ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

ياشايمىز پاراغەتتە

ئابلىز ئۆمەر شېئىرى، تۇرسۇنمۇھەممەت ئوسمان فوتوسى

2017.12.18 17:11 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

          ۋەتەن تۇپراقى خىسلەتلىك، جىمى مىللەت سائادەتتە،
          ياشايمىز ئۆم- ئىناق، قوۋناق كېچە- كۈندۈز پاراغەتتە.

          بۈيۈك كومپارتىيە باشچى، پۈتۈن جۇڭخۇا ئېلىم قوشماق،
          گۈزەل مەنزىلگە يول ئالدۇق كاپالەتلىك ھىمايەتتە.

          خۇراپاتلىق، نادانلىقتىن ئەسەرمۇ قالمىدى ئەلدە،
          ئەسەبىيلىككە ئوت ئاچتۇق تەرەپ- تۇشتىن پاراسەتتە.

          ئىناقسىزلىق زۇلۇم- زىندان، بولالماس ھېچ كىشى دىلجەم،
          ئۆتەر تەشۋىش، قاراڭغۇدا ئەلەم- دەردلىك قاباھەتتە.

          لېكىن جۇڭخۇا ئېلىم باشقا، جىمى مىللەتكە ئۆملۈك يار،
          ئاشۇ ئۆملۈك، ئىناقلىقتا ياشار خۇشۋاق ئىنايەتتە.

          گۈزەل شىنجاڭ روناق تاپتى، سەپەر ئۈزرە ئۇچۇپ چاپتى،
          پاراۋانلىق ئېسىل تۇرمۇش ئۆتەر بەزمە- باراۋەتتە.

          يېتىم- يوقسۇل، قېرى- چۈرى، كېسەل- مەجرۇھ دىلى ئويغاق،
          سۈرەر بەخت ھۇزۇرىنى ئىجازەتلىك كاپالەتتە.

          قازاق، قىرغىز، تاتار، ئۆزبېك، شىبە، ئۇيغۇر، مانجۇ، خەنزۇ،
          يەنە تاجىك، رۇس ۋە موڭغۇل، داغۇر، خۇيزۇ ھىدايەتتە.

          گۈزەل ئىقبالغا ئات سالدۇق ئىناقلىق خورىنى توۋلاپ،
          ئەمەس ھېچكىم سەپەرلەردە نادامەتلىك خىجالەتتە.

          ئىناقلىق ناخشىسى ياڭرار شەھەر- سەھرا، دالالاردا،
          خۇراپات توڭلىرى ئېرىپ ئېقىن بولدى ھارارەتتە.

          ياشا- ياشنا ئەزىز خەلقىم بولۇپ ماڭدامدا مىننەتدار،
          روناق تاپقىن ئانام − شىنجاڭ ئەبەد پارلاق سىياسەتتە.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر