ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ۋەتىنىم ماڭىدۇ سەپنىڭ ئالدىدا

غۇپۇر رەخىم

2017.12.12 12:36 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

          ۋەتىنىم ئەڭ گۈزەل قۇدرەتلىك دۆلەت،
          قۇچىقى باغ- بوستان، گۈلزارلىق ھەيۋەت،
          ۋەتىنىم ئالەمدەك ئاتەش مېھرىدىن
          مىلياردلاپ ئىنسانغا بەردى نۇر، شەپقەت،
          ئاشنادۇر ئۇنىڭغا مۇقەددەس مېھنەت،
          ئايرىلماس ئىككىسى، ئايرىلماس پەقەت.

          ۋەتىنىم مېھنەتتىن شان- شەرەپ قۇچتى،
          ئېرپاننىڭ كۆكىدە ئەنقادەك ئۇچتى،
          ئۇنىڭكى تەڭداشسىز قۇدرىتى بىلەن
          پەلەكتىن يۇلتۇزلار زېمىنغا كۆچتى،
          مېھنەتتىن ھەر كىمنىڭ قىممىتى ئۆستى،
          ھۆسنىگە نۇرانە گۈزەللىك توشتى.

          مۇقىملىق، ئەمىنلىك نۇرى چېچىلدى،
          ئىستىقبال ئىشىكى كەڭرى ئېچىلدى،
          يۈكسىلىش، گۈللىنىش نۇسرىتى بىلەن
          بايلىقنىڭ ئۈستىگە بايلىق قېتىلدى،
          ئەۋلادتىن پەخىرلىك ئالىم يېتىلدى،
          كەشپىيات نۇرلىرى تەكشى سېپىلدى.

          ئەجدادلار ئىزىنى بېسىپ ئەۋلادلار،
          ياراتتى ئىزدىنىپ ئىلمىي ھېكمەتلەر،
          ھەر ھېكمەت تەپتىدە يېڭى مۆجىزە،
          ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ياغدى بەركەتلەر،
          ماڭلاي تەر- ئەجىردىن كۈلدى چېچەكلەر،
          ۋىسالغا، ۋايىغا يەتتى تىلەكلەر.

          دۇنيانىڭ كۆزلىرى بىزگە تىكىلىپ،
          ھەيرانە «نەقەدەر تەرەققىيات» دەپ،
          ياشنايدۇ ۋەتىنىم، ياشايدۇ خەلقىم،
          ھەرقانداق ئەھۋالدا ھەققانىيەت دەپ،
          ئادالەت بايرىقى كۆكتە لەپىلدەپ،
          تۇرىدۇ زەپەردىن زەپەرگە ئۈندەپ.

          ماڭىمىز سەپەردە يوللارنى قاتلاپ،
          يېتىمىز پەللىگە تاغ- داۋان ئاتلاپ،
          كەلگۈسى نۇرانە كۈلۈپ باقماقتا،
          بارىمىز قېشىغا ئۇچقاندەك قاتناپ،
          سۆيىمىز پات يېقىن ئۇنى قۇچاقلاپ،
          ماڭىمىز مەردانە، دادىل ئۇزاقلاپ.

          ۋەتىنىم پۇختا ئۇل سالدى زامانغا،
          ئېرپاندا تونۇلدى پۈتۈن جاھانغا،
          خەلقىمنىڭ ھاياتىي قۇدرىتى ئېشىپ،
          يېتىشتى باغباراڭ، گۈلزار ماكانغا،
          يول داغدام، يول راۋان ماڭساق قايانغا،
          قۇت- بەخت باقىدۇ ئالغا ماڭغانغا.
          
          ۋەتىنىم ماڭىدۇ سەپنىڭ ئالدىدا،
          خەلقىممۇ ماڭىدۇ ئەلنىڭ ئالدىدا،
          قۇچقان شان، نەتىجە، زەپەرلىرىمىز
          ساقلىنار تائەبەد ئەۋلاد يادىدا،
          ئېرىشكەچ كۈچ- قۇدرەت چەكسىز ئىمكانغا،
          يېتىمىز ئەڭ پارلاق گۈزەل دەۋرانغا!
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل