ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

مەدەت بەردى، كۈچ بەردى جىمى ئەلگە قۇرۇلتاي

قۇربان داۋۇت

2017.12.18 17:13 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

           ۋۇجۇدلاردا زىلزىلە ئالتۇن كۈزدە، ئايەمدە،
           ئۇلۇغ ئارزۇ ئىللىتقاچ، بىز بەختىيار ئالەمدە.

           ئىپتىخارنى، شەرەپنى ھېس قىلدۇردى قۇرۇلتاي،
           تەلپۈنىمىز بېيجىڭغا بۇرچىمىزنى ئۇنتۇماي.

           پارتىيەمىز قۇياشتەك تەڭرىتاغنى يورۇتتى،
           قۇرۇلتاينىڭ غەلبىسى روھىمىزنى ئۇرغۇتتى.

           پارتىيەمىز يولباشچى، جۇڭخۇا بىزنىڭ ئانىمىز،
           شۇڭا مەزمۇت، مۇستەھكەم بىزنىڭ ئۈمىد تانىمىز.

           ئەستە ساقلاپ بۇرچنى، ئىناق دۆلەت قۇرىمىز،
           مەركەز بىلەن بىر سەپتە تىك، مەردانە تۇرىمىز.

           قىزىل بايراق تارىخنىڭ، ئىنقىلابنىڭ مېۋىسى،
           كۆڭۈللەرنى كۈلدۈردى ھاللىق تۇرمۇش جىلۋىسى.

           ھەقىقەتتۇر، ھېكمەتتۇر ئەلگە ياققان باش نىشان،
           ئەللىك ئالتە مىللەت بىز ئۇيۇل تاشتەك ئۇيۇشقان.

           ئاتا قىلدى پارتىيەم يېڭى دەۋر، ياخشى كۈن،
           سوتسىيالىزم يولىدا كىيىم پۈتۈن، روھ پۈتۈن.

          مۇقەددەستۇر ۋەتەننىڭ ئىپتىخارى، شەرىپى،
           كۈيلىگەنگە تۈگىمەس پارتىيەمنىڭ تەرىپى.

           بۈيۈك جۇڭخۇا بىر قامۇس، ئوقۇپ- ئوقۇپ قانمايمىز،
           كومپارتىيە باشلىغان يولدىن ھەرگىز يانمايمىز.

           سېنى سۆيۈش ئەھدىمىز ئۇلۇغ ۋەتەن، گۈل ۋەتەن،
           سۆيگۈ ئەمەس، ھەتتاكى تەسەددۇقتۇر جانۇ- تەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر