ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

شائىرمەن

قۇربان مولنىياز

2017.12.18 17:08 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

           ئۇلۇغ ۋەتەن مېھرىدىن قۇۋۋەت ئالغان شائىرمەن،
           مېھنىتىمدىن بەختىمگە ئاساس سالغان شائىرمەن.
          
           ئەقىل تاپقاچ بىلىمدىن، كۈي ياڭرىتىپ دىلىمدىن،
           شەربەت تۆكۈپ تىلىمدىن، داستان يازغان شائىرمەن.

           بولغاچ يۆلەك پارتىيەم، نۇسرەت قۇچۇپ ئىشىمدىن،
           پەللىلەردە زەپەرنىڭ سازىن چالغان شائىرمەن.

           مەنمەنلىكتىن ساقلىنىپ، سىناقلاردا تاۋلىنىپ،
           ئارزۇ - ئارمان ئىشقىدا ئوتتەك يانغان شائىرمەن.

           ئىشقا ئاشقاچ قەسىمىم، راۋانلىشىپ قەدىمىم،
           قەلىمىمدىن ھەقىقەت- ھېكمەت تامغان شائىرمەن.

           كۈيلەپ دائىم ۋەتەننى، پارتىيەنى، خەلقنى،
           سەپنىڭ ھارماس تۇلپارى دەپ ئاتالغان شائىرمەن.

           يول كۆرسەتكەچ پارتىيەم، تىكلەپ ئابرۇي- ئىناۋەت،
           ئەل ئۈمىدى- ئىشقىنى دىلغا تاڭغان شائىرمەن.

           شۇڭا ھەرچاغ پاك بولۇپ، ھەقىقەتنى دوست تۇتۇپ،
           قاراپ پارلاق مەنزىلگە يوللار ئالغان شائىرمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر