ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

ھەممىدىن ئۇلۇغ سەن ۋەتەن ئانىجان

ئابدۇغۇپۇر ئابدۇراخمان

2017.12.18 17:12 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

           يىلتىزسىز ھاياتلىق بولماس بەخشەندە،
           پەخىرگە تالىقمەن يىلتىزىم سەندە،
           سۇغاردىڭ مېھرىڭگە تويدۇرۇپ مېنى،
           ھاياتىم بەرق ئۇرۇپ ياشنىدى سەندە،
           ھەممىدىن ئۇلۇغ سەن ۋەتەن ئانىجان،
           تا ئەبەد خورىماس سەن بەرگەن دەرمان.

           ھاياتىم ئىززىتى غۇرۇرۇم سەندە،
           تەلىيىم، شەۋكىتىم، ھۇزۇرۇم سەندە،
           سەن بىلەن تا ئەبەد پۈكۈلمەس قەددىم،
           تەھقىقكى بارلىقىم ساڭا پەيۋەندە،
           ھەممىدىن ئۇلۇغ سەن ۋەتەن ئانىجان،
           ھەممىدىن مۇقەددەس سەن بەرگەن ۋىجدان.

           سەندە بار بوۋامنىڭ چاپقان ئېرىقى،
           سەندە بار دادامنىڭ تىككەن دەرىخى،
           ئۇلغايدۇق بارچىمىز پەرۋىشىڭ بىلەن،
           سەندە بار ئانامنىڭ خۇشبۇي تىنىقى،
           ھەممىدىن ئۇلۇغ سەن ۋەتەن ئانىجان،
           ھەممىدىن مەززىلىك ئۆزۈڭ بەرگەن نان.

           سەن بارچە مىللەتنىڭ گۈزەل باغچىسى،
           باراۋەر ئۇلارنىڭ ھۆرمەت، قىممىتى،
           ئىجىللىق ئىلكىدە ياشار شاد- خۇرام،
           ئوخشاشتۇر نىشانى تەقدىر- قىسمىتى،
           ھەممىدىن ئۇلۇغ سەن ۋەتەن ئانىجان،
           ھەممىدىن قىممەتلىك سەن بەرگەن ئىمكان.

           ئارزۇلار يولىدا چېپىپ بارىسەن،
           ئۇلۇغۋار پەللىلەر ئېشىپ بارىسەن،
           پايانسىز جاھاننىڭ ھەممە يېرىگە،
           دوستلۇقنىڭ ئۇرۇقىن چېچىپ بارىسەن،
           ھەممىدىن ئۇلۇغ سەن ۋەتەن ئانىجان،
           تۆھپەڭگە قايىلدۇر جىمىكى جاھان.

           مەردانە تەشەببۇس «بىر بەلباغ، بىر يول»،
           جاھان خەلقى بىلەن تۇتۇپ قولغا- قول،
           ئىلگىرىلەش تۇغىنى قىلدۇرۇپ جەۋلان،
           نۇسرەتلىك مەنزىلگە ماڭدىڭ سەن ئۇدۇل،
           ھەممىدىن ئۇلۇغ سەن ۋەتەن ئانىجان،
           ھەممىدىن نۇرانە سەن ماڭغان نىشان.

           كۆپ جايلار كەزدىم مەن رىغبىتىڭ بىلەن،
           ھەمراھ بوپ قۇياشتەك شەپقىتىڭ بىلەن،
           ئالەمچە پەخىرگە چۆمۈلدى قەلبىم،
           ئۇندىكى مۇقەددەس ھۆرمىتىڭ بىلەن،
           ھەممىدىن ئۇلۇغ سەن ۋەتەن ئانىجان،
           بەختىمگە مەڭگۈلۈك ئۆزۈڭ پاسىبان.

           ھىدايەت يولىدا سېنىڭدۇر باش رەت،
           گۈزەللىك بابىدا سېنىڭدۇر باش بەت،
           شەرقتە نۇر چېچىپ تۇرغان گۆھەرسەن،
           دۇنيانىڭ ھۆسنىگە قوشۇپ سالاپەت،
           ھەممىدىن ئۇلۇغ سەن ۋەتەن ئانىجان،
           ئەبەدىي ھەمراھتۇر ساڭا شەرەپ- شان.

           كارامەت قىسسەلەر پۈتۈلگەن سەندە،
           ئاجايىپ قىسمەتلەر ئۆتۈلگەن سەندە،
           دۇنياۋى قامۇسنىڭ تۆرىدە ئورنۇڭ،
           قانچىلاپ مۆجىزە يېتىلگەن سەندە،
           ھەممىدىن ئۇلۇغ سەن ۋەتەن ئانىجان،
           مېھرىڭدىن كۈچ ئېلىپ كۈلمەكتە ئارمان.

           شەرەپلىك پارتىيە بىزگە پاسىبان،
           يېتەكلەر كۆرسىتىپ نۇرانە نىشان،
           ماڭىمىز ئەگىشىپ پەللىلەر ئاتلاپ،
           كۈرەشتە توختاۋسىز قۇچۇپ زەپەر- شان،
           ھەممىدىن ئۇلۇغ سەن ۋەتەن ئانىجان،
           بىز ئۈچۈن مۇقەددەس سەن بەرگەن پەرمان.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر