كىچىك- چوڭغا،
           كۆپەيدى دوستىمىز چەندان، تۇتۇشتۇق قولنى بىز قولغا،
           مۇنار تىكلەندى دوستلۇققا مېھىردىن خىش قويۇپ ئۇلغا،
           نەزەر سالماقتا ھۆرمەتتە شۇڭا پۈتكۈل جاھان بىزگە.

           سېنىڭدىن كۈچ تېپىپ خەلقىم جاسارەتكە تولۇپ تاشتى،
           سانائەت دۇلدۇلى مەنزىلسېرى ئۆرلەپ داۋان ئاشتى،
           يېغىپ ئامەتمۇ دېھقانغا ھوسۇل تاغلارغا يانداشتى،
           ئىلىم- پەن گۈللىرى ياشناپ- چېچەكلەپ خۇش پۇراق چاچتى،
           تۈزۈپ بەرگەچكە سەن تەدبىر، بۈيۈك- يۈكسەك پىلان بىزگە.

           شۇ دەم ئاچتىڭ زەپەر بىرلە ئۇلۇغ، شانلىق قۇرۇلتاينى،
           ئۆزۈڭگە مەھلىيا ئەيلەپ جاھان ھەتتا قۇياش، ئاينى،
           خۇشاللىققا چۆمۈلدۈردۈڭ شەھەر، سەھرا... جىمى جاينى،
           «ناۋا»، «شاديانە» شاد قىلدى خوتەن، قەشقەرنى، ئالتاي...نى،
           جاكار قىلدىڭ قۇرايلى ئۆم- ئىناق دۆلەت دېبان بىزگە.

           قۇرۇلتاي بىرلە تارىختا ئېچىلدى يېڭىدىن بىر بەت،
           گويا ئالتۇن كەبى چاقنار قارار، پەرمان، بۈيۈك ھۆججەت،
           ئۇنىڭ روھى بەخش ئەتتى ئاۋامغا مىسلىسىز قۇدرەت،
           كۈتەر خەلقىمنى بۇندىنمۇ زىيادە قۇت- بەخت، نۇسرەت،
           بولالماس ھېچقاچان توسقۇن سەپەردە تاغ- داۋان بىزگە.

           بۈگۈن ئەل ھۆسنى- رۇخسارى قۇياشتەك پارلىدى، كۈلدى،
           باھار قىشلايدۇ، كۆچمەيدۇ، ئۇ مەڭگۈ بىزگە يار بولدى،
           شاھانە بارچە دىل، چۈنكى بېشىغا قۇت قۇشى قوندى،
           يۈرەكتە ئىپتىخار، شادلىق، شاراب جاملارغا لىق تولدى،
           مۇبارەك پارتىيەم شانلىق قۇرۇلتاي، بول ئامان بىزگە!
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر